تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› ساپ شىركىتى 7مىلىيارد 800مىلىيۇن دوللارغا سۇباسنى سېتىۋالدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 268
    kasandira766@sina.com

    يازما سانى : 195
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-9-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ساپ شىركىتى 7مىلىيارد 800مىلىيۇن دوللارغا سۇباسنى سېتىۋالدى

    ساپ شىركىتى 7مىلىيارد 800مىلىيۇن دوللارغا سۇباسنى سېتىۋالدى

    بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلگىچە، پۈتۈن يەر شارى IT بازىرىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قوشۇۋېلىش ھىساپلىنىدۇ.


      تۈنۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كارخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتال شىركىتى SAP بېيجىڭدا، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇستەقىل يۇمشاق دېتال ياساش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان Sybase شىركىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە سېتىۋېلشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللىك ۋاقىت جەدىۋىلىنى تاماملىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  SAP نىڭ 5 مىلىيارد 800 مىلىيون دوللار سەرپ قىلىپ Sybase نى سېتىۋېلىشى، بۇ يىلقى پۈتۈن يەر شارى IT بازىرىدىكى ئىككىنچى پەسىلگىچە بولغان مەزگىلدىكى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قوشۇۋېلىش بولۇپ قالغان؛ ھالبۇكى، ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۆزەك ياساش چوڭ سودىگىرى ئىنتېر شىركىتى، بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى شىركىتى (McAfee) بىىلەن ئاللىقاچان سېتىۋېلىش ئىشلىرى توغرىلىق بىردەكلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى جاكارلاپ، سېتىۋېلىش ئۈچۈن 7 مىلىيارد 680 مىلىيون دوللار نەق پۇل سەرپ قىلغان پەسىللىك قوشۇۋېلىش يېڭى رىكورتىنى ياراتقان.

     يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردىكى كارخانىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش
     
    « SAP ۋە Sybase ئىككى تەرەپ بازار ۋە مەھسۇلات تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر- بىرىنى ئىنتايىن ياخشى تولۇقلىيالايدۇ، بىز قوشۇۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، كەسىپلىرىمىزگە يېڭىچە بىر ۋەزىيەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولۇپمۇ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يەرشارىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كارخانىلارنى مەنپىئەتلەندۈرۈش كېرەك».  تۈنۈگۈنكى قوشۇۋېلىش ئاخباراتى تارقىتىش يىغىنىغا، SAP نىڭ بىرلەشمە يىغىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىدىن بېل مىكدېمورت، ھاگامان سىنەبې جىم ۋە Sybase باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېڭ شۇزوڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. ھاگامان سىنەبې جىم ( Jim Hagemann Snabe) قوشۇۋېلىش پىلانىغا ئاساسلانغاندا، كېيىنكى 9 ئاي ئىچىدە، SAP ۋە Sybase ئىككى تەرەپ كارخانا خېرىدارلىرى ئۈچۈن بىر ھەرىكاتچان سەھنە يارىتىپ، كەڭ -كۆلەملىك كارخانا ئۇچۇر باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىدىكى مەھسۇلات بىرىكمىسى، كەسىپ تەھلىلى ئاساسىي قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، SAP نەق پۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا چاقىرىق قىلىش شەكلىدە، Sybase تارقاتقان بارلىق ئادەتتىكى پايلارنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 5 مىلىيارد 800 مىلىيون دوللار بولغان.


    جۇڭگودىكى كېڭىيىش قەدىمىنى تېزلىتىش

        بۇ قېتىم SAP يەر شارى مۇدىرىيەت يىغىنى ۋە قوشۇۋېلىنغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ «كۈچلىنىش» نىڭ جۇڭگودىكى كېڭىيىش قەدىمدىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2010 -يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، SAP نىڭ جۇڭگودىكى كەسىپلىرى ئۈزلۈكسىز ئارقىمۇ -ئارقا ئىككى ساننىىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. كىرىمنىڭ ئېشىشى، يېڭى ئابونتلارنىڭ كۆپىيىشى، بازارنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش قاتارلىقلارنىڭ، SAP نىڭ پۈتۈن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كەسپلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولغان.

    ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ۋە ياپونىيەنىڭ شىركەت باش دىرېكتورى Steve Watts (ستېۋ.ۋاتس)، Sybase نى سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۆز ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ كارخانا ئابونتلىرىغا قارىتا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكەتچان كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە،  SAP نىڭ جۇڭگودىكى خادىملىرى ئاللىقاچان 2500 گە يەتكەن، يەنە شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى تەسىس قىلغان، Sybase نىڭ جۇڭگودىكى شىركىتى بولسا بېيجىڭدىن سىرت يەنە شاڭخەي، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلغان.

     خەۋەرلەر ئۇلانمىسى

     پۈتۈن يەرشارى  IT بازىرىدىكى  قوشۇۋېلىشلار «سېتىۋېلىش»

        يېقىندا پۈتۈن يەر شارىدىكى تۆت چوك بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەنيۇڭ بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ سىتاستىكا دوكلاتىدا، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە، پۈتۈن يەر شارى IT بازىرىدا جەمئىي 557 قېتىملىق قوشۇۋېلىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا IT بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قوشۇۋېلىش جەمئىي 272 قېتىم بولغان بولۇپ، رەتكە تۇرغۇزغاندا ئەڭ ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان، جۇڭگو 3- ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئېلىپ بېرىلغان جەمئىي قوشۇۋېلىش سانى 33 قېتىمغا يەتكەن. بۇ 577 قېتىملىق قوشۇۋېلىش ئىچىدىكى 7 قېتىملىقىنىڭ كۆلىمى 1 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھالبۇكى بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇۋېلىش بولسا   SAP نىڭ Sybase نى سېتىۋېلىشى بولۇپ،قوشۇۋېلىش سوممىسى 5 مىلىيارد 800 مىلىيون دوللار بولغان.

     

    بۇ يىل پۈتۈن يەر شارى IT بازىرىدىكى زور قوشۇۋېلىشلاردىن يەنە، Visa نىڭ، ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلغۇچ بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىلىنلىگۈچى Cybersource نى سېتىۋېلىشى (سوممىسى 1 مىلىيارد 830 مىلىيون دوللار)، IBM نىڭ، AT&T تەۋەلىكىدىكى Sterlling Commerce نى سېتىۋېلىشى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : SAP , بازار , Sybase , ئەڭ چوڭ , قوشۇۋېلىش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-25 11:06:01
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 11973
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证