تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 268
    kasandira766@sina.com

    يازما سانى : 195
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-9-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرى

    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى

    خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
    مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
    كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
    ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.

     مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،
    يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.
    يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
    تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.

     ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،
    كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.
    مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،
    تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.

     سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى،
    بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى.
    سۇ بويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،
    ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.

     گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
    گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
    ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
    ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.

     ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
    ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
    بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس،
     نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر , رۇبائىلار
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-21 13:55:09
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 229
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证