تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› جۇڭگو ئىراندا 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆمۈر يول قۇرماقچى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    جۇڭگو ئىراندا 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆمۈر يول قۇرماقچى

    جۇڭگو ئىراندا 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆمۈر يول قۇرماقچى ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو ئىران بىلەن قىممىتى 2 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام تۈزۈپ، ئىراندا تۆمۈر يول قۇرماقچى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» دە، بۇ جۇڭگونىڭ زور كۆلەمدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمى، جۇڭگو بۇ ئارقىلىق قەدىمكى «يىپەك يولى» نى جانلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بېيجىڭنى تۇتاشتۇرماقچى دەپ كۆرسەتتى. ئىران يول- قاتناش مىنىستېرلىكى مىنىستېرى ھامىد بەھباھانى يېقىندا، جۇڭگو تۆمۈر يول مېنىستىرلىكى مىنىستېرى ليۇ جىجۈن مۇشۇ ھەپتە تېھرانغا زىيارەتكە بېرىپ، بۇ تۈرلۈك تۆمۈر يول كېلىشىمىنىڭ ئاخىرقى ئىمزالاش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىدى دېدى. پىلان بويىچە يېڭى قۇرۇلىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسى تېھراندىن باشلىنىپ .ئىراق چېگراسىدىكى خۇسلاۋغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 360 مىل كېلىدىكەن، ھامادام ۋە كىرمانشاھنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىكەن. ئىران ھۆكۈمىتى، بۇ تۆمۈر يول ئىراننى ئىراق، سۇرىيە بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا شەرق كارىدورىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ دەپ كۆرسەتتى. تۆمۈر يول يەنە ئىران ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلىرىغا پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 5000 نەپەر ئىراقلىق مۇقەددەس شەھەرلەردىن بولغان ناجىف ۋە كاربالاغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىدىكەن، ھامىد بەھباھانى: «توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆججىتى بىر جۇڭگو شىركىتى بىلەن تۈزۈلىدۇ، جۇڭگو مىنىستېرى 12– سىنتەبر ئىراننى زىيارەت قىلىپ، ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالاشنى بېكىتتى.» دېگەن. ئامېرىكا يوھان ھوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز تەتقىقات ئورنى ئىجرائىيەت كېڭىشى ئەزاسى نىكولاس سۋاستروم، جۇڭگونىڭ نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر مۇكەممەل تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت، ھالبۇكى بۇ توختام جۇڭگونىڭ بىرىنچى قەدىمى، «ناھايىتى ئېنىقكى ،ئەگەر سىز ئىراندا بىر تۆمۈر يول قۇرسىڭىز، سىزنىڭ سودا لىنىيىىڭىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغىچە كېڭەيتەلەيسىز» دېدى. سۋانستلوم، جۇڭگونىڭ كونكرېت «يىپەك يولى» پىلانىدا، ئىراندىن باشلانغان تۆمۈر يول لىنىيىسى تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو ـــ قەشقەردە پاكىستانغا بارغىلى بولىدىغان تۆمۈر يول بىلەن ئۇچرىشىپ توختايدۇ دەپ قارىغان. مەلۇم باھالاشتا، جۇڭگونىڭ بۇ پىلانى روسىيەنىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ دېيىلگەن، سۋانستلوم: «قوشنا دۆلەتلەر قۇرۇلۇش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى، ئۇلارنى سىز بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن. «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» دە تەھلىل قىلىنىپ، ئىران قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بۇ دۆلەتنى قايتىدىن سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداش قۇرۇپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلغان دەپ كۆرسىتىلدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئىراننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى، گوجۇس ۋە ئاسىيا قىتئەسى سودا كارىدورىنى تۇتاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمغا قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن، ئىران ئەينى ۋاقىتتا سوغۇق پوزىتسىيىدە بولغان، ئەمما ھازىر قوشنا مەملىكەت بىلەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالىدى.


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جۇڭگو , تۆمۈر يول , ئىران
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-20 17:25:49
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 4860
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证