تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› سىبېرىيە دەرياسى يولىنى ئۆزگەرتىش پىلانى غۇلغۇلا قوزغىدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سىبېرىيە دەرياسى يولىنى ئۆزگەرتىش پىلانى غۇلغۇلا قوزغىدى

    سىبېرىيە دەرياسى يولىنى ئۆزگەرتىش پىلانى غۇلغۇلا قوزغىدى

     

        روسسىيە «نۇقتىئىنەزەر گېزىتى» 7- سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف روسسىيە زۇڭتۇڭى مېدىۋېدىۋغا تەكلىپ بېرىپ، قانال قۇرۇلۇشى قۇرۇش ئارقىلىق سىبېرىيە دەرياسى يولىنى ئۆزگەرتىپ، سۇنى روسسىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە قازاقىستان دۆلەت چېگرىسى ئىچىگە باشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مېدىۋېدىۋ قازاقىستان تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

        قازاقىستان تەرەپنىڭ بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبى «قۇرغاقچلىقنىڭ ئۇرال دەرياسىنى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق تېيىزلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇرال ــ كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىكى رايون خەلقىنىڭ مەنپىئەتىگە چوڭقۇر تەسىر يەتكۈزگەن»لىكىدىن بولغان.  ھالبۇكى نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا سۇ مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تىرىشچانلىقلار ئىنتايىن ئاز، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېخى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرۈلگىنى يوق.

       دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان تەرەپ تەكلىپىدە ئوب دەرياسى(ئېشىم دەرياسى)نىڭ قانال ئارقىلىق سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىدىن ئۆتۈپ روسسىيە ئۇرال رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبىكىستاننىڭ قۇرغاق رايونلىرىغا باشلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

        1983 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇكەممەل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2500 كلومېتىرلىق قانالنى قۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىپ شىمالى مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان  ئوب دەرياسى( ئېشىم دەرياسى) سۈيىنى قۇرغاق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئارال دېڭىزىغا باشلاشنى پىلانلىغان، ئەمما مۇھىت ئاسراش سەۋەبىدىن ئاخىرىدا ۋاز كەچكەن.

        موسكىۋا شەھەر باشلىقى لۇرىكېفى، يېڭى پىلان روسسىيىگە نۇرغۇن ئىقتىسادىي بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى 21- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا «سۇ ئازلاپ، نېفىتتەكلا قىممەتلىشىپ كېتىدۇ»، ئۇنىڭدىن باشقا روسىيە - قازاقىستان كېسىشكەن جايدىكى رايونلارنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما بۇنىڭغا قارشى قاراشتىكىلەر بىتون قۇرۇلۇشلۇق سۇ يەتكۈزۈش ئۆستىڭى بولمىسىلا، ئادەتتىكى قانال ئارقىلىق سۇ باشلاش ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى سازلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى، ئىكولوگىيلىك ئاپەت يۈز بېرىپ، ئەسلىدىنلا  ياخشى بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپرىقى سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۈمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئەمما توپا - لاي ئارىلاش سۇ يەتكۈزۈش ئېرىق- ئۆستىڭى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قازاقىستان , ئارال دېڭىزى , روسىيە , ئېشىم دەرياسى , ئون دەرياسى , ئوتتۇرا ئاسىيا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-20 17:28:19
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 219
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证