قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە
مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەكتۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى، بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. ئوغۇللار_ يىلىكى قاتمىغان ئەركەكلەر تانسىخانىغا كىرسە قارنى ئاچ موزاي-توپاقلاردەك تاقىلداپ كېتەتتى، پۇشۇلدايتتى، كۆزلىرى تويمايتتى، راسىتىنى ئېيتقاندا نەپسى تويمايتتى، قايسىسى گۈل، قايسىسى تىكەن، قايسىسى سېسىغان ئوت-چۆپ، ئىلغىماي يەيتتى. مۇئەللىم نەدە، دەرس نەدە، كەلگۈسى غايە نەدە... كۆتەر قاسقاننى، كىم كۆردى ئۇيغۇردىن ئالەمشۇمۇل ئالىم بولغاننى، پەقەت كۆرۈۋاتىمىز زالىم بولغاننى. ھەممىسى بېسىم، ھەممىسى مۇشەققەت. پەقەت مۇشۇ دۆت قىزلارلا كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزىدۇ، ھەممىسى پوكانغا لايىق ئىشرەت ئالمىلىرى، پۇراپ باقىمىز، چىشلەپ باقىمىز، تاشلايمىز. ئۇلارنى يەنە بىر كىم تېرىۋالىدۇ. ... تانسىخانا چىراغلىرىدەك مەستخۇش ئايلىنىۋاتقان باشتا ھەۋەس قاينايدۇ.