بىزدىكى غەيرىي ئىشلار
قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن بىر ئالىم توغۇرلۇق ئاڭلاپ قالدىم . بۇ ئالىم توغۇرلۇق مەنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئائىت نۇپۇزلۇق ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىم . ئەمما بۇ دوستۇم ئالىمنى سەل كۆپتۈرۋەتتى . مەن ئۇنىڭغا ئالىمنى سەل كۆپتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان بولساممۇ ئۇ يەنىلا ماختاۋاتتاتتى . - بولدى قىل ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا ، - بۇنداق دەۋەرسەڭ بۇ ئالىمنىڭ ھازىرقى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىسەن . ئۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالماستىن يەنە سۆزلەۋاتاتتى . مەن نېمە دېسەم ئۇنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئالىمنى بەك چوڭ بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بۇنداق گەپ قىلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن نۇقتىغا گەپنى باشقا نۇقتىغا يۆتكىدىم . - سەن ئېنىشتېيىن توغىرسىدا ئاڭلىغانمۇ ؟ - ئاڭلىغان ، ئۇ ئالىمنى دۇنيادا تونىمايدىغان كىشى يوققۇ ؟ - شۇنداق ، ئەمما يەھۇدىلارنىڭ ئۇ ئالىمغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟ - بۇنى دېيىشنىڭ زۈزۈريىتى بارمۇ ؟ يەھۇدىلار ئۇ ئالىمنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ . - ئەمما ئىش دەل سەن ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە ئىكەن . ئۇلار ئېنىشتېيىننى بىزدەك چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ . - بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟ ھەي ، بىلەمسەن ؟ يەھۇدىلار ئېنىشتېيىننى ئىتراپ قىلىدۇ . ئەمما ئۇنى چوڭ بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇ دېگەن ئېنىشتېيىن ، باشقا بىر يەھۇدىي دېگەن يەنە بىر ئادەم ، ئۇ «سەن دېگەن سەن ، مەنە دېگەن مەن»دېگەن ئىددىيە بىلەن ياشايدۇ . ئېنىشتېيننىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكى ئىنىق ، ئەمما يەھۇدىلار ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ ، نۇرغۇن يەھۇدىي ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ . ھەتتا بىر يەھۇدىي رەسسام ئوچۇقتىن ئوچۇق ئېنىشتېيىننى تىللاپ كەتكەن . چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئېنىشتېيىن رەسىم جەھەتتە بەرىبىر قاراقورساق ئادەمدە ! بىز خەقتىن پەخىرلىنىمىز ، ئۇ كىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ ، بۇنى دەڭسەپ باقمايلا ، قارغۇلارچە چوڭ كۆرىمىز ، شىرىن تۇيغۇلاردا غەرىق - مۇستەق بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇيمىز . - بۇ دېگىنىڭ ئاساسى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپ . - توغرا ، سېنىڭ ھىلىقى ئالىمنى بۇنداق ماختىشىڭ مېنىڭ سەل كۈلكەمنى قوزغىدى . سەن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ، باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قاللماسلىقىنى ئويلىمامسەن ؟ - ئويلايمەن ، ئەمما شۇ شارائىت يوق . - مانا بۇ گېپىڭ قاملاشمىدى ، شارائىت سېنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ ، ئۆزۈڭ يارىتىشىڭ كېرەك . بۇ جەرياندا ھەرقانداق كاسكىلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا پىسەنىت قىلمىساڭلا بولدى . ھەم ئۇلار پىسەنىت قىلشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ . پەقەت نىشانىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىڭ كېرەك . ئۇ ئالىم بولسا ، پەقەت مەلۇم ساھەدىكى ئالىم ، ھەرگىزمۇ پۈتۈن ئېلىم ساھەسىدە ئەمەس ، بەك ماختىۋەتسەڭ ، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىپ قويغان بولىسەن . مەن ئۇنىڭغا شۇنداق سۆزلەپ ، ئاخىرى قايىل قالدىم . شۇنداق ، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئالىمنى چوڭ بىلىدۇ ، ئەمما شۇ ئالىمنىڭ قايسى ساھەدە ئىكەنلىكى ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قارغۇلارچە چوقۇنىدۇ . ئۇلار ھەققىدە ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەرنى سۆزلەپ يۈرۈپ ، ئۆزىنىمۇ بىر ئالىمدەك كۆرسىتشنى ، ساختىدىن بولسىمۇ نام - شۆھرەتكە ئىرىشىۋىلىشنى ئويلايدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئالىم بولسا ، خۇددى سۈتتەك ، پاك كىشىلەردۇر . ئەمما ئالىممۇ بىز كەبى بىر ھىسسيىاتلىق ، ئىجتىمائىي ئادەم بولغاچقا ، بىز ئۇنى بەك كۆپتۈرۋەتسەك ياخشى بولمايدۇ . بولمىسا ئالىمغا ئۇۋال قىلىپ قويغان بولىمىز . ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز كېرەك . ئەمما ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق ، ئۆزىمىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قالايدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ ، ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويساق ، قۇرۇق ماختىنىپلا يۈرسەك ، بىز يەنىلا زاۋالىققا يۈزلىنىپ قالىمىز . شۇڭا ، خەقنى مۇۋاپىق ماختىشىمىز ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە پۇختا بولشىمىز كېرەك ، چۈنكى ھەممە كىشى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ، ئۆزىنى مۇستەھكەملىسە ، ئاندىن مىللەت تەرەققى قىلىدۇ ، مىللەت مۇستەھكەم بولىدۇ .