تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىدىكى غايەت زور سېلىشتۇرما
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىدىكى غايەت زور سېلىشتۇرما

    جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىدىكى غايەت زور سېلىشتۇرما

    شىخۇا تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» ۋە شىياڭگاڭ «مىڭباۋ» گېزىتى 6-سېنتەبر كۈنى ئايرىم-ئايرىم ماقالە ئېلان قىلىپ، بىل گايتىس بىلەن ۋاررېن بۇففېتلار بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەيرىيەت كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشماقچى بولغان جۇڭگو بايلىرىنىڭ بەزىسى پۈتۈن مۈلكىنى خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى، بەزىسى ئىئانىگە دەۋەت قىلىنىشتىن قورقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى جەھەتتىكى پەرقلىق پوزىتسىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل يۈرگۈزدى.
    «تايمىس گېزىتى»: جۇڭگولۇق بىر خەيرىيەتچى ئۆزى دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، بارلىق مۈلكى ئىئانە قىلىندىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ بىل گايتىس بىلەن ۋاررېن بۇففېتلار بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەيرىيەت كەچلىك زىياپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ باياناتىنى بەردى، دېدى.
    جۇڭگو مەتبۇئاتلىرى جۇڭگودا يېڭىدىن پەيدا بولغان بايلارنىڭ بۇ ئىككى ئامېرىكىلىق مىليادېر مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگودا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەيرىيەت كەچلىك زىياپىتىدە ئىئانە دەپ قالسا يانچۇقىنى كوچىلاشتىن قورقۇپ زىياپەتكە قاتنىشىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
    بىل ۋە مېلىندا گايتىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايال باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، تەخمىنەن 50 ئادەم بىل گايتىس بىلەن ۋاررېن بۇففېتلار 6-ئايدا باشلىغان «ئىئانىگە دەۋەت قىلىش» ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدىن قورققانلىقتىن ئەمەس، بەلكى باشقا ئىش چىقىپ قېلىپ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقتىن بۇ كەچلىك زىياپەتنىڭ مېھماندارچىلىقنى قوبۇل قىلماپتۇ.
    جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خۇسۇسي كارخانىچى، مەلۇم ھاسىلىي ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن گۇاڭبياۋ ئىئانە تەلىپىدىن قۇرقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ بىر پارچە ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بارلىق مۈلكى ئىئانە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    جۇڭگودىكى 1مىليارد 300مىليون ئادەمنىڭ كۆپىنچىسى ھېلىھەم نامراتلىقتا ياشاۋاتىدۇ، تېخىچە يەرگە تايىنىپ جان بېقىش يولىدا تىرمىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ، لېكىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە نامراتلىقتا ئۆتۈپ ئەمدىلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بەزى كىشلەر پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ كەتمەكتە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى غەيرىي پايدا تەشكىلاتلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جىنجىنپىڭ: «ئامېرىكىلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودىكى بەزى بايلار ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ باياشاتلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كۆپ ھاللاردا تەربىيىلىنىش، پېنسىيە پۇلى ۋە داۋالىنىش كاپالىتى قاتالىق مەسىللەردىن غەم قىلىدۇ» دېدى.
    مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، جۇڭگودىكى بايلارنىڭ رەت تەرتىپى توغرىسىدىكى ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئەڭ سېخى 50باي 2009-يىلى ئىئانە قىلغان پۇل جەمئى 8مىليارد 210مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن، بۇ 2008-يىلدىكى 3مىليارد 890مىليون يۈەن ئىئانىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەككە باراۋەر.
    «مىڭباۋ» گېزىتى: جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ خەيرىيەتچى پايچىك ئىلاھىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق بىساتىنى ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، دېدى.
    «جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ خەيرىيەتچى» دەپ نام ئالغان باي چېن گۇاڭبىياۋ شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدە مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس ۋە «پايچىك ئىلاھى» ۋاررېن بۇففېتلارغا ئوچۇق خەت ئەۋەتىپ، «بايلىققا كۆمۈلگەن ھالدا ئۆلۈپ كېتىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغانلىقى»نى، ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بارلىق مۈلكى خەيرىيەت ئاپپاراتلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىلدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، دېمەك چېن گۇاڭبىياۋ ئۆزىنىڭ بارلىق مۈلكىنى ئىئانە قىلىۋېتىشنى بىلدۈرگەن جۇڭگولۇق تۇنچى باي ھېسابلىنىدۇ. ئىچكىرىدىكى بەزى تور ئەھلى ئۇنى «جۇڭگو بايلىرى ئىچىدىكى خەيرىيەتچىلەرنىڭ نەمۇنىسى» دەپ سۈپەتلىدى.
    چېن گۇاڭبىياۋ جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇاڭپۇ ھاسىلىي ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ، 1968-يىلى توغۇلغان، ئۇ ھازىر جۇڭگودىكى بىر مۇنچە خەيرىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باشلىقى جۈملىدىن جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي باش مۇدىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، 2010-يىلدىكى بايلار رەت تەرتىپىدە ئۇ مەملىكەت بويىچە 2009-يىلدىكى 325مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئىئانىسى بىلەن 4-ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ بۇلتۇرقى مۈلكى 3مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، بايلار رەت تەرتىپىدە 340-ئورۇندا تۇرغان، 2010-يىل بېشىغىچە، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىئانىسى 1مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن.
    بىل گايتىس بىلەن ۋاررېن بۇففېت بۇ يىل «ئىئانىگە قەسەم» ھەرىكىتى قوزغاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلارنى ھېچ بولمىغاندا مۈلكىنىڭ يېرىمىنى خەيرىيەت ئاپپاراتلىرىغا ئىئانە قىلىش توغرىسىدا مۇراجىئەت چىقاردى.
    بۇ ئىككىيلەن مۇشۇ ئايدا جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىدا خەيرىيەتنى تەشۋىق قىلىپ كەچلىك زىياپەتكە چاقىرماقچى، ئۇلار جۇڭگودىكى 50بايغا باغاق ئەۋەتىپتىكەنمىش، لېكىن بىر قىسىم كىشلەر زىياپەتكە قاتناشسام پۇل ئىئانە قىلىشقا ئۈندەيدۇ، دەپ قورقۇپ زىياپەتكە بېرىشتىن باش تارتىپتۇ. چېن گۇڭبىياۋ زىياپەتكە بارىمەن دەپ تۇرغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىر ھېسابلىنىدىكەن.
    گايتىس فوند جەمئىيىتى جۇڭگو تۈر رايوننىڭ مۇدىرى يې لېي بۇ ئىشقا ئىزاھات بېرىپ، بىل گايتىس بىلەن ۋاررېن بۇففېتلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى جۇڭگودا خەيرىيەت ئىشلىرى بىلەن ئالاقىدار يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بايلارنى خەيرىيەت ئىشلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىشقا ئۈندەش نىيىتى يوق.
    ئامېرىكىدىكىدەك بايلارنىڭ ئىئانىگە ۋەدە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ يۈرمەيدۇ، دېدى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-14 17:51:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 186
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证