تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› دانىيە پاراخوتى تۇنجى قېتىم شىمالى قۇتۇبنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ جۇڭگوغا كەلدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    دانىيە پاراخوتى تۇنجى قېتىم شىمالى قۇتۇبنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ جۇڭگوغا كەلدى

    دانىيەنىڭ يۈك پاراخوتى تۇنجى قېتىم شىمالى قۇتۇبنى  كېسىپ ئۆتۈپ جۇڭگوغا كەلدى

    يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدىن ئېلىندى.

        گېزىتىمىزنىڭ روسىيە، كانادالاردا تۇرۇشلۇق تەكلىپلىك مۇخبىرلىرى: لى يالۇڭ، تاۋدىۋەنفاڭ

    پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىسسشى كۈتۈلمىگەن ئۈنۈم بەردى
    يۈرۈش مۇساپىسىنى قىسقارتىش ئۈچۈن يەنە دېڭىز قاراقچىلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك

     مول ئېنېرگىيە زاپىسى تۈپەيلىدىن، شىمالىي قۇتۇپ رايونى يېقىنقى يىللاردا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تالىشىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. مۇز قاتلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى يەنە بىر  يۇشۇرۇن غايەت زور قىممەتكە ئىگە - ياۋروپا بىلەن شەرقى ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىشقا باشلىدى. 4-سېنتەبىر ، دانىيەنىڭ بىر يۈك پاراخوتى ‪نورۋېگىيەدىن 40مىڭ توننا تۆمۈر رودىسىنى بېسىپ شىمالىي مۇز ئوكيان ‬ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە كەلدى ، بۇ تۇنجى قېتىم سۇ يولى ئارقىلىق ئاسىياغا كەلگەن روسىيە تەۋەلىكىدە بولمىغان يۈك پاراخوتى. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ قېتىمقى دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك « تارىخى خاراكتېرلىك »دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن ھەمدە جۇڭگومۇ « شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولى قىزغىنلىقى » دىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، دەپ قارىماقتا .

    رىتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىرتى قېلىن قاپلانغان مۇزغا چىداملىق «شىمالىي ياۋروپا بارۇن » ناملىق  يۈك پاراخوتى دانىيەنىڭ شىمالىي ياۋروپا تارقاق ماللار يۈك پاراخوتى شىركىتىنىڭ ئىگدارچىلىقىدا ئىكەن، بۇ شىركەت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : شىمالىي مۇز ئوكيان بىلەن ماڭغاندا ، ئەنئەنۋى ئادەت بويىچە سۇۋەيىش قانىلى بىلەن ماڭغانغا قارىغاندا مۇساپىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قىسقىراپ، 8كۈن تېجەپ قېلىنىدۇ، يالغۇز يېقىلغۇ خىراجىتىدىنلا 180 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېجەپ قېلىنىدۇ. يۈك پاراخوتى رۇسىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن شەرقى شىمال سۇ يولىنى بويلاپ شەرىققە يۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ ئىككى مۇز يارغۇچ پاراخوتى بىلەن بىللە مېڭىپ، تەخمىنەن 26كۈندە ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ.
    فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئۆتكەنكى 150 يىلدا ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىكسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ ھەممىسى شىمالى قۇتۇپ سۇ يولىنى ئېچىشنى خىيال قىلىپ كەلگەن ئىدى، ھازىر كىلىماتنىڭ ئىسسىشى، شىمالىي ياۋروپا بايلىقنىڭ قىزىلىشى، رۇسىيىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، شۇنداقلا دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىيال ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولى بىلەن ماڭغاندا يەنە يۈك پاراخوتنى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرتىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ياكى فىنلاندىيىنىڭ رودا ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى بۇندىن كېيىن ئەگەر ئاسىياغا ئېكسپورت قىلماقچى بولسا، بۇ سۇ يولى ئۇلارنى نۇرغۇن قورايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىمالىي مۇز ئوكيان سۇ يولنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو ئۈچۈن بىر يېڭى  يىراق دېڭىز قاتنىشى يولى ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ شىمالى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. لېكىن ، بۇ سۇ يولىدا ھازىر يەنىلا پەقەت سىرتى  قېلىن قاپلانغان مۇزغا چىداملىق يۈك پاراخوتلېرىلا قاتنىيالايدىغان بولغانلىقتىن ، ھازىر دۇنيا بويىچە مۇنداق ترانسپورت پاراخوتلىرىنىڭ سانى ئاز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش ۋاقتىمۇ ئاران بىر نەچچە ئاي بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولغانلىقتىن، قىسقا مەزگىل ئىچىدە بۇ يولدىكى ترانسپورت مىقدارى بەك كۆپ بولمايدۇ.
    شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا  بىۋاستە بېرىش شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا تۇنجى قېتىملىق ئىش بۇلۇپ، روسىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇۋپپەقىيەتلىك سىناق قىلىغان ئىدى. بۇ يىل 14-ئاۋغۇست ، رۇسىيىنىڭ « پورودىكا » ناملىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ماي پاراخوتى مورمانسىكى پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئىككى يادرو مۇز يارغۇچى پاراخوتنىڭ قوغدىشى ئاستىدا جۇڭگوغا 70 توننا تەبىئىي گاز توشىدى. بۇ لىنىيە بويىچە جۇڭگونىڭ نىڭبو شەھىرىگە كېلىشتە ماي پاراخوتلىرى ئاران 103 مىڭ كىلومېتىرلا يول يۈرىدۇ، ئەگەر سۇۋەيىش قانىلىنى ئايلىنىپ ماڭسا، 202 مىڭ كىلومېتر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ « كۈندۈزلۈك تېلېگرامما خەۋەرلەر گېزىتى » نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرىق شىمال يولىدىن مۇنداق چوڭ پاراخوت ئۆتۈپ باققىنى يوق، ئەنگلىيە 16- ئەسىردىن باشلاپلا بۇ شەرىق شىمال سۇ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شەرقنىڭ بازىرىغا بارىدىغان يېقىن يول تاپماقچى بولغان ئىدى‪ ‬، ھازىر چوڭ ماي پاراخوتىنىڭ  مۇۋەپپەقىيىتى قىيىن شىمالىي لىنىيىنىڭ سۇۋەيىش قانىلىغا قاراپ توغرىلىنىش جەھەتتىن يەنە بىر قەدەم يېقىنلىغانلىقنى ئىپادىلىمەكتە.
    شەرقى شىمال سۇ يولى قاتنىشىنىڭ روسىيىگە قانچىلىك پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدى. « كۈندۈزلۈك تېلېگرامما خەۋەرلىرى گېزىتى » دە مۇنداق دېيىلگەن : روسىيە ئەمدى پۇل تاپىدىغان بولدى، سۇ يولى ئەسلىدىنلا رۇسىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ، بۇ يولدا قاتنايدىغان پاراخوتلارنى مۇز يېرىپ قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، پايدىغا ئېرىشىدىغان بولدى. روسيىنىڭ ترانسپورت مىنىستىرلىقى شىمالى مۇز ئوكيان لىنىيىسى ئارقىلىق ھەر يىلى توشۇلىدىغان مال مىقدارى ھازىرقى ھەر يىلىدىكى ئىككى مىليون توننىدىن 30 مىليون توننىغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە، رىتېر ئاگېنتلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى سىتاتا كەلتۈرۈپ، روسىيە ئىلگىرى بۇ لىنىيىنى دۆلەت ئىچىدىكى ترانسپورتقا ئىشلەتكەن ئىدى، « ھازىر بۇ يەر بىردىنلا خەلقئارا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى » دېدى.
      روسىيە شىمالى قۇتۇپىنى ئېچىشقا دۆلەت ئىچىدە ئىزچىل ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2007-يىل 8 -ئايدا، روسيەنىڭ « تىنچلىق » ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى 4160 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ، دېڭىز ئاستىغا دۆلەت بايرىقىنى قاداپ، ئامېرىكا، كانادا، نورۋېگىيە ۋە دانىيە قاتارلىق شىمالى قۇتۇپ ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن زور دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ يىل 3- ئايدا، روسىيە فېدىراتسيە بىخەتەرلىكى يېقىندا، زۇڭتۇڭ مىدېۋىدېۋ شىمالى قۇتۇپ تەلىماتى تۈزۈپ، روسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن نەزەرىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان. روسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر مىليارد رۇبلى ئاجرىتىپ، بەش سۈنئىي ھەمرادىن تەشكىل قىلىنغان« شىمالى قۇتۇپ » سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇز قاتلىمىنىڭ ھالىتىنى كۆزىتىپ، شىمالى قۇتۇپ رايونىدا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە شىمالى مۇز ئوكيان لىنىيىسىنىڭ ترانسپورت تىجارىتىنى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ قوللىغان.
      روسيىنىڭ دېڭىز ياقىسى ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن شەرقى ئاسىيا لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرۇلغاندىن سىرت، شىمالى قۇتۇپ رايونىدا يەنە غەربى شىمال لىنىيىسى، يەنە كانادانىڭ « شىمالىي خالىغاك چۇرىكىل » قاتارلىق پورتلاردىن ئۆتۈپ، شىمالى مۇز ئوكيان ئارقىلىق، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى تاقىم ئاراللار ۋە كۆچمە مۇز رايوننى ئايلىنىپ، ئاندىن بېرىڭ دېڭىز بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يىراق شەرىققە بارىدىغان بىر لىنىيە بار. غەرب شىمال لىنىيىسىدە پاناما قانىلىنى كېسىپ ئۆتكەنگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاشلا نۇرغۇن مۇساپىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ شىمالى قۇتۇپ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى « شىمالى قۇتۇپتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت » دەپ ئاتاپ كەلگەن كانادا ئارقىدا قېلىشنى خالىماي، ھەر خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق پۇرسەتنى ئالدى بىلەن ئىگەنلەشنى ئۈمىد قىلدى.
     24-ئاۋغۇست ، خابىر ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ«ئويۇن كۆرسىتىپ » ئەيىبلىشىگە قارىماي، يەنە بىر قېتىم كانادانىڭ ئەڭ شىمالىدىكى رىسلوتې شەھىرىگە بېرىپ، غەربىي شىمال سۇ يولىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەنتەنىلىك رەۋىشتە ئېلان قىلدى ھەمدە كانادانىڭ 2014- يىلغىچە ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بېرىپ، ئۇنى غەربىي شىمالى لىنىيىسىنى تەشكۈرۈشكە ئىشلىتىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە سۇ يولى بىخەتەرلىكىگە  ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
                                                                                        



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : دانىيە , شىمالى قۇتۇب , يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-17 12:16:55
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 8896
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证