يېزىپ بولۇنمىغان «ئەسەر»
ھېكايە
ئادىل يىلدىرىم
يېقىندا مەن بىر نەچچە يىل ئەۋۋەل نەشىر قىلىنغان بىر ژورنالدىن خەلقىمىزنىڭ «مۆچەل»تارىخى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە دائىر سۇئال جاۋاپنى كۆرۈپ قالدىم . مەلۇم بىر ئوقۇرمەن ئۇ ژورنال تەھرىرىدىن : بىز «مۆچەل» دە « بېلىق يىلى » دىگەن ئاتالغۇنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدۇق ، ھازىر «بېلىق يىلى» دېگەننىڭ ئورنىنى «ئەجدىھا يىلى» دېگەن گەپ ئىگىلىدى « بېلىق» دىيىلەمدۇ ياكى « ئەجدىھا» مۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز ، دەپ سورىغانىكەن . تەھرىرى ئۇنىڭغا : « بېلىق» ئىستىمالدىن قالدى ، « ئەجدىھا» دىسىڭىز بولىۋېىدۇ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
راستىنى دىسەم بۇ تومتاق جاۋاپ كاللامدىن ئۆتمىدى. بىز تارىختىن بۇيان ئاتاپ ئادەتلەنگەن « بېلىق» قانداق بۇلۇپ «ئەجدىھا» غا ئۆزگۈرۈپ قالدى ؟ بۇ مۆچەلنىڭ نامى زادى بېلىقمۇ ياكى ئەجدىھامۇ ؟ ۋە ياكى بۇ مىللەتلەر ئارا ئاتاشتىكى پەرىقمۇ ؟ دېگەن ئويلىرىم ئاساسىدا ئۆزۈمچە بىر ئوبزور يازماقچى بولدۇم .
مەن مۇشۇنچىلىك بولغۇچە بىرەر نەرسە يېزىپ باقمىغان بولساممۇ ، ئەمەلىيەتتە تولىمۇ يازغۇم كېلەتتى . بىر قانچە ئوقۇمۇشلۇق يېقىن دوستلىرىممۇ : ئۇنىڭ بىلىدىغىنى كۆپ ، ئۇ ئاقىۋەت يازىدۇ ، دېيىشەتتى ئىشەنچ بىلەن .
بەزىلىرى ھەتتا ماڭا مەستلىكى كەلگەن دادامدەك كۈلۈمسىرەپ قاراپ كېتەتتى . بۇ چاغلاردا كۆڭلۈم شاتلىنىپ كېتەتتىيۇ ، شۇئان سەۋيەمنىڭ خېلىلا تۈۋەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەت خوشھاللىقىمنى ئۇزۇنغا بارغۇزمايتتى . بىراق ، غەلىتە يېرى شۇكى ، تۇرۇپلا ئۆزۈمنى تەخمىنەن بىرەر يۈز يىل بۇرۇنقى زامانلاردا ئالامەت يېزىۋەتكەندەك ، ھازىر بولسا ، بەكلا قېرىپ كېتىپ ، ھەممە نەرسە ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن ، كىم نىمە دېسە ، شۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ ، تىڭىرقاپ ھەم گول بۇلۇپ يۈرىدىغان بوۋايدەك ھېس قىلىپ قالىمەن . ناۋادا مۇشۇنداق بولغىنىدا ، كونىراپ مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىش ئالدىدا تۇرغان كالامپاي بىر گەۋدىدىن نىمە پەرقىم قالىدۇ ؟!
چاچلىرىم ئاقىرىپ ۋە چۈشۈپ ئايپاڭباشقا ئۆزگۈرۋاتقان بولساممۇ ، ساقال -بۇرتۇم تولۇق چىقىپ بولالمىدى . نۇرغۇن قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرگەن ھەمدە نۇرغۇن سەتەڭ چالا چوكانلارغا كۆيۈپ قالغان بولساممۇ ، ئەپسوسكى ، تېخىچە ئۆيلەنمىدىم ....توۋا ؟! نىمىلەرنى دەپ يۈرىمەن-ھە . بولدى ، بولدى ! بۇنداق كوتۇلداۋەرمەي ئەسلى گېپىمگە كېلەي . ئىلھام كەلگەندە يېزىلغان ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ كارامەت چىقىدىكەن جۇمۇ . ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم راۋرۇس ئوخشىتىپ بىر ئوبزور يېزىۋەتتىم ! خوشھالمەن . راستتىنلا بەك خوشھالمەن. ئۆزۈمنىڭ ھەم ئاز ، ھەم ساز يېزىلغان بۇ ئوبزوررۇمغا قايتا-قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن ، ئۆزۈمدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغان ھالدا ئوڭ قۇلۇمنىڭ ئالقىنى بىلەن سول مۈرەمنى يىنىككىنە ئىككى -ئۈچ قېتىم پەپىلەپ قويدۇم . لېكىن ...لېكىن ، تۇرۇپلا :بۇ دەسلەپكى يازمام بولغاچقا خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن ، شۇڭا ئەۋۋەل بىر قانچە دوستلۇرۇمغا كۆرسۈتۈپ ، ئۇلارنى قىممەتلىك پىكرىنى بىر ئاڭلاپ كۆرەي ، دەپ ئويلاپ قالدىم .
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىمونىت ئىشخانىدا ئولتۇرىۋېرىپ سوغ ئەنگىزى ئېشىپ كەتكەن ، شۇنداق بولىشىغا قارىماي تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان چاتاقچى تەھرىرلەرنىڭ ئالدىغىمۇ يازغان نەرسەمنى تازا ئوبدان پىشۇرۇپ ئېلىپ بارمىسام بولمايدۇ-دە ؟! مەن بەزىلەردىن تەھرىرلەر توغرۇلۇق ئەنە شۇ خىلدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغانىدىم . شۇڭا بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس! دەپ ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن يازغىنىمنى كۆتۈرۈپ تۇنجى بۇلۇپ دوستۇم ئابدۇسالام يوچۇننى ئىزدەپ ئۆيىگە باردىم .
بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرمىگەن ، قىز بالىنىڭ گېپى بولۇنسىلا ، گەپنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ باشقا ياققا بۇرايدىغان بۇ دوستۇم قارىلاق كەلگەن ، ھەرقانداق بىر ئاتالغۇنى ئاڭلىسىلا ، ئۇنىڭ لوغەت مەنىسىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىدىغان ، خىيالچان ، غەلىتە مىجەز يىگىت بۇلۇپ ، ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى نىمە تەسىر قىلغان ، ئۆزىچىلا سىرتقا چىقماي ، ھېچكىم بىلەنمۇ ئارلاشماي ، ساقال -بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۋېلىپ ، سىرلىق قىياپەتكە كىرۋالغانىدى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ : ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتىمەن ، ماڭا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ ؛ ئاللا بىلەن ئوتتۇرامدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قاپتۇ ، بۇ چاتاق بولغىنى ! مەن ئاللانى تاشلىۋەتتىممۇ ياكى ئاللا مىنى تاشلىۋەتتىمۇ ؟! مەن توۋا قىلىپ روھىمنى پاكلىمىسام بولمىدى ، دەپتۇمىش . بىر كۈنى ئۇ تۇرۇپلا : ئىسلام دىنىدىن خىرىستىئان دىنى ئىلغار ئىكەن ، چۈنكى خىرىستىئانلار بەكلا تەرەققىي قىلىپ كەتتى ۋە بۈگۈنكى دۇنيانى ئەنە شۇلار چۆرگىلتىۋاتىدۇ ؛ ئەگەر مەھمۇد قەشقىرىي ھايات بولغان بولسا ، جەزمەن يەنە بىر كاتتا ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت ناسارا» نى يازغان بولاتتى ھەمدە كىتاۋىنىڭ كىرىش سۆزىگە « تەڭرى جاھان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى ناسارالارغا تۇتقۇزدى» دەپ قوشۇپ قويغان بولاتتى، دەپتۇدەكمىش . ھازىر ئۇ ئۆيىدە تېلىۋېزور كۆرۈپ ، كىتاپ ئوقۇپ تەپەككۇر قىلۋېتىپتۇمىش.
ئۇ مىنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسام ، ھېچقانداق غەيرىلىك يوق ، پەقەتكىنە بىر ئالاھىدە ئەھۋال شۇ ئىدىكى ، مۈرىسىنىڭ ئۈستىدە يۇمۇلاق بىر كاللەك تۈك ۋە چۇپۇر بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئارىسىدىن بىر جۈپ نۇرسىز كۆز بىلەن ئاپئاق چىش ئاران كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇم كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ھازىر ۋاختى ئەمەس دەپ ئويلۇدۇم . بەلكىم ھازىر ئۆز ئىشىمنى مۇھىم ، دەپ بىلگەندىمەن .
-قالتىس ! بەك ئوبدان يېزىپسەن ، قوللايمەن ! ،-دېدى ئۇ ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن ئېچىلىپ ئولتۇرۇپ ،-ئوبزوردىكى «ئۇيغۇرلار مۆچەل ھىساپلاش ئۇسولىنى ئەڭ دەسلەپ بىلگەن خەلىقنىڭ ئەۋلادى» ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىدىن بولغان مۆچەلنى خىلمۇ-خىل تارىخىي قىسمەتلەرىن ھەتتاكى ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىدىنمۇ ساپ پېتى ساقلاپ قېلىپ ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇردى».....دېگەندەك جۈملىلەر شۇنداق ئىلمىي ھەم پاساھەتلىك چىقىپتۇ . بىراق ، مىنىڭچە مۇنۇ تەرەپلەردىنمۇ قەلەم يۈگۈرتكىن . ئالايلۇق ، « مۆچەل» دىگەن سۆزنىڭ لوغەت مەنىسىنى ئىزدىنىپ كۆرگىن . ئاندىن « مۆچەل» بىلەن « توتېم» ئوخشاشمۇ ؟ «مۆچەل» جاھىليەت دەۋرىگە تەئەللۇقمۇ ؟ ئۇنىڭ بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن ئەھمىيىتى ، زۆرۆريىتى ۋە قىممىتى بارمۇ ؟ بۇ بىدئەتمۇ ياكى مۇشرىكلىكمۇ ؟ ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ....ھە...قىسقىسى ، ئىسلام ئېدىئولۇگىيىسىگە ئۇيغۇن كىلەمدۇ ؟ .......مۇشۇلارمۇ بەك مۇھىم ، ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تىگىشلىق زىدىيەتتۇر . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلام دىنى . مەدەنيىتى ، تارىخىي نۇقتىسىدىن ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى نۇقتىسىدىن ، پەلسەپە ، لوگىكا ، تارىخ قاتارلىق مۇستەقىل پەنلەر نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە يۈرگىزىدىغان بولساڭ ، ئىشىنىمەنكى ، ئوبزور تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ .
ئابدۇسالام يوچۇننىڭ پىكرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى . مەن ئەلۋەتتە ئوبزورۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن -دە ؟!شۇڭا بىر ۋاراق قەغەزگە ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خاتىرلىۋالدىم ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم . ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : -مەن كىيىنكى نۆۋەت كەلگە ندە ، تۈك ۋە چۇپۇر ئارىسىغا مۆكۈۋالغان ئۆڭى قارا چىرايىڭنى ئۇچۇق كۆرگۈم بار دېدىم .
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى . دوستۇم ئابدۇرىشىت قىزىقماسنىڭ قېشىغا باردىم . ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن تىجارەت يولىنى تاللىۋالغانىدى . ھازىر ھال-كۈنى راۋرۇس ياخشىلىنىپ قالغان بۇ ئاداش قايسى كۈنى بىرسىگە : « مېنىڭدىن بىرەرسى ئىبادەت ئەلامۇ ، تىجارەتمۇ ؟ دەپ سورايدىغان بولسا ، ھېچ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ : تىجارەت ئەلا ! -دەپ جاۋاپ بېرىمەن» دەپتۇدەك.
يېقىندىن بۇيان ئۇ يەھۇدىلارنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي «سىرلىق قابىليەتلىك مىللەت» ، «ئىلاھىي مىللەت» ....دەپ ماختايدىغان ، ھەۋەسلىنىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى . قارىغاندا ، ئۇ يەھۇدىلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ زور قىسمىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىدىن ئاجايىپ تەسىرلەنگەن ئوخشايدۇ .
يەھۇدىلارغا مەستانە بۇلۇپ قالغان بۇ دوستۇم يېقىندىن بېرى ئېچىۋالغان كىچىككىنە دۇكىنىدا قاچانلا قارىساڭ :« ئۇيقۇمغا قانماپتىمەن» دەپ مۈگدەپ ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى . قايسى كۈنى ئۇ ماڭا :«بۈگۈن تاڭغا يېقىن نۇرغۇن پۇلنى ساناپ چۈشەپتىمەن ، ئەمما قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كېتىپتۇدەك . بىرسى پۇل تاپتىڭ ئەمدى زاكات ئايرىمامسەن ؟ دەپتىكەن ، نەدىكىنى ؟! تاپقان پۇلۇم قۇرساقتىن ئاشمايۋاتسا ، زاكاتنى قانداق ئايرىيمەن ؟ -دەپتۇدەكمىشمەن . سەھەردە كۆرگەن چۈشنى خاسىيەتلىك ، بىشارەتلىك دەيدىكەن چوڭلار . سەن دەپباقە . بۇ چۈشنىڭ تەبىرى قانداق ؟» دېگەنىدى .
مەن : «ياخشى چۈش كۆرۈپسەن ! بىراق مەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئەمەس ، چۈشۈڭگە تەبىر بېرەلمەيمەن» دېگەنىدىم . شۇ چاغدا ئۇ : « ھېلىقى < قىسسەسۇل ئەنبىيا > دېگەن كىتابنى ياكى بولمىسا < چۈش تەبىرى > دېگەن قوللانمىنى ئوقۇپ باقايمىكىن» دېدى . شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ قولىقىغا ئاغزىمنى يېقىن ئەكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدىم : «ئىچىمنى ئاغرىتمىغىنە جېنىم نادان دوستۇم ، پال دېگەن شەيتاننىڭ ئىشى ، <چۈش تەبىرى > دېگەن قانۇنسىز بېسىپ تارقىتىلغان ، يالغانچىلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن كىتاپچە ، < قىسسەسۇل ئەنبىيا > دېگەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىر نەسىرىي ئەسەر ، خالاس . مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم < قۇرئان كەرىم > نى بىزنىڭ تىلىمىزغا ئۆرۈپ بەردى ، سەن ئۇ كىتاپنى تېخىچە ئوقۇپ كۆرمەيسەنۇ ، < چۈش تەبىرى > دەك نەدىكى ئادەم ئالدايدىغان نەرسىگە قىزىقىدىكەنسەن ! داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومانىدىن بىر پارچىنى ئوقى ياكى دۇنياغا مەشھور بىر چەتئەل يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈپ قويساڭ بولىدۇ . قىسقىسى ، بەزىلەر سېنى ھازىر 100 مىڭ سوم پۇلى بار ، دەيدۇ ، لېكىن سەن بولساڭ ناھايتى بىچچارە قىياپەتتە تۈگۈلۈپ تۇرۇپ مىڭ سوم پۇل جۇغلىيالمىدىم تېخى ، دەيسەن . شۇڭا بارغۇ قارا ، ئۇنى بۇنى قۇيۇپ ، دۇككىنىڭدا غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ پۇلنى جىق تاپتە ، ئۆزۈڭ چوڭ بىلىدىغان يەھۇدىي بايلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئال !» بۇ گەپلەرنى قىلىپ بۇلۇپ ئۆزۈمنى دانىشمەن ناتىقلارغا ئوخشۇتۇپ قالدىم . ئۇغۇ خېلى بۇلۇپ قالغان چاغدىكى پاراڭلار .ئەمدى ئۇنىڭ ئوبزورۇمنى خوشياقماسلىق بىلەن بىرەر قۇر ئوقۇپ كۆرگەندىن كىيىنكى ماڭا بەرگەن پىكىت -تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى : تېخىچىلا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرمەي تۇرۇپ يىگىلەپ كېتىۋاتقان ئورۇق ، ئاقسېرىق ، يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقىۋالىدىغان ، ئىلگىرى ئوقۇتقان مۇئەللىمىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ، سۆزلەش ئۇسلوبىنى ئۆز ئەينى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆزىگە ئادەتلەندۈرۋالغان < لېكىن بۇ بىر ياسالمىلىق بۇلۇپ ، بۇ خىل ئادەت ياشانغان ئىلىمىي كىشىلەرگە خاس ئىدى > ، نىمە ئۈچۈندۇر ھازىر پۇلدىن باشقا ھېچنەرسىگە قىزىقماس بۇلىۋالغان بۇ دوستۇم تىجارەتكە يۈرۈش قىلغان چاغدىن تارتىپ ئاندىن جەمئىيەتنى چۈشۈنىشكە باشلىغان ،ئاقكۆڭۈل ، چىقىشقاق يىگىت ئىدى .
-بوپتۇ ،-دېدى ئۇ ئەسنەپ قۇيۇپ ،ئەپسوسكى ، «مۆچەل» نى چۈشەنمەيدىكەنمەن ، راستىمنى دىسەم ، شۇنچىلىك بولغىچە « مۆچەل» دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىغانىكەنمەن ....ماڭا قارا ، ئاداش ، ھازىر ھەممىلا ئادەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىپىرلاۋاتقاندا ، بۇنداق نەرسىلەرگە كىم قىزىقىدۇ ،كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ ، دەيسەن !؟ ...ئەمما لېكىن ئاتقا مىنىپ قويۇپسەن ، ئەمدى يېرىم يولدا چۈشىۋالماي ، ئاخىرغىچە مىن ، بۇنى يازغاندىكىن ، راۋروس ياز ، ھازىرچە خېلى بەك خام ئىكەن ! « مۆچەل» نېمە-نېمىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؟ مەسىلەن ، ئالايلۇق تارىخي ، ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي ، زامانىۋى تەرەپلەردىن ، خۇسوسەن ئىقتىسادىي تەرەپتىن ...چۈشەندىڭمۇ ؟ ماتىريال كۆرۈشتە قيىنچىلىقىڭ بولسا ، كۇتۇپخانىنىڭ كىنىشكىسىدىن بىرنى ھەل قىل . ئالدىرما ،ئەۋۋەل بىلىم سەۋيەڭنى ، قەلەم كۈچۈڭنى ئاشۇر ...مۇمكىن بولسا بارغۇ ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە دائىر نەرسىلەرنى يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . پۇلۇڭ بولسىلا ھەممە نەرسەڭ بار بولىدۇ ! بۇ ھەقىقەت ! دۇنيانىڭ ماھىيتى نىمە ؟ دۇنيانى نىمە ياراتقان ؟ بىر ئېغىز جاراپ -تىجارەت ۋە ئىقتىساد!
ئويلىنىپ قالدىم ئەمما نىمىلەرنى ئويلىنۋاتقانلىقىمنى بىلەلمىدىم . چارچاش ھېس قىلدىم .
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى .
دوستۇم ئېلى ئاشارنى ئىزدىدىم . ئۇ ياش جەھەتتىن مىنىڭدىن خېلىلا كىچىك بولسىمۇ ، بىز خۇددى قۇرداش ئاغىنىلەردەك ئارلىشاتتۇق . ئۇ گەپنى ناھايتى تېز سۆزلەيتتى ، ئۆزى سەل ھىيلىگەر بولسىمۇ ، ئەمما چىچەن ، خۇشخۇي ، ئىنكاسى تېز ئىدى . 250 گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقايدىغان ، ئاقسېرىق ، زىلۋا سەم ئۆسكىلەڭ بويلۇق بۇ بالا ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ سېلىسارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ،ئەپسوسكى بىكارچى بۇلۇپ قالغانىدى . ئاڭلىسام يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ ، مەلۇم ساخاۋەتچى مەشھور باي كارخانىچىنىڭ سودا شېركىتىدىن ئوبدان بىر خىزمەت تېپىۋاپتۇ . بىر كۈنى بىرەيلەندىن ئاڭلىشىمچە ، ئۇ ھازىر قىزلارغا تەلمۈرۈپ قارايدىغان غەيرىي قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگىدەك .
مەن ئۈچ يىل ئەۋۋال ئۇنىڭغا : « كەلگۈسىدە ھەرقانداق داۋان- ئارتتىن ئاشىدىغان ئەر بول ! >. دەپ «ئاشار» دېگەن تەخەللۇسنى ھەدىيە قىلىۋېدىم ، ئۇ بۇنى دەرھال قۇبۇل قلىغانىدى .
-پاھ-پاھ....«مۆچەل» دەسلەپتە ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىن خىلمۇ-خىل تارىخىي ئالاقىلەر سەۋەپلىك قوشنا خەلىقلەر ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن ۋە ئۇلاردا مۇۋاپىق ئۆزگىرىش ياساپ ، مىللىي تۈس ئېلىپ ئوموملاشقان . «مۆچەل» شەرىقتىكى قانچىلىغان مىللەتلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان .....مانا مۇشۇنداق قۇرلىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، - دېدى ئۇ بىر نەرسىنى بايقاپ ،-ئۇيغۇرلار «مۆچەل» نىڭ 5- رېتىدىكى « بېلىق» نى «بېلىق» دەپ ئاتايدىكەن ، پارىسلار «لەھەڭ» دەيدىكەن ، خەنزۇلار بولسا «ئەجدىھا»دەيدىكەن .....بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . سەن مۇشۇ تېپىشماقنى يەشكىن ! ھە ، يەنە بىر مەسىلە ، « بېلىق» ئۈن -تىنسىز ھالدا « ئەجدىھا» غا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقى مەسلىسىگە كەلسەك ، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپلەرنىڭ بىرىنچىسى ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۆزىمىزنىڭ مىراس « مۆچەل» لىرىمىزگە ئېتىبارسىز قارىغانلىقىمىز ۋە لازىم بولغاندا ، خاس خەنزۇچە تەييار ماتىرياللارغا يۆلىنىۋالغانلىقىمىزدىن ....دېگەن قۇردىكى چاتاقنى ئۆزگەرتىپ ، قېلىپقا چۈشۈرگىن . مەسىلەن ، خەنزۇچە ....دېگەننىڭ ئورنىغا «باشقا تەييار ماتىرياللارغا» دەپ ئالساق قانداق ؟
ھارغىنلىق ھېس قىلدىم . ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى غۇدۇراپ كەتتىم . لېكىن زادى نىمىلەرنى غۇدىرغانلىقىمنى بىلىپ بولالمىدىم .
ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتتى . ماڭا بۇ ئوبزورنىڭ سەۋداسى پەقەت ئارام بەرمىدى -دە ، دوستۇم دىلشات ساقالنى ئىزدەپ دۇكىنىغا باردىم . ئۇ ھازىر خۇتۇنى بىلەن تۇرمىشىمىزنى ياخشىلايمىز ، دەپ كاۋاپچىلىق قىلۋاتاتتى .ئۇ مىنى تولىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى - ئالدىمغا بەش زىخ جىگەر كاۋاپ بىلەن بەش زىخ ئۈچەي كاۋاپ ئەكەلدى : « ھازىرچە گۆش كاۋىپى چىقىرالمىغۇدەكمەن ، < ئاز يەپ ، ئاسان تىرىل > دېگەندەك ....شۈكرى . قانداق قىلىمىز ئەمدى .....كاج تەلەي ئادەم ئىكەنمەن . دېھقان يەرگە باغلانغاندەك ، مەنمۇ مۇشۇ ئىشقا باغلىنىپ قالدىم . تاپقىنىم قۇرساقتىن ئاشمايدۇ ، توختاپ قالاي دىسەم دەسمايىدىن ئايرىلىمەن . ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرچە باشقا ئىشقا قۇدرىتىم يەتمىگەندىكىن ، بولار بىر گەپ ، دەپ مۇشۇ ئوقەتنى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇراي ، دېدىم ...ھە ...» ئۇ سەل ئۇرۇغداپ قاپتۇ بۇغداي ئۆڭلۈك چىرايى قارداپتۇ . ئۇ ئارىمىزدا ياشتا ھەممىمىزدىن چوڭراق ، ساقال-بۇرۇتلۇق ، ئەدەپ -قائىدىلىك ، پىكىر قىلىدىغان ، ئېتىقادى كۈچلۈك ، ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان ئىدى . بىزگە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى . «بىز مۇشۇنداق زىمىستاندا توڭلاشقىلا ، تۇمۇز ئىسسىقتا ئاپتاپقا سالغان قاق گۆشتەك قىينىلىشقىلا تۆرەلگەنمۇ ؟بۇ دۇنيادىن مۇشۇنداق ئۆتۈپ ، < قۇرئان > دا سۆرەتلەپ بېرىلگەن قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق ئىسسىق بولمايدىغان جەننەتكە كىرەلەمىزمۇ ؟» دېدى ئۇ ۋە «ئەكىلە موخۇركاڭنى ، سەن ئاچچىق چىكىسەن ، راسا بىرنى چىكەي» دېدى . ئۇنىڭغا تەسەللىي ۋە مەدەت بەردىم . ئۇ كۈلۈپ كېتىپ « رەھمەت . تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشكە ئاللا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر ....سەن مىنى چۈشەنمەپسەن ، مەن دېگەن 1- نۇمۇرلۇق تەن بەرمەس جاھىل ! بۇ تۇرمۇشتىن چوقۇم ئۇتۇپ چىقىمەن ، شۇنىسىزە ، ئادەم خوراپ كېتىدىكەن ! بىزدە < جاچا چەكمەي ، ھالاۋەت يوق > دەيدىغان گەپ بار ، بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە ، < بۇ دۇنيادا ياشاپ بولماس چەكمەي جاپا ، ھالاۋەتنى كۆرمەي تۇرۇپ دۇنيا تۈگەر > دېيىلىدىغان گەپمۇ بار . ھەي ي . .......ھېلىمۇ چاتاق يوق .ھامىنى ئۇتۇپ چىقىمىز !» دېدى .ئاخىرى ئۇ ئوبزورۇمنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقتى -دە مۇنداق پىكىر بەردى :
- مۇمكىن بۇلسا ، قانۇن ، ئېتىكا ، ئېستىتىكا ، روھىيەت ئىلمى -يەنى پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ يازغىن ، -مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مىجەزىم يوقتەك بۇلۇپ ، شۈكلەپ قالدىم ، كاللامدا ھېچقانداق بىر پىكىر يۈرۈشمەيدۇ ...
شۇ ھالەتتە خۇددى مەستۇ -مۇستەغرەق ئادەمدەك بەش كۈننى ئۆتكۈزۈپ بۇلۇپ يەنە بىر دوستۇمنى ئىزدىدىم . ئىگىز بوي ، چوڭ كۆزلۈك كۈلۈپلا تۇرىدىغان ، مۇڭداشقاق ، ۋە يۇۋاش بۇ دوستۇمنىڭ ئېتى ئەخمەتجان بۇلۇپ ، بىز ئۇنى ئۆزىنى « ئۆزبېك» دەۋالىدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشىۋەتكەنىدۇق . ئالىي مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، شەھىرىمىزدىكى قايسىدۇر بىر مەھەلە ئىش باشقارمىسىدا خىزمەتكە چۈشكەن بۇ دوستۇم كونا كىتاب -ژورنال ، گېزىت -ماتىرياللارنى يىغىپ ساقلاشقا ھىرىسمەن ئىدى . يەتتە يېشىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئۆمرى سىمۇنىت سىنىپتا دەرىس ئاڭلاش بىلەن ئۆتكىنىگە قارىماي ، ئۇنىڭ ساغلام ھەم قامەتلىك ئۆسكەنلىكىگە ھەيرانمەن . ئۇ ھازىرمۇ كەچ كۇرىستا ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۋاتاتتى . ئۇ تارىخ بىلەن تېپىشماققا ئوخشايدىغان سىرلىق ئىشلارغا تولىمۇ قىزىقاتتى . ئۇچار تەخسەقانداق نەرسىدۇ ؟ چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى نەدىدۇ ؟ ئاتىللانىڭ قەبرىسى راستىنلا دوناي دەرياسىنىڭ تىگىدىمۇ ؟ ھېتلىر زادى ئۆلگەنمۇ ياكى تىرىك قالغانمۇ ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە قىزىقاتتى . ئۇ ھەممىدىن بەك ئوتتۇرا ئەسىر فرانسىيىسىدە ياشىغان نوستىرا دامۇسقا ھەيران قالاتتى . تېخىچە بىرەر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشمىگەن ، قەلبى مۆلدۈردەك تازا دوستۇم ئەخمەتجان «ئۆزبېك» ئوبزورۇمنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ چىقتى . ئەمما ئۇ يازغىنىمنى بىر ئېغىز بولسىمۇ «ياخشى» دەپ قويمىدى ، ئەكسىچە ئادەمنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە پىكىر -تەكلىپلەرنى بايان قىلغىلى تۇردى :
ئازراق پىكرىم بار ،-دېدى ئۇ ناھايتى سەزگۈر ھالەتتە، ئۆزى خۇددى 1940-يىلللاردىكى جۇڭگو كومىنىستلىرىدەك ئىككى ئالقىنىدا بېلىنى بوشقىنە قاماللىۋېلىپ ، توختىماي ئۇياق -بۇياققا مېڭىپ ھەم بىردەم -بىردەم ئوڭ قۇلىنى كۈتۈرۈپ قويۇپ دانە-دانە قىلىپ سۆزلەيتتى . توۋا ، ئۇنىڭ چوڭ ھەم چېقىر كۆزلىرى بىلەن ئىگىز بۇرنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئۇ بەئەينى ياش ماۋزېدۇڭغا ئوخشاپ قالغانىدى ،-ئوبزورىڭدا تارىخى بىلەن رىئاللىقنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ۋە 5000 يىللىق ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ماركىسىزىملىق دېئالىكتىكا ئۇسولىنى قوللىنىپ يازغىن . بۈگۈنكى بۈيۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ، ئۆز - ئارا ئىناق تەسىرچان مۇناسىۋەتنى ، جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى ، تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى ، كومپارتىيىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە چەكسىز غەمخورلىقى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات -سەنئىتىنىڭ ، جۈمىلدىن مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ -ياشناۋاتقانلىقىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرگىن ۋە يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مۆچەل >. نىڭ ئەنە شۇ جەھەتتىكى ئوينايدىغان مۇھىم رولى ، ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلىرىنى تارىخىي ماتىريالىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ ، توغرا شەرھىيلەپ بەرگىن ، بۈگۈنى ئاساس قىل ، بۈگۈننى گەۋدىلەندۈر . ئالاھىدە ھۇشيار بولغىنكى ، بىلىپ -بىلمەستىن ساقلىنىپ قالىدىغان ھەر قىسما چوڭۇ-كىچىك خاتالىقلارغا قەتئىي ئورۇن قالدۇرما ! ئەنە شۇنداق قىلساڭ كېسىپ ئېيتىمەنكى ، كاۋاپمۇ -زىقمۇ كۆيمەيدۇ ؛ ھەر قانداق گېزىت-ژورنال تالىشىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىدۇ ؛ ھەر قانداق تەھرىرگىمۇ ئاۋارچىلىق بولمايدۇ ..........
مەندە يۇشۇرۇن خارەكىتېرلىق كېسەل بارمىكىن ، دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ھازىر ئۆزۈمدىكى بىر خىل غەيرىي نورمال ئالامەتنى سەزدىم . دوستۇمنىڭ گىپى بىلەن ئەۋۋەل مىڭەم قاتتىق چىڭقىلدى ، ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن بەدىنىمگە ئاغرىق تاراپ كەتتى ۋە ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . بىر ھازادىن كىيىن سەل ئوڭشالدىم -دە ، تۇرۇپلا ئۆز -ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم . مەن تېخى ئۆيلەنمىگەن ياش تۇرسام ، ھېلىتىن بۇنداق بولغىلى تۇرۋاتسام ....ئەتە-ئۆگۈن مەن ....مەن قانداق بۇلۇپ كېتەرمەن ؟! يەنە «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك ھاياتىمدا تۇنجى بۇلۇپ يازغان ئاددى ئوبزورۇمدىن ئەنسىرەپ قالدىم . چۈنكى ئۇ شۇنچىۋالا كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان تېما بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ ؟!
شۇ كۈنى كېچىسى بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆردۈم : غۇۋا يۇرۇق چەكسىز ئورمان ، يالغۇز كېتىۋاتقۇدەكمىشمەن . يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇپ :«ئىتتىك ماڭ!» دېگۈدەك ، ئەمما شۇنچە كۈچىسەممۇ قەدەملىرىم بەك ئېغىر ھەم بەك ئاستىكەن . دەرەخلەرگە قاراپتىمەن ، بەك كۆپ سان-ساناقسىز .......بەزىلىرى تۈز ، بەزىلىرى ئەگرى ، بەزىلىرى توم ، بەزىلىرى ئىنچىكە ،يەنە بەزىلىرى ياشىرىپ ۋە قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۇرغان ، يەنە بەزىلىرى قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ قالغان ، بەزىلىرى سۇنغان ، يەنە بەزىلىرى بولسا ، پورلىشىپ كەتكەنىكەن ....ئالدىمدا ...يىراق يەرلەردە ...سەل-پەل ئېگىزدە يوغان بىر قۇياش نۇرى ئاجىزلىغان ھالدا ، يوغان بىر ئالتۇن تاۋاقتەك مۇئەللەقتە ساڭگىلاپ تۇرغىدەكمىش . باشقا ئەھۋاللار ئېنىق ئەمەس . كۈن چىقىۋاتامدۇ ياكى ئولتۇرۋاتامدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، بىلەلمىدىم....ئۇشتۇمتۇت ،ناھايتى تۇيۇقسىز ، شەپىسىز ئارقامدىن بىرسى پەيدا بولدى ، دەرھال قاراپ قورقۇپ كەتتىم . سايە ، ياق -ياق ، بىر قارا گەۋدە . ياق بىلەلمىدىم . ئىشقىلىپ ، بىرەيلەن . ئۇ ماڭا : «سەن ھېلىقى ئوبزورنى يىرتىۋەت ، كۆيدۈرۋەت ، ھاجەت قىلغاندا كۆتۈڭنى ئېرتقىن . ئاگاھلاندۇرىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن بىر نەرسە يازىمەن دېمە!» دەۋاتقۇدەك . ئۇنىڭ ئاۋازى تۇنۇشتەكلا قىلىدۇيۇ، كىمنىڭ ئاۋازىلىقىنى ئېنىق بىلەلمەيۋاتقۇدەكمەن ......يەنە ئۇشتۇمتۇت ....يەنە ناھايتى تۇيۇقسىز ...يەنە شەپىسىز ئالدىمدا بىرسى پەيدا بولدى ، دەرھال قاراپ ، قورقۇپ كەتمىدىم . نۇر .....ياق-ياق، بىر يۇرۇقلۇق .....ياق.بىلەلمىدىم.ئىشقىلىپ ، بىرەيلەن. ئۇ ماڭا:«سەن ھېلىقى ئوبزورنى يىرتىۋەتمىگىن ، كۆيدۈرۋەتمىگىن ،ئاگاھلاندۇرىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن بىر نەرسە يازىمەن ، دېگەن ئىرادەڭدىن قايتمىغىن !» دەۋاتقۇدەك . ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ يېقىملىق بۇلۇپ ، تۇنۇشتەكلا قىلىدۇ يۇ، كىمنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيمەن ...
ئارىدىن ئالتە كۈن ئۆتكەندە ، تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم :« 40 يىلدا بىر ئېشەك ئۇيۇنى » دېگەندەك ، ئۆمرۈمدە تۇنجى يازغان نەرسەم ماڭا بىر بالا بولدىغۇ ئەمدى . .......! قانداق گەپ بۇ ؟!قېنى ، يەنە بىرسىگىمۇ كۆرسۈتۈپ باقايچۇ ، ئۇ نىمە دەيدىكىن....
شۇنىڭ بىلەن نانۋاي دوستۇم ھامۇت چىڭگىزنى ئىزدەپ ، ئۇنىڭ ناۋايخانىسىغا كىردىم .« ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ، « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام » .
ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرغانىكەن ، مىنى قارشى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى . بىز قول سىقىشىپ كۆرۈشتۇق ۋە بىرەر قۇر تىنىچ ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ھەم ئۇزۇن ، ھەم توم قىلىپ موخوركىدىن بىرنى ئورىدۇق -دە ، بىردەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇردۇق . بىر تال موخۇركىنى تەڭ چىكىشىپ ئولتۇرغاچ كىلىش مۇددىئايىمنى ئېيتىۋىدىم ، ئۇ رازىمەنلىك بىلەن : « بولىدۇ » دىدى . باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگۈتۈپلا ناۋايغا شاگىرت بولغان ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنسۈرۈك بىر ئۇستا بۇلۇپ يىتىشكەن ، ئۇستىسىدىن دۇئا ئېلىپ ، ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىۋالغان بۇ دوستۇم قاپىقى يامان ، بىر ئاز پىخسىق ، جاھىل ، تەرسا ، دەۋاسى قاتتىق، قوپال ھەم ئاغزى بىزەپ ، مىجەزى ئوسال بىر يىگىت ئىدى. قىسقىسى ئۇنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن ئىدى . ئۇ پۇل تاپىمەن ، دەپ ھەپتىلەپ ، ئايلاپ دەم ئالمايتتى . ھازىرغىچە ئۆيلەنمىگەن بۇ بويتاق دوستۇم فىزىئولوگىيىلىك ئىھتىياجى قوزغالغاندا ................ئاندىن يانچۇقىغا بىرەر ئىككى يۈز سوم پۇلنى سالاتتى -دە ، كوچىمۇ-كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى ھەمراھتىن بىرنى تاپاتتى ، ئۇنىڭ بىلەن قېنىشىپ بولغاندىن كىيىن ھاراقنى تازا ئىچىپ ، ئۆلگىدەك مەس بولىۋالاتتى . ئۇ بەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا : « مەن يا پىچىۋىتىلگەن بۇققا بولمىسام !؟ ئوينىسام نىمە بوپتۇ ! » دەپ قوياتتى . ئۇ بەزىدە ھەتتا ئادەم قېلىپىدىن چىقىپمۇ قالاتتى . ئۇنىڭ ئەڭ رەزىل قىلمىشى شۇكى ، ئۇ بىر قېتىم غىتمەك بىلەن بەچچىۋازلىق قىلشىپتۇ ! ئۇ دەسلەپ : «ئوغۇلبالا ئەركەك بولغاندىكىن ، ھەممە ئىشنى قىلىپ كۆرۈشى كېرەك ، بۇنىڭ نىمىسى يامان ! » دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى . كىيىن دوستلارنىڭ ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەنگەنلىكىنى بىلدى -دە ، « خاتا قىپتىمەن ، توۋا قىلسام بولمىدىمۇ ؟!» دېدى . ئاخىرى ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە : « مەن ساراڭكەنمەن ...ياق ! ساراڭمۇ ھەرگىز ئۇنداق پەسكەشلىكنى قىلمايدۇ .....مەن ......مەن ...توۋا قىلدىم . ئۆز ۋاختىدا لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بەچچىۋازلىق قىلشىپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئاللا ئۇلارنى جازالىغانىكەنغۇ !؟ پەخىرلىك بوۋىمىز ، ئۇلۇغ خاقانىمىز سەئىدخاننىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى بوۋىمىز بابورخانمۇ بەچچىۋازلاردىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن ئەمەسمىدى !؟ دېدى . بىراقزە، بۇ تەرى سۆرۈن دوستۇم كىتاپ -ژورنال ،گېزىت دىگەنلەرنى ئالا قويماي ئوقۇيتتى . پىكىر قىلاتتى ، گەپ -سۆزلىرى جايىدا ئىدى . ئىچكى -تاشقى ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلەتتى ، نەدىن سۆز باشلىساڭ « بىلىمەن ! » دەپلا قوپالايتتى . تارىخىقا ، سىياسىيغا ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئەڭ قىزىقاتتى ...
ئۇ ئوبزورنى كۆرۈپ بۇلۇپ ،كىملەرنىدۇر ئىلىمدىكى مەسئولىيەتسىزلكتە قاتتىق ئەيىپلىگەندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى :
-ئوبزوردا مەھمۇد قەشقىرى تەمىنلىگەن « مۆچەل» گە ئائىت تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن « مۆچەل » قوشاقلىرىدىن بىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ناھايتى ياخشى قىپسەن ، ياشا ! ....دېدى ئۇ ۋە گېپىنى يۆتكەپ مۇنداق مەسلىھەت بەردى :
-ئوبزورنى يەنىمۇ كۆلەملەشتۈرگىن .
ئالايلۇق : « مۆچەل» نىڭ تارىختا ھەربىي ئىشلاردىكى رولى ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە تۇتقان ئورنى ، ئاستۇرنۇمىيە پېنى بىلەن ، شېئىرىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دېگەندەك تەەرپلەرنى ئېنىقلاپ چىققىن ، ئاندىن تىلنى ئۆتكۈر قىل ، ئوبزور قىسقا بۇلۇپ قاپتۇ ، ئۇزارتقىن ، مەيلى ئۇ زور ھەجىملىك ئىلمىي قەمۇس بۇلۇپ كەتسىمۇ .
باش قېتىنچىلىقىدا قالدىم . ئاددىيغىنە بىر پارچە ئوبزورنىڭ كۈنسېرى شۇ قەدەر مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئازراقمۇ ئويلىمىغانىكەنمەن . ئارىدىن يەتتە كۈن ئۆتۈپ كەتتى . ئۆزۈمچىلا ئاچچىق ئارلاش جاھىللىقىم تۇتتى -دە ، يەنە قانداق پىكىر -تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى بىلگۈم كىلىپ ، دوستۇم ئەزىمەت ساقچىنى ئىزدەپ ، ئۆيىگە باردىم . ئاق-سۈزۈك ، ۋىجىك ، خوشخۇي ، نازۇك تەبىئەتلىك ، سۆھبەتخۇمار بۇ دوستۇم توي قىلىش ئالدىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭ لايىقىمۇ ئوماق ۋە چىرايلىق ، تۈزۈك ۋە كېلىشىملىك بىر قىز ئىدى . ئەزىمەت ساقچى قاچانلا كۆرسەڭ « تۆنۈگۈن بىرسىنى تۇتىۋالغان ئىدۇق ، ئۆيىدىكىلەر ئۇنى ئىتتىكرەك ئېلىپ چىقىپ كېتىش غەرىزىدە بىزنى قاتتىق مىھمان قىلدى ، راسا يەپ ئىچىپتۇق .....كۆپرەك ئىچىپ قويغانىكەنمەن ، بۈگۈن چىشلىۋاپتۇ . تۇڭگان ئاشخانىسىغا كىرىپ ئاچچىق-چۈچۈك بىر نەرسە ئىچىپ چىقاي » دەيتتى . ..........................................................................دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى .
ئۇ ، ئوبزورنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن : « مىنىڭچە بىر نەچچە مەسىلە بار ئىكەن » دېدى تاماكىسىنى قاتتىق-قاتتىق بىر قانچىنى شورىۋېلىپ : -« بىر كۈنلەرگە بارغاندا < تاشقا ئايلانغان بېلىق > نى تارىخ موزىيىغا قويۇپ پەخىرلەنگىمىز بارمىكىن يا » ، < بېلىق > < سۇ > دىن ئايرىلالماسلىقى كېرەك » ، « ئۇيغۇرغا < ئەجدىھا > دېيىلىدىغان ئەپسانىۋى غەلىتە مەخلۇققا قارىغاندا ، < بېلىق > دەپ ئاتىلىدىغان رېئال ، نەسلى قۇرۇپ كەتمىگەن مەۋجۇد ھايۋاننىڭ نامى تونۇشلۇق ئىدى » ۋەھاكازا دېگەندەك جايلىرىنى چىقىرۋەتكىن . ئوبزور سەل جىق يېزىلىپ قاپتۇ ، قىسقارتقىن . ئېسىڭدە بولسۇنكى ، يازغان نەرسەڭ ھەرگىز سىياسىيغا تاقاشمىسۇن ! بۇنداق دىسەم ھەيران قېلىۋاتىسەنغۇ ؟ ھازىر ۋەزىيەت كەسكىن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ يۈرمە -يەنە !
بىر نەرسە يازىمەن دېگەنگە « داد-پەندىيات » دەپ توۋلاپ سالغىلى قىل قالدىم . قورقۇپ قالدىم . توۋا ، توۋا ؟!
« يىتىمىنڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە ، بۇرنى قاناپتۇ » ، « يىتىمنى ئات ئۈستىدە ئىت چىشلەپتۇ » دەپتىكەن ئاتا- بوۋىلىرىم.
ئاھ ، پەرۋەردىگارىم ، قۇرۇق سۆز ، قۇرۇق تۆھمەتتىن ، ھەر بالا ، ھەر قازا دىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن ! سەن ماڭا ئىگىسەن ھەم ماڭا سەن ئەڭ كۇپايىسەن ، جىن شەيتانلارنىڭ شەرىدىن پاناھ تىلەيمەن ، ئادىمىي شەيتانلارنىڭ شەرىدىن پاناھ تىلەيمەن ! قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئەنە شۇنداق دۇئا قىلىشقا مەجبور بولدۇم ....ماۋۇ ئاداش نىمە دەپ يۈرۈيدۇ ؟ سىياسىي.....بىرنىمە...بىرنىمە....دەيدۇيا ؟
ئەمەلىيەتتە سىياسىي دىگەن زادى نىمە ئۇ ؟ بىلمەيمەن .
چۈنكى سىياسىينى چۈشەنمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ ئوغلىمەن ...بىراق ، ئوبزورۇم ...ئۇ ئاخىرى قانداق بۇلۇپ كېتەر ؟ بولدى قىلاي دىسەم ، كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ! ئەستەغپۇرۇللا ....
بۇ كۈنى كېچىسى يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن ، ئەمما قەتئىي ئەسلىيەلمىدىم . بۇ چۈشنىڭ غۇۋا ساقىندىلىرى مۇنۇلار :
نۇرغۇن ئىت ۋە كۈچۈكلەر ، بۇت ۋە كىرىست بەلگىسى ، قىزىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ -مانا شۇلاردىن ئىبارەت .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاغزىمنىڭ چۆرىسىگە قوقاق چىقىپ كەتكىنىنى بىلدىم . ھىساپلىسام ساپمۇساق 15 سائەت ئوخلاپتىمەن ، قۇرسىقىممۇ ئېچىپ كوركىراپ كىتىپتۇ ، چوڭ -كىچىك تەرەتلەرمۇ قىستاپ كېتىپتۇ .....يائاللا ....نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتتى-ھوي.........راست،راست .....توغرا ،شۇنداق ! قۇرقۇپ كېتىپتىمەن ھەم ئېغىر دەرىجىدە چارچاپ كېتىپتىمەن ......
ئارىدىن يەنە سەككىز -ئون كۈن ئۆتۈپ كەتتى .
ئىرادەم بوشاشمىدىم، ئوبزورۇم توختىماي ماڭا ۋەسۋەسە سېلۋاتاتتى ، قارىغاندا ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ توختىماي غەيۋەت قىلىدىغان ھازازۇل خوتۇنلارنىڭ كوت-كوت مىجەزى سىڭىپ قالغانغا ئوخشايدۇ . ياق .......كوت-كوت مىجەزى ئەمەس، توغرىسى -خۇمسى مىجەز ! بۇنىڭغىمۇ ئانچە بەك ھىەيران قالمايمەن ، ھۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئەركەك مىجەز ئەرلەر ئاز قالدى ، تولىسى < ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇلارنىڭ تەركىبىدە > خۇمسى مىجەز .
شىماللىق بىر ئوقۇتقۇچى قىز بولىدىغان ، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇرتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى بولغانىدى ، ئۇ بەلگىلىك بىلىم سەۋيىسىگە ئىگە ، سەزگۈر ۋە ئەقىىللىق ،تەپەككۇرغا باي ، پىكىر قىلىپ تۇرىدىغان ، كۆزلىرىدىن خىيالچانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ، مۇڭداشقاق ۋە چىقىشقاق ، ئۆزى تۈزۈك كەلگەن بىر ياخشى قىز ئىدى . ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئادالەتپەرۋەر ۋە ھەققانىيەتچى بۇلۇپ ، ھەرقانداق ساختا ھەقىقەتنى شۇ زاماتلا بىلىۋالىدىغان ھەم ئۇنىڭغا يۈرەكلىك ھالدا قارشى تۇرالايدىغان خىسلەتكە ئىگە ئىدى . ئۇ بىر يېڭىلىقپەرۋەر- ئىدىيىسى ئازات ئىسلاھاتچى ئىدى . ئۇ ، دېڭ شىياۋپىڭغا بەك قايىل ئىدى . ئۇ ھەقىقىي بىر ئىسلاھاتچى ، دەيتتى ئۇ . ئۇ قىزدىكى غەيرەت -شىجائەت خېلى -خېلى ئەرلەردە تېپىلمايتى . ئۇنىڭدىكى ئىقتىدار خېلى -خېلى ئادەم بالىلىرىدىن تېپىلمايتتى .
ئۇ ئەرەپ تىلىدىن دەرىسلىك كىتاپ تۈزۈپ ، نەشىر قىلدۇرغانىدى ، تېخى توي قىلمىغان بۇ گەپتان قىز ئاشۇ كىتاپقا ئائىت بىر ئىشلار بىلەن بۇ شەھەردە ۋاقىتلىق تۇرۋاتاتتى .
بۇ قىزنىڭ ئىسمى بۇۋى مەريەم ئىدى . مەن بۇ پىكىردىشىمنىڭ تۇرىۋاتقان يېرىگە ئۇنى ئىزدەپ باردىم . ئۇ بارىكەن . ئەھۋاللاشتۇق .
-ئۆتكەندە ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى بىر يۈرۈش 12 پارچە « مۆچەل» كىتاپچىسىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى . شۇنىڭدا « بېلىق » دەپ ئالدىغۇ ؟-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ .
-ئۇغۇ شۇنداق بولغان ،-دېدىممەن چۈشەنچە بېرىپ ،-لېكىن ، بۇ ھەقتە ئايرىم بىر نەرسە يازمىسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن .
-سەۋەپ؟-دېدى ئۇ .
-بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئىككى نەپەر گاچا ئايالنى كۆرگەنىدىم . ئۇلارنىڭ بىرسى ئۇيغۇر يەنە بىرسى خەنزۇ ئىكەن . ئۇلار يوغان ھەم كىرلىشىپ كەتكەن بىر پارچە ئەسكى لاتتىغا « شىياڭگاڭدىن كىرگەن ئەڭ يېڭى ئېلىكتىرون مىڭىلىق مۆچەل تەبىرلىرى » دەپ يېزىۋاپتۇ . ھەربىر ۋارىقىغا بىر مۆچەلنىڭ تەبىرى بېرىلگەن قەغەزنى بىر سومدىن سېتىۋاتاتتى . كىشىلەر : « مەن ئىت يىللىق »، « سەن توڭغۇز يىللىق » ..دېيىشكىنىچە ، خۇددى چىنتەمەنى ئەڭگۈشتەرنى تالاشقاندەك تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتاتتى .ئۇ قەغەزگە ئادەمنىڭ ھەتتا قانچە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردىغانلىقىمۇ يېزىلغانىكەن . مەسلەن، توشقان يىللىق ئادەمدىن 10 مىڭى بولسا ، ئاشۇ 10 مىڭ نەپەر توشقان يىللىقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئۆمۈر كۆرىدىكەن ! ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ ئادەملەر شۇنىڭغىمۇ ئالدىنىپ يۈرۋاتمامدۇ ...قارىسام ، « مۆچەل» نىڭ بەشىنچى قاتارىدا « بېلىق » كۆرۈنمەيدۇ ، ئەكسىچە « ئەجدىھا » تولغانغان ھالدا ھەيۋەت بىلەن تۇرىدۇ . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر كۈنى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ھېلىقى ئىككى ئايالنى يەنە كۆرۈپ قالدىم ! بىر پارچە ھەم يوغان ھەم كىرلىشىپ كەتكەن كونا لاتتىغا : « شىياڭگاڭدىن كىرگەن ئەڭ يېڭى 12 < مۆچەل >نى داغدۇغۇلۇق قانات يايدۇرايلى !» دەپ يېزىۋاپتۇ . شىياڭگاڭ -شىياڭخەينىڭ ، گۇڭجۇ-شىنجننىڭ ، پاكىستان -كەشمىرنىڭ ، ئورۇسنىڭ ، ھەرەمنىڭ ........دەپ قويسا ، بىز خەقنىڭ قانداق سىياھقا ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقىمىزنى سىز ئوبدان بىلىسىز ....مۇنداقلا سۈرۈشتۈرسەم ، ئۇ ئىككى ئايال ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دەمدۇ ، شەھەرلىك دەمدۇ ، ئىشقىلىپ « بىر نىمە » لىك .....مىيىپلار جەمئىيىتىدىن ئىكەن .بۇ كۈنىمۇ مۆچەل قەغىزىدە « بېلىق » يوق . « ئەجدىھا » تۇرىدۇ . يېقىندا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 12 كىتاپچىنى نەشىر قىلىپ بەك ئوبدان قىلدى . « بېلىق » نى كۆپ سانلىق ياشانغانلار بىلەن ئاز سانلىق ئوتتۇرا ياشلىقلار ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئەمما ناھايتى كۆپ سانلىق ياشلار بىلمەيدۇ . قايسى بىر كۈنى بىرەيلەن : « بالام 1988-يىلى تۇغۇلغان ، ئەجدىھا يىللىق » دەۋاتىدۇ . مەن : « ئەجدىھا ئەمەس ، بېلىق ! » دېسەم ، ئۇ ئادەم ماڭا بەئەينى چاھارپايغا ئوخشاش چەكچىيىپ قاراپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر تاغار سۆزلەپ كېتىپتىمەن ، تولىمۇ ئەپسوس ! ئۇ ، يا ، ياق ، يا، ھە دېمىدى.بۇنىڭغا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى دەڭا .
بۈۋى مەريەم گەپلىرىمنى زەڭ قۇيۇپ ئاڭلىغاندىنكىيىن :
--چۈشەندىم، قىلغىنىڭىز ناھايتى توغرا بوپتۇ . سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ھەقىقەتچىكەنسىز جۇمۇ. « ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ».ھەقىقەتچى ئادەمنى خەلىق ھامىنى بىر كۈنى چۈشۈنۈپ يىتىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ ،-دىدى . مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم ھەم ئۇنىڭ بۇ ئوبزورغا ئوبدانراق پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى ئۆتۈندۈم . ئۇ بىر ئازغىنە خىيال قىلىپ تۇرۋالدى-دە ، ئۆزى زۆرۆر دەپ بىلگەن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى :
-ئوبدان يىزىپسىز يەنىمۇ تىرىشىڭ ! - دىدى ئۇ ھاياجانلىق بىلەن سۆزلەپ ،- « مۆچەل » بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، ئۇنى تاللىۋېلىپ توغرا قىپسىز ، مىنىڭچە ، « مۆچەل » نىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ، سالمىقى ؛ تارىختىن بۇيانقى ماتىماتىكا ، دىن-ئىدېئولوگىيە ، مۇنەججىملىك ، يېزا -ئىگىلىكى ، چارۋىچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، ئوۋچىلىق ، قول -ھۆنەرۋەنچىلىك ، ئۇرۇش ۋە تۇرمۇش ، دۇنيا قاراش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىڭ ۋە يەنە بۈگۈنكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىڭ ،- ئۇ شۇلارنى دىدى . ئاھ تەڭرىم دەۋەتتىم مەن .
ئۆز -ئۆزۈمگە قىيداپ يۈرۈپ يەنە توققۇز كۈننى ئۆتكۈزۋەتتىم -دە ، دوستۇم ئابلەت ئەسمەرەمنى ئىزدىدىم . باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدە تۈرۈك خەلىق ناخشىلىرىدىن « ئەسمەرەم» نى ئېيتىشقا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنى « ئەسمەرەم» دەۋالغانىدۇق . شوپۇر بۇلۇش ئالدىداتۇرۋاتقان بۇ وبيتاق دوستۇم بويى پاكار ، قاراماتاق ، كۆزلىرى نۇرلۇق ، شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان ، مۆجىزىسىمان ئىشلارغا قىزىقىدىغان يىگىت ئىدى ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەر خىل غەلىتە ۋە ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق . « جەنۇپقا تۇققان يوقلىغىلى بارغاندا ،- دەيتتى ئۇ بەزىدە ،-بىر كۈنى ھويلىدىكى كارۋاتتا ئولتۇۇرپ كىتاپ كۆرۋاتاتتىم ، ھاۋا ئۇچۇق ئىدى ، تۇيۇقسىز شارقىراپ يامغۇر ياغدى -دە ، بىردەمدىلا ھويلىنى سۇ قىلۋەتتى ، توۋا دىدىم ، غەلىتە يېرى شۇكى ، مەن بار كارۋاتقا بىر تامچىمۇ يامغۇر چۈشمىدى جۇمۇ ! كىتاپنى خاتىرجەم ئولتۇۇرپ ئوقىۋەردىم » ................بىر كۈنى كىچىدە يالغۇز كىىتۋاتسام ، ئالدىمغا بىر ئايال كىشى ئۇچرىدى ، يېقىن كەلگەندە قارسام ئەسلى بىر ئەركىشى ئىكەن » دەيتتى . « سالام قىلاي دەپ تۇرشۇمغا ئۇنىڭ ئەسلى بىر غىتمەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم -دە ، ئادەمدەك ياشا سەي ئەخمەق ، بۈيۈك ئاتىمىز ئادەمنىڭ شەنىنى بولغىما !- دىيىشىمگە ئۇ بىر قېرى ئاق ئۆچكىگە ئايلىنىپ قالدى ! ئاللا ....بۇ ئەسلىدە بىر ئالۋاستى ئىكەن ،-دەپ بەدەر قاچتىم » دەيتتى .
-ناھايىتى ياخشى يىزىپسەن ، يارايسەن ! -دېدى ئۇ قابىليىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم مەدھىيە ئوقىغاندىن كىيىن ، پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى :
-ئەپسوس ،بەك ئاز بۇلۇپ قاپتۇ . ئەسرىڭگە قارتا پىكرىم مۇنداق :« مۆچەل» نىڭ دۇنيا كالىندارچىلىقىغا ، ئالەم قاتنىشى ، ۋاقىت ھىساپلاش پەن تېخنىكىسى ۋە كومپىيوتېر ئىلمىگە ، جاھان مەدەنيىتى ۋە تەرەقىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى باھالىغىن ، مۇئەييەنلەشتۈرگىن ، ھاۋارايى ئىلمىگە تەسىر كۆرسەتكەنمۇ -يوق، بۇ ھەقتە ئىزدەنگىن . بېلىق يەر شارىغا قاچان ، قايسى دەۋىردە پەيدا بولغان ؟ بۇ ئەڭ مۇھىم ! بۇنى كېلىمات ، تەبى.ەتشۇناسلىق ، ھايتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، لوغەتشۇناسلىق ، كەلگۈسىشۇناسلىق ، جانلىقلار تەدرىجىي تەەرققىيات نەزەريىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە پەن ۋە نەزەرىيە نۇقتىسىدا تۇۇرپ تەتقىق قىل ، جۇغراپىيە ، ئارخېئولوگىيە ، گىئولوگىيە ،ھەتتاكى فىزىكا -خىميە ، ئالگېبرا ، گېئومىتىريە قاتارلىق بارلىق پەنلەر نۇتىسىدىنمۇ تەتقىق قىل .
......ئاندىن بېلىق گۆشىدە مول ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ،دەيدۇ ، شۇڭا ئىنكانقەدەر ....ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقات نەتىنجىلىرىدىنمۇ مەلۇم تەركىب قوشۇپ ئۆتكىن ،دىمەكچىمەن ، ئۇيغۇر « مۆچەل »ىدە كۆرسىتىلگەن « بېلىق » ئالتۇن بېلىقمۇ، تاسما بېلىقمۇ ؟ ئىت بېلىقىمۇ ياكى كارىپ بېلىقىمۇ ؟ مانا مۇشۇلارمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئىمكانىيىتىنىڭ يا ر بەرگەن بولسا بېلىقچىلارنىڭ ئارىسىدا بىرەر يىل ياشاپ ، تۇرمۇش ئۆگەنگەن بولساڭ بەك ياىشى بولاتتى . بىراق، ئەپسوس ، بۇنىڭغا شاارئىت يوق . ئەجدىھاغا كەلسەك ، ئۇنىڭ زادى مەۋجۇد بولغان بولمىغانلىقى توغرىسىدا ، خەنزۇ مىللىتىدە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئېتىقاد چۈشەنچىسىنىڭ نىمىشقا شۇنچىلىك كۈچلۈكلىكى توغرىسىدا ئىزدىنى قىلغىن . ئومومەن خەنزۇلار ئەجدىھانى تۆت پۇتى بار ، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدىغان ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ھەركەت قىلاللايدىغان غايەت زور مەخلۇق ، دەيدىكەن . بۇنىمە ئۈچۈن ؟ ئەجدىھا ئوبرازى ئات باشلىق ، بۇغا مۈڭگۈزلۈك ، بۈركۈت تىرناقلىق ، يىلان تەنلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىدىكەن ، بۇمۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ھەي ي .
....سەن ئەڭ ياخشىسى خەنزۇ تىل-يېزىقىنى راۋرۇس بىر ئۆگەنگىن ، شۇ چاغدا ئەجدىھانىڭ سىرىنى توغرا بىلەلەيسەن . مانا شۇلارمۇ بەك مۇھىم . يىزىپ ئېيتقاندا ، يۇقىرقىلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا موسا ئەلەيھىسسالام قىسسىسى بىلەن خىلمۇ -خىل مىللەتلەردىكى ئەجدىھاغا ئائىت ئەپسانە-رىۋايەتلەر ، فانتازىيە ھەم سەنئەت ( ھەيكەلتاراشلىق ، نەققاشچىلىق ، رەسساملىق ) دىگەنلەرنىمۇ ئاساس قىلىپ ئوتۇرۇپ ئىزدىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ ، ئوبزورنى قايتىدىن بىر يېزىپ پۈتكۈزىدىغان بولساڭ.....يا ھەزرەت ! يا خۇدا ! كارامەت بىر ئەسەر بولغان بولاتتى-دە ! . بولسا شۇنداق قىل .
يا ئاللا ئىگەم ، ئوبزورۇمغا ئەڭ ياخشى ، شۇنداقلا ئەڭ دەھشەتلىك پىكىر بەرگەن دوستۇم مۇشۇ ئابلەت ئەسمەرەم بۇلۇپ قالدىمۇ نىمە ؟! مەن بۇ « ئەسەر » نى يازالارمەنمۇ -يازالماسمەنمۇ؟ دوستلىرىمنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلش ئۈچۈن ئالدى ئەلفارابىي ، كەينى ئابدۇزۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىگە ئوخشاش پەننىڭ ھەممىلا ساھەسىگە تەڭ ھۇجۇم قىلىپ ، مۇتەپپەككۇر ، پەيلاسوپ ، دانىشمەن بۇلۇشۇم كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن 70-80 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ، ساغلام ھەم « خىزىر سۈپەت » بوۋاي بولالىشىم كېرەك ..... قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم . راست ، مەن تېڭىرقاپ قالدىم . ناۋادا « ئەسەر » ىمنى ئۆز ھالىتى بىلەن مەلۇم گېزىت ياكى ژورنالغا ئېلىپ بارسام ، گويا جگننەت بىلەن دوزاققا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە ئوخشاپ قالىدىغان ئاشۇ جفپاكەش تەھرىرلەر نىمە دەيدۇ تېخى . ناۋادا دوستلىرىمنىڭ دېگىنىدەك قىلسام (توغرىسى ، شۇنىڭغا جۈرئەت قىلالىسام ) ، « ئەسەر»ىمنى يېزىپ بۇلۇشقا ئۆمرۈم يىتەرمۇ ؟! قانداق قىلسام بۇلار . يەنە بىرسىنى ئىزدەپ كۆرەيمۇ ؟ ئەمدى ئىزدىمەكچى بولسام كىمنى ئىزدەي . ئىشەندىمكى ، يەنە ئىزدەيدىغان بولسام ، ئۇ ھالدا جەزمەن باشقا بىر تۈرلۈك « ئەسەر » يېزىشىمغا توغرا كىلىدۇ ، ناۋادا شۇنىڭغا قەلەم سەۋيەم يەتسىلا ! كىسىپ ئېيتىمەنكى ، بۇ سۆيۈملۈك دوستلىرىمنىڭ دىگىنىچە بولسا ، ئۇلار مىنى يا جاھاندىكى ئەڭ بىلىملىك قەلەمكەش ئالىمغا ئايلاندۇرۇپ چىقىدىغان ياكى بولمىسا ، مىنى مەڭگۈ بىر نەرسە يازالمايدىغان ، ھەتتاكى بىر نەرسە يازىمەن دىگەن خىيالنىمۇ قىلالمايدىغان بىر ئادەمگە ئۆزگەرتىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ .
ئاپتورى: ئادىل يىلدىرىم