تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› ياپونىيە 25يىراق ئارالنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالماقچى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ياپونىيە 25يىراق ئارالنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالماقچى

    ياپونىيە 25يىراق ئارالنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالماقچى

    يەرشارى ۋاقىت گېزىتى(23-ئاۋغۇست)دىن ئېلىندى.

    ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئۆزىگە زېمىن ۋە دېڭىز ئايرىۋېلىشقا ئەڭ ھېرىسمەن دۆلەت بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بىرەر غېرىچ زېمىننى دەپ ھەر قانداق غەلىتە ھۈنەر ئىشلىتىشتىن يانمايدىغان قىلىقلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى 21-ئاۋغۇست خەۋەر ئاشكارىلاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىل 3-ئاي ئاخىرىغىچە 25يىراق ئارالنى «دۆلەت ئىختىيارى»غا ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق، بۇ ئاراللارنىڭ ئەتراپىدىكى مول دېڭىز بايلىقىنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بىلەن تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان دىياۋيۈ تاقىم ئارىلى ۋە جۇڭگو ئېتىراپ قىلمايۋاتقان جۇڭجنياۋ مارجان خادا تاشلىقىمۇ بار، ياپونىيە تېخى يېقىندا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «يىراق ئاراللارنى تارتىۋېلىش» مانېۋىرىغا ئامېرىكا ئارمىيىسىنى تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرسەك، دېڭىز دائىرىلەش جەھەتتىكى بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. بىر جۇڭگو ئالىمى 22-ئاۋغۇست «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگو «دېڭىزدا تەھدىت» دېگەننى كۆپتۈرۈپ، شەرقىي ئاسىيا دېڭىز ھوقۇقى تالاش-تارتىشى جەھەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن زىتلىشىپ قېلىشىغا ماسلىشىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان، دېدى.
    «ئەڭ چوڭ مۇددىئاسى جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشتىن ئىبارەت»
    ياپونىيە ئۆزىدىكى 4چوڭ ئارالدىن سىرتقى ئاراللارنى يىراق ئارال دەپ ئاتايدۇ، ھازىر ياپونىيە 6800چە يىراق ئارالغا ئىگە، بۇنىڭ 315دە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، ئەمدىلىكتە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بەزى يىراق ئاراللار ئۈستىدە «چوڭراق ئىش تەۋرەتمەكچى» بولىۋاتىدۇ. «ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىل 3-ئاي ئاخىرىغىچە 25يىراق ئارالنى «دۆلەت مۈلكى»گە ئايلاندۇرماقچى ھەمدە 6-ئاي ئاخىرىغىچە ئاشۇ ئاراللارنى كاردىنال نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز دائىرسىنى «مۇھاپىزەت رايونى» قىلىپ بەلگىلىمەكچى بولغان. ياپونىيىنىڭ ھازىرقى خاس ئىقتىسادىي رايون دېڭىز كۆلىمى 4مىليون 470مىڭ كۋادرات كلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ، دېمەك ياپونىيە يىراق ئارالنى ئۆزى مۇستەقىل ئاچماقچى. شۇ گېزىتتە يەنە ياپونىيىنىڭ بۇ ئاراللارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىۋېلىشتىن «ئەڭ چوڭ مۇددىئاسى جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىپ، ياپونىيە بۇ ئاراللارنىڭ بايلىق ھوقۇقىغا ئىگە» ئىكەنلىكىنى نامانەن قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. دېمەك، كېلەر يىل 6-ئاي ئاخىرىدىن كېيىن، ياپونىيە زېمىن ۋە قاتناش ۋەزىرىنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە دېڭىز ئاستى بايلىقىنى قېزىش بىلەن شۇغۇللىنالمايمىش.
    «دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن مەقسەت باشقۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش»
    ياپونىيىنىڭ يىراق ئاراللارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشى تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس. بەزى ئۇششاق ئاراللار شەخسلەرنىڭ تېخىچە ئىلىكىدە تۇرماقتا. مەسىلەن دىياۋيۈ تاقىم ئارىلىنى ئالساق، گەرچە ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2004-يىلدىن 2005-يىلغىچە بۇ تاقىم ئارالنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، يەنە بەزىسى تېخى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتمىگەن. مەسىلەن دىياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ «خوجايىنى» ياپونىيىنىڭ سائىتاما ناھىيىسىدىكى بىر توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى شىركىتىنىڭ باشلىقى ئىكەن. ئەينى يىللىرى ياپونىيىدىكى ئوڭ قانات تەشكىلاتلار بۇ ئارالغا چىقىپ ماياك ئورۇنلاشتۇرغاندا، بۇ «خوجايىن» قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى «خۇسۇسىي تۇرالغۇسىغا بۆسۈپ كىرگەنلىك» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغانلارنىڭ ئارالغا چىقىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى دىياۋيۈداۋ ئارىلىنى «سېتىۋېلىش» تەلىپىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خوجايىن ئۇنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە «ئىجارە»گە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ئىجارە ھوقۇقى»غا ئېرىشكەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى 25يىراق ئارالنى «سېتىۋېلىش» ئارقىلىق دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. ئاندىن ئەسلىھە سالىدىكەن ياكى ھەربىي كۆزىتىش پونكىتى قۇرىدىكەن. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىدىكى بى ئەربابنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى ۋە قوغدىنىش ئەترىتى بۇ ئاراللارنىڭ ئىچىكىدىكى چۇڭجىياۋ ئارىلىنى « جۇڭگونىڭ تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك بازا دەپ قارايدىكەن.
    ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بەزى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار توردا «يىراق ئاراللارنى قايتۇرۇۋېلىش» ھەرىكىتى دەپ ماختاشقان.
    ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس.
    ياپونىيىنىڭ يىراق ئاراللىرى ئىچىدە دىياۋيۈداۋ ئارىلى جۇڭگو بىلەن تالاش-تارتىشتا قالغان بىردىنبىر ئارال ھېسابلىنىدۇ، ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ئارالغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. چۇڭجنياۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىدە تالاش-تارتىش يوق، لېكىن جۇڭگو ئۇنى «ئارال» دەپ قارىمايدۇ، ئەگەر ئارال دەپ قارالسا ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىسى ۋە خاس ئىقتىسادىي رايونى بولغان بولىدۇ. ياپونىيە بىلەن پەقەت روسىيە كورىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىلا ئارال تالاش-تارتىش مەۋجۇت. شىمالىدىكى 4ئارالنى روسىيە ئەمەلىي كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، كورىيىلىكلەر «دۇداۋ» دەپ ئاتايدىغان ئارالنى ياپونلار «جۇداۋ» دەپ ئاتايدۇ، ئۇمۇ ئەمەلىيەتتە كورىيىنىڭ قولىدا، دىياۋيۈداۋ ئارىلى بىلەن جۇڭجنياۋ مارجان خادا تاشلىرىنى ئەمەلىيەتتە ياپونىيە ئىگىلەپ كېلىۋاتسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارالغا نىسبەتەن دۆلەت نامىدىن قوللانغان ھەر قانداق ھەرىكىتى قانۇنىي كۈچە ئىگە ئەمەس، بۇ مەسىلە ئاخىر ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ۋە خەلقئارا كېسىم قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك.
    دېڭىز-ئوكيان قانۇننى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بىر جۇڭگولۇق ئالىم «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ ئاراللارنى «دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىۋېلىش» ھەرىكىتىنى جۇڭگو توسۇپ بولالمايدۇ، ئۇ «ب د ت دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسى»گە خىلاپ بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىز ئۇنى ئوچۇق دېڭىز دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات پاراخوتلىرىمىز ئىلگىرى چۇڭجنياۋ مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز تەۋەسىگە بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دېدى.
    ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىغا ماسلىشىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان
    تەتقىقاتچىلار ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە «ئارال تارتىۋېلىش» مانېۋېرى ئۆتكۈزۈشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونى دېڭىزدىكى تەھدىت دەپ كۆپتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا يېقىندىن بۇيان ئاسىيادا ئويدۇرۇپ چىقىۋاتقان «جۇڭگو دېڭىزدا تەھدىت نەزەرىيىسى» ماسلىشىپ، شەرقىي ئاسىيادا دېڭىز ھوقۇقىنى تالىشىش كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرمەكچى دېدى. ياپونىيە باش مىنىستىر نائوتۇكان 22-ئاۋغۇست سۆھبەت بايان قىلىپ، «چاۋشىيەن بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «يېڭى كورىيە-ياپونىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئورنىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. يېقىندا ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىز ئىشلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن قول تىقىپ، ئاسىيادا «بىرەر ئىش تەۋرىتىش» مۇددىئاسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ، ياپونىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا ماسلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ئاساسىدۇر، ياپونىيە بۇنداق ھۈنەرگە پىشىپ كەتكەن.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياپونىيە , تالاش-تارتىش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-8 16:25:10
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 20898
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证