تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› ھىندىستاندا «جۇڭگودىن قورقۇش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»بار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھىندىستاندا «جۇڭگودىن قورقۇش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»بار

    رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى : ھىندىستاندا «جۇڭگودىن قورقۇش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»بار.

    ھىندىستان زۇڭلىسى سىنىگنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرىكى « جۇڭگونىڭ جەنۇبىي  ئاسىياغا قەدەم بېسىشىدىن ھۇشيار بۇلۇش » توغرىسىدىكى سۆزى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دائىرلىك دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن ، يەنە ھەمىشە « ئەجدىھا بىلەن پىلنىڭ ئېلىشىشى » نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنى يېڭى پاكىت ۋە كۆرۈنۈش نۇقتىسىغا ئىگە قىلدى . بەزىلىرىنى ھەتتا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن « سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» پارتلىشى مۇمكىن دېگەن قىياسقا كەلتۈرۈپ قويدى . رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى : ھىندىستاندا ھەقىقەتەن « جۇڭگودىن قورقۇش ئونىۋېرسال كېسەللىكى » بار . ئەمما ، جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتسادىي ئالاقىسى قۇيۇق ، شۇڭا دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تالاش - تارتىش « سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غا ئۆرلەپ كەتمەيدۇ .
       سىنگ بۇ سۆزىنى جۇڭگۇنىڭ ھىندىستاننىڭ تېبەت بۆلگۈنچىلىرىنى قوللىغانلىقىغا جاۋابەن ئاسسام شىتاتىدىكى مىللى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغانلىقىدىن رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، شۇنداقلا جۇڭگۇ پاكىستان بىلەن يېقىنلاشقاندىن سىرت ھىندىستاننىڭ يەنە بىر مۇھىم خوشنىسى بېنگال بىلەن ھىندى ئوكيانغا چىقىش پورتى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن دېدى.
        روسىيەدە چىقىدىغان « مۇستەقىللىق گېزىتى » نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلىدۇ : سىنگ گەپ - سۆزدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان سىياسەتچى ، بولۇپمۇ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى سۆزلىگەندە بەكمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ . نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم ئۇ چوڭ قوشنا دۆلىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ، ئەجىبا ، ۋەزىيەت راستىنلا ئەشۇنداق ئېغىرمۇ ؟ بۇنىڭغا قارىتا ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىغا قاراشلىق ھىندىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاجىيانا . سائۇمىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى . «ھىندىستاندا جۇڭگودىن قورقىدىغان بىر خىل ئۇنىۋېرسال كېسەكلىك بار . 1992-يىلدىكى ئۇرۇش ، ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىسىدىن  تېخى چىقىپ كەتمىدى.
    دەرۋەقە ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى ، ھەمدە چىگرا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى . ئەمما ، جۇڭگونىڭ ئىقتسادىي ۋە ھەربى ئەمەلىي كۈچنىڭ تېز سۈرئەتتە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھىندىستاننىڭ ئەندىشىسى كېڭىيىشكە باشلىدى . بىراق ، ئىككى تەرەپتە ئىختىلاپ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىشىنىشىڭ يىتەرسىزلىكىدە .»
    سائۇمىيان يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى تۇقنىشنىڭ دائىرسىنى بەك كۆپتۈرۋەتمەسىلىك كېرەك ،ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا غايەت زور ئىقتسادىي باغلىنىش مەۋجۇد . ھالبۇكى ، بۇ ھال بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپلارنى تىنىچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن .
    غەربتىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئۈستىگە قويۇۋاتىدۇ ، رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ سودىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئادەمنى ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ « ئەجدىھا - پىل ئېلىشىشى » ئاساسەن چېگرا تالاش -تارتىشى ، كەشمىر رايونى ۋە يەر شارىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەز ياردەم بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ، يەنە  سىرىلانكا ، بىنگال ، بىرماغا مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىن كۈنسىرى ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ھىندىستان ئۇزۇندىن بۇيان بۇ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسى ئىچىدە دەپ قاراپ كەلمەكتە ، ئۇنىڭدىن باشقا  ، ئىككى دۆلەت پۈتۈن يەر شارى دائىرسى ئىچىدە بايلىق مەنبەسىنى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى تالىشىپ كېلىۋاتىدۇ .

          ( ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى : يەر شارى ۋاقىت گېزىتى )



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھىندىستان , جۇڭگو
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-14 19:30:23
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 19412
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证