تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› ئىقتىسادى بىلىملەر ›› ئامېرىكا دوللىرى قانداق قىلىپ دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولالىغان؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ahatalim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ahatalim@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئامېرىكا دوللىرى قانداق قىلىپ دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولالىغان؟

    ئامېرىكا دوللىرى قانداق قىلىپ دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولالىغان؟

     

            ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۇل تارىخىدا، ئىشلىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن پۇل- ئالتۇن. پەقەت مىلادىيە 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا برىتانىيەلىكلەر ئىسپانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە روسىيەلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، بۈيۈك برتانىيىنى يىمىرىلمەس ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇرغاندىن باشلاپ، فوند ستېرلىڭ دۇنيا پۇلى بولۇشتەك خوجىلىق ئورۇنغا چىققانىدى.

    ·سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنى ئەنگىلىيىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ سانائەت جەھەتتىكى تەڭداشسىز ئۈستۈنلىكىگە تايىىپ لىبېرالىستىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورناتتى. فوند ستېرلىڭنىڭ پۈتۈن دۇنيا دائىرىسدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنى ئالتۇنغا ئايرىباشلاش نىسبىتىنىڭ نەچچە يۈز يىلغىچە مۇقىم بولۇشى، لوندوننى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى ۋە دېڭىز ترانسىپورت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا راسچوتتا فوند ستېرلىڭنى ئالتۇن بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنيا پۇلىغا ئايلاندۇردى.

    ·گېرمانىيىلىك ئاكسىيە سودىسى پىرى ئاندېر. كىستوراننىڭ "ھەر قانداق بىر پۇل پەقەت ئۆزىنىڭ روياپقا چىققان جايىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ" دېگەن ھېمىتىدەك، ھەر قانداق پۇلنىڭ قىممىتى شۇ پۇلنى روياپقا چىقارغان دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. فوند ستېرلىڭ ئالتۇن بىرلىك تۈزۈمىگە تايىنىپ دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى بازىرىدا يۈز يىلغىچە خوجا بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامدىيالماي قالدى. بۇنىڭ بىلەن تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ بارغاچقا، ئاخىر ئالتۇننىڭ ئوبوروت ئاساسى ئاجىزلاشقا باشلىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ئالتۇن بىرلىك قىلىنغان پۇل تۈزۈمىنى ۋەيران قىلىپ، فوند ستېرلىڭنى زاۋالغا يۈزلەندۈردى.

    19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى. 1913- يىلى ئامېرىكىدا فېدراتسىيە زاپىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھازىرقى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئانىسى بولمىش "فېدراتسىيە زاپىسى چېكى" تارقىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇلىلىق ئورنىغا ئىشتراك قىلىش سەپىرى باشلاندى.

    ·1914- يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان چاغدا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەينى ۋاقىتتىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقىتسادىدىن ئېشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ياۋرۇپا ئەللىرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكا شەھەرلىرى دەل گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىپ بولغانىدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق سانائەت دۆلەتلىرى ئۇرۇش خارابىسىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ مەپەئەتدارى سۈپىتىدە دۇنيا بويىچە قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلاندى. 1945- يىلى ئامېرىكىنىڭ مىللىي دارامىتى پۈتۈن كاپىتالىزىم دۇنياسى مىللىي داراتىمىنىڭ 60 پىرسەنتىگە، ئامېرىكىدىكى ئالتۇن زاپىسى 20 مىليارد 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كاپىتالىم دۇنياسىدىكى ئالتۇن زاپىسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ ئۆلۈشىنى ئىگىلىدى. دۇنيا سودا مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرى فوند ستېرلىڭنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىشلىتىلىش مىدارى ئەڭ كۆپ دۇنيا پۇلى بولۇپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە خەلقئارا سودىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتى فوند ستېرلىڭ بىلەن راسچوت قىلىنىدىغان بولغاچقا، لوندون يەنىلا دۇنيا بويىچە مۇھىم پۇل مۇئامىلىسى مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

    ·ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى بازىرىنىڭ خوجىلىق ئورنىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا خەلقئارا پۇل مۇئامىلىسى سىستېمىسى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل لاھىيىنى تۈزۈپ چىقتى. جۈملىدىن، ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان لايىھىنى ئەنگىلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس كاينىس ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ لايىھىدە دۇنيا بانكىسى قۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ھالقىغان پۇلنى روياپقا چىقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

    ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا پۇل سىستېمىسىنى قۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان برېتون ئورمانلىقى يىغىنى 1944- يىلى ئامېرىكىنىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلدى. يىغىنغا ئىشتراك قىلغان دۆلەتلەر "خۇايت لايىھە" سىنى قوبۇل قىلىپ، فوند ستېرلىڭنىڭ ئورنىنى ئامېرىكا دوللىرى ئىگىلىگەن دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى سىستېمىسىنى روياپقا چىقاردى. لايىھىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئالتۇن بىلەن باغلىنىدىغانلىقى، ھەر بىر ئونسىيە ئالتۇننىڭ 35 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر ئىكەنلىكى شۇنداقلا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتىدە ئايرىۋاشلىنىدىغانلىقى بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلىسى سىستېمىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەندى.

    ·ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى يولغا قويۇشىدىكى كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى. 1947- يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جورجى مارشال دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تالاپىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە قەرز بېرىش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى كونترول قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقتتا "مارشال پىلانى" بويىچە قەرز بېرىلگەن ياۋرۇپا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئون نەچچە غەربىي ياۋرۇپا  دۆلىتىنىڭ ئالغان قەرزىلا 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى. شۇ چاغدا بۇ دۆلەتلەر  مالىيە قىزىل رەقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىغا مۇھتاج بولغاچقا، كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئېھتىياج ئاخىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەمدە بۇ ئەھۋال 10 يىلغىچە داۋام قىلدى. مانا بۇ 10 يىل داۋامىدا، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئورنىغا ئۆتتى. ئامېرىكا دوللىرىمۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق پۇلغا ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بىردى-بىر دۇنيا پۇلىغا ئايلاندى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامىرىكا , دوللار , ھۆكۈمران
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-15 1:06:15
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 180
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证