تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› موڭغۇلىيە ئىككىنچى دېڭىز پورتىنى قۇرۇشتا جۇڭگودىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    موڭغۇلىيە ئىككىنچى دېڭىز پورتىنى قۇرۇشتا جۇڭگودىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى

    موڭغۇلىيە ئىككىنچى دېڭىز پورتىنى قۇرۇشتا جۇڭگودىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى

     

    موڭغۇلىيەنىڭ «ئۇلانباتۇر پوچتا گېزىتى» 14 - سېنتەبر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى تېزلا «يېڭى تۆمۈر يول پىلانى» نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى قۇرۇپ، خەلقئارالىق رىقابەتنى باشلايدۇ دېيىلگەن، پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ، موڭغۇلىيە كان مەھسۇلاتلىرىنى فۇلاديوستوك پورتىغا بىۋاسىتە توشۇسا بولىدىغان بولۇپ، بۇ موڭغۇلىيە ـــ جوڭگۇ ـــ تيەنجىن پورتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى دېڭىز پورتى بولۇپ قالىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى، رىقابەت تەييارلىق يىغىنى پايتەخت ئۇلانباتۇردا ئېچىلغان، رىقابەتلىشىش ئويى بولغان جۇڭگو، روسسيە، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 80 دىن كۆپرەك شىركەتلەر ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشقان. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرگەن. «يېڭى تۆمۈر يول پىلانى» قۇرۇلۇشى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا، جەنۇبىي قىسىم قاقاسلىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، سىتراتىگىيىلىك كېڭەيتىدىغان توغرا يۆنىلىشلىك تۆمۈر يول قۇرۇشنى پىلانلانغان، يەنى جەنۇبتىكى قاقاسلىقتىن باشلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋانتالگى كوكس كۆمۈر كېنى، چاغانتۇبلاغ مىس كېنىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو ــ روسسىيەنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋېرتىكال يۆنىلىشلىك تۆمۈر يول بىلەن كېسىشىپ، شەرق ئۆلكە مەركىزى چويبالساندا توختايدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1100 كلومېتىردىن ئۇزۇن ئىكەن. بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئىككى يىلدا قۇرۇلۇپ بولۇشى پىلانلانغان بولۇپ، مەبلەغ ئاساسلىقى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ھەر خىل قەرز، خالس ياردەملەردىن كېلىدىكەن.

        تۆمۈر يول قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، روسسىيەنىڭ ۋىلادىۋىستوك پورتىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. ئىككىنچى، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش لىنىيىسى جەنۇبىي قىسىم ۋە غەربىي قىىسمغا ئۇزارتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كلومېتىردىن ئاشىدىكەن. پىلان تاماملانغاندىن كېيىن، پۈتكۈل موڭغۇلىيە تۆمۈر يول ترانسپورتى تورىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە جۇڭگو- روسسىيە ۋېرتىكال يۆنىلىىشتىكى تۆمۈر يول تاق لىنىيىسىدىن سىرت، موڭغۇلىيە دۆلىتىدە پەقەت روسىيەنىڭ بۇريات موڭغۇل جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇلانباتۇر ئارقىلىق ئېردېنت بىلەن جۇڭگۇدىكى پورتقا تۇرتىشىدىن ۋە چويبالساندىن روسسىيەنىڭ ئامور چېگرا رايونىنىڭ مەركىزى چىتاچە بولغان، ئىككى بۆلەكلىك تۆمۈر يول لىنىيىسى بار بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپلىك يېڭى تۆمۈر يول پىلانى توغرىسىدا كۆپ يىللاردىن بېرى كېڭىشىش ئېلىپ بېرىلغان. يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى توغرىسىدا، رېلس كەڭلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھەر قايسى سىياسىي مۇنازىرىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان. شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، موڭغۇلىيەنىڭ ئىككىنچى دېڭىز پورتى قۇرۇشتىكى يەنە بىر مەقسىدى، موڭغۇلىيەنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بازارغا ئېكېسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېكېسپورت قىلىشتا، جۇڭگوغا تايىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش، بۇنىڭ بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دېيىلگەن.

        نۆۋەتتە، كورىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر موڭغۇلىيە كان مەھسۇلاتلىرىغا ئىنتايىن قىزىققان بولسىمۇ قاتناش قوليسىزلىقى تۈپەيلى نۇرۇغن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى نورمال ئېلىپ بارغىلى بولمىغان. گەرچە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قۇيۇقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما موڭغۇلىيە يەنىلا «جۇڭگوغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش» تىن ئەنسىرىگەن، شۇڭلاشقا، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ۋە تەلەپ قىلىشتا كۆڭلىدە زىدىيەت پەيدا بولۇپ قالغان. ھىندىستان «ئىقتىساد ۋاقىتلىق گېزىتى» نىڭ 14- سېنتەبردىكى خەۋىرىدە، موڭغۇلىيە ئۆتكەن يىلى %70 كان مەھسۇلاتىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان، جۇڭگوغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش موڭغۇلىيە ئىقتىدارلىق كىشىلىرى كۆڭلىدە ئەنسىرەش پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشى ۋە زور كۆلەمدىكى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئېلىپ روسىيەگە تۇتىشىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولغان دېيىلگەن. ئەمما روسىيەنى ئايلىنىپ دېڭىز پورتى تېپىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى موڭغۇلىيە ستراتېگىيىلىك كان رايونىدىن ۋىلاسىۋىستوكقىچە 4500 كلومېتىرلىق ئارىلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ تيەنجىنگىچە پەقەتلا 1500 كلومېتىر كېلىدىكەن. رېيتېر ئاگىنتلىقى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قوشنا دۆلەتكە ئەندىشىدە بولۇش سەۋەبىدىن، موڭغۇلىيە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى يەنە، بىۋاسىتە جەنۇبقا تۇتىشىدىغان لىنىيە قۇرۇشنى تاللىماستىن، ئەكسىچە روسسىيە «ئايلانمىسى» دىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىشنى تاللىغان. دۇنيا بانكىسى نوپۇزلۇق كانچىلىق مۇتەخەسىسى ھانكوك، جۇڭگوغا ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋېلىش ھەقىقەتەنمۇ بىر مەسىلە، ئەمما 1500 كلومېتىر ۋە 4500 كلومېتىر ئوتتۇرىسىدىكى تەننەرخ پەرقى خېلىلا چوڭ دېگەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : موڭغۇلىيە , جۇڭگۇ , روھىيە , بۇريات
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-20 17:17:18
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 273
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证