«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ھىكمەتلەر
دانىشمەن ئېيىتقاندەك : سۆزنى ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ.
ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەختى پارتىلاشقا تەييار تۇرغان ۋولقاننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.
دۇنيادا شاھ ئوردىللىردىنمۇ سىرلىق ئورۇن بولمىسا كېرەك . ئۇ يەردە ھەر كۈنى ، ھەر سائەتتە ئاجايىپ ئويۇنلار ئوينۇلۇپ ، قىزىق ئىشلار سادىر بولۇپ تۇردۇ ، كېيىن تارىخچىلار يۈز بەرگەن بۇ سىرلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا تارىخ پۇتىشىدۇ . لېكىن ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما خاتىرلەرنىڭ زادى قانچىلىگى راست ! ؟ … بۇنىڭغا بىرنېمە دىمەك تەس . قانلىق جەڭلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، غەلىبە قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن يېزىلغان تارىخلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ . ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىدىغان سەھىپىلەرنى قالدۇرۇپ ياكى تولۇقلاپ يازدۇرۇپ ، جىنايەت ئىزلىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىدۇ . تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىردىن تېخى يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ .
شاھلاردىن شاپائەت كۈتۈش ئەخماقنىڭ ئىشى . ھۆكۈمرانلار ئۆز سىرىنى بىلگۈچىلەرنى ھەممىدىن بۇرۇنراق كۆزدىن يوقىتىدۇ .بەزى ھۆكۇمىرانلار گەپنى ئاز قىلىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئەمەس ، ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ . ئۈن چىقماسلىق ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىگىنى ، ساۋاتسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ . ئۆلۈك نىمىشقا سۈرلىك ؟ چۈنكى ئۇ سۆزلىمەيدۇ .
ئاللاھ ئەڭ يېقىن بەندىللىرنىڭ بېشىغا ئەڭ مۈشكۇل كۈنلەرنى سېلىپ سىنايدۇ . ئۇنىڭ داۋاسىنى ياراتقان ئىگەم ئويلىمىغان بىر كۈنى ، خىلمۇ – خىل سەۋەپلەر بىلەن يەتكۈزىدۇ .
بۇ ئالەمدىكى ئىشلار ئېقىن سۇدەك بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن بولىدۇ . بىر ۋەقەنىڭ داۋامى ھامان ئىككىنچى بىر ۋەقەنىڭ بېشى بولۇپ چىقىدۇ . شاھ ئوردىسى ئۆزىنىڭ مەڭگۈگە سۈكۈتكە چۆكۈپ تۇردىغان ئېگىز تاملىرى ، قوش – قوش دەرۋازا ، رەڭدار راۋاقلار ، نەقىشلىك تۈۋرۈكلىرى بىلەنكىشىگە تولىمۇ سىرلىق ۋە سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈن پىتنە – پاسات ، ئازارچىلىق ۋە ۋەھىمىگە تولغان ماكان .
ئەمەل نازلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ . ئۇ ، گۈزەل ۋە ۋاپاسىز كېلىدۇ . ئۇ ، ھېچكىمگە ، ھەتتا شاھلارغىمۇ مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس . ئۇ، قولغا كېلىدۇ ، يەنە قولدىن كېتىدۇ . ئەمەل تۇتقۇچى بۇ ھەقىقەتنى تەخىتنىڭ ئېگىز پەللەمپەيلىردىن دومىلاپ چۈشكەندىلا ئاندىن چۈشىنىپ ، نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىغا ھەسرەت چېكىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇ كېچىككەن بولىدۇ . باغلاقتا تۇرغان ئىت تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كېتىدۇ ، قەپەستە تۇرغان قۇش ئەركىنلىككە ھەممىدىن بەك تەشنا بولىدۇ !
[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-22 0:46:17]