تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى يۆتكىلىدۇ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    1326291572@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى يۆتكىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى خەۋىرى: كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سىياسى، ئىختىسادى مەركىزىنى باشقا جايغا يۆتكەش پىلانى بېكىتىلدى. بۇنىڭدا ئالتاي شەھىرى 3 يىل ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە يۆتلىكىپ، يېڭىچە بىر شەھەر ئۇلۇنگۇر كۆلى بويىغا ماكانلىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېڭى بىر سىياسى، ئىقتىسادى مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
                 يېقىمقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئالتاي ۋىلايىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان ئىختىسادى تەرەققىيات يۆلىنىشىدىن يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى، بىراق ھازىرقى ۋىلايەتلىك پارتكۇم، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بەكلا شىمالىدىكى چېگرا رايونغا چايلاشقان بولغاچقا، رايون ۋە جۇغراپىيىلىك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى بىلەن، ماكان تارلىشىپ، تەرەققىياتى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپ، مەركىزى شەھەرلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالماي، يېڭى بىر شەھەرنىڭ تىرەك بولۇشىغا توغرا كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى2009-يىلى 8-ئايدا ئالتاي شەھىرىنى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بۇرۇلتوقاي يېڭى رايونىغا يۆتكەشنى تەستىقلىدى، بۇ قۇرۇلۇشتا 2010-يىلى 4-ئاينىڭ30-كۈنى ئىش باشلىنىدىغان بولۇپ 5 مىلىيارت يۇەن مەبلەغ سېلىنىپ، 3 يىل ئىچىدە كوچا، ئىدارە-ئورگانلار بىنا قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتلار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار تاماملىنىپ، شەھەرنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسى شەكىللىنىدىكەن. 2013-يىلى دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن ۋىلايەتلىك مەۇرى مەھكىمىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى بۇرۇلتوقاي يېڭى شەھەر رايونىغا كۆچۈپ بولىدىكەن.
       پىلاندىكى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ مەركىزى رايون كۆلىمى 8كۇۋادىرات كىلومېتىر، شەھەر كۆلىمى 25كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، 0.8كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق مەركىزى باغچا شەھەر مەركىزى بولىدىكەن، شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىشى 50%دىن ئاشۇرۇلۇپ، يول ۋە قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي شىمالى ياۋروپا ئۇسلۇبىدا لايىھلىنىدىكەن. 2020-يىلىغىچە نوپۇسى 200مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن. ئۈچ ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان ئىگىزلىككە جايلاشقان، قار كۆپ ياغىدىغان ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى ۋە ۋىلايەتنىڭ باشقا ناھىيىلىرى بىلەن ئارىلىقى يىراق بولغان ئالتاي شەھرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇرۇلتوقاي يېڭى شەھەر رايونى تۈزلەڭلىكتىكى تاتلىق سۇ بايلىقى مول بولغان ئۆلۈنگۈر دەرياسى ۋە ئۆلۈنگۈر كۆلى بويىغا ، 216- نومۇرلۇق ، 217-نومۇرلۇق ۋە 318- نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى نىڭ كېسىشكەن جايىدىكى قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70كىلومېتىر، باشقا ناھىيىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 32كىلومېتىر قىسقىراشتىن سىرت، كېيىنكى بەش يىلدا قۇرۇلىدىغان كۈيتۈن-بېيتۇن تۆمۇر يولى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىكەن.

    تۆۋەندىكىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەزكىرىزنىڭ يۆتكىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەرىتە:



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئالتاي , شىنجاڭ , يۆتكىلىش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-22 20:13:01
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 16830
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证