تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› تەبىئەت ›› جۇغراپىيە ›› ئالەمنىڭ تۇنجى دەقىقىسى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ahatalim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ahatalim@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئالەمنىڭ تۇنجى دەقىقىسى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى

    ئالەمنىڭ تۇنجى دەقىقىسى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى

     

    .ئالەمنىڭ تۇنجى دەقىقىسى
    ئالەمنىڭ «چوڭ پارتلاش» نەزىريىسى20-ئەسىر تەپەككۈر ئىنقىلاپلىرىنىڭ بىرى.نەزەرىيە فىزىكا ئالىملىرى ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ھەرگىزمۇ بىر قېتىمىلق پارتلاش ئەمەس،كۆپ قېتىملىق پارتلاش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن دەيدۇ.ھەر قېتىملىق پارتلاشتا ئالەم بىر قېتىملىق چوڭ كىڭەيمە ھەركەت قىلغان.شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالەمنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بۈلۈنۈپ چىققان. بىز بۇنداق ئالەمگە نىسپەتەن ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نوختىسىنى كوردىنات ئوقى بىلەن ئىپادىلىسەك،ئالەمنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 10 ^ -43 سىكونىت بولۇپ چىقىدۇ.بۇ فىزىكىدا پىلانىك ۋاقتى دىيىلىدۇ.ھەم ۋاقىتنىڭ كىۋانىت بىرلىكى سۈپىتىدە قوللىنىلدۇ.شۇنداقلا ئۇ بۇنىڭدىن كىيىن قايتا بۈلۈنمەيدۇ. بىز ئالەمنىڭ يېشىنى ھىساپلىغاندا  10 ^ -43 سىكونىتتىن باشلاپ ھىساپلايمىز.بۇ ۋاقىتتا ئالەمنىڭ زىچلىقى پىلانىك زىچلىقىغا يەتكەن بولۇپ،تىمپىراتورا 10 ^ 23  گىرادۇس بولغان، بوشلۇقتىكى ھەر كۇپ سانتىمىتىر يەرگە كەلگەن جىسىم  10 ^ 94 كىلوگىرام بولغان. بۇ ۋاقىتتا تارتىش كۈچىنىڭ ئىپتىدائى تەسىرىمۇ،ماكان-زامان ئۇقۇملىرىمۇ تېخى تولۇق ئۈنۈمگە ئىگە بولمىغان. ئالەمدە پىلانىك ئۇزۇنلىقى(10 ^ -33 سانتىمىتىر بولۇپ،پىروتون چوڭلۇقىنىڭ  10 ^20 دىن بىرىچىلىك)  ھەم پىلانىك ۋاقتى (10 ^ -43 سېكونىت) دەرىجىسىدە ۋاقىت-بوشلۇق كىۋانىتلاشقان بولۇپ،ئالەمنىڭ ھازىرقى دەرىجىسىگە ماس كىلىدۇ.ماكان-زامان بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋالغۇسىز دەرىجىدە كىرىشىپ كەتكەن،چوڭ پارتلاش نەزەريىسى بويىچە بولغاندا ئالەم بۇ ۋاقىتتا بەئەينى بىر پىروتونچىلىك ھالەتتە بولغان،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ھالەتتە بولغان بولىشى مۇمكىن.

    2. ئىپتىدائى ئالەمنىڭ ماددا تەركىۋى
    كائىناتنى بىز ماددي نەرسىلەر ئارقىلىق تونۇيمىز.ماددا چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ .ئۇ بىر مۇتلەق بولمىغان ئۇقۇم. بەزىدە كونكىرتلاشسا بەزىدە بەك ئابىستىراكىتنى بولۇپ قالىدۇ.ئالەمدىكى ئەڭ ئۇششاق زەرىچىلەرنىڭ بىرى بولغان كىۋاركمۇ ماددا،دەرىجىدىن تاشقى پىلانىتلارمۇ ماددىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى. ھالبۇكى ئاشۇ زور پىلانىت بولسۇن ياكى پىلانىتلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلمىنىتلار- ئېلمىنىتلارنى تەشكىل  قىلغۇچى ئاتوملار بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ئاشۇ ئۇششاق كىۋاركتىن تەشكىل تاپىدۇ. كىۋارك  نەزىريىسىنى ئەڭ دەسلەپ كۈتۈرۈپ  چىققۇچىلار بولسا ماسساچۇستىس تەبئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستوتىدىكى سىۋىگىر 和乔治。茨威格،ھېرمان。盖耳曼 里 默 قاتارلىق نەزەرىيە فىزىكا ئالىملىرى بولۇپ،ئۇلار شائىرلارغا ئوخشاش تەپەككۈر بىلەن ھەر بىر كۋاكنىڭ نامىنى قويۇپ چىققان.«تەم»،«رەڭ» پەرقىنى ئاساس قىلىپ،كۋارك زەرىچىلىرىنى قاتلام ۋە تۈرگە بۆلگەن.كىۋاركلارئادەتتە يادرو زەرىچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بوشلۇقتا ياشايدىكەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىر خىل كۈچ ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينايدىكەن.ئېلىكتىرون ھەم يادرو زەرىچچىسىنى يۇقۇرى ئىنىرگىيە شارائىتىدا سوقۇشتۇرۇلسا بۇ خىل جايلىشىشنى كۈزەتكىلى بولىدىكەن. نەچچە يىل ئالدىدا ماسساچۇستىس ئىنىستوتى ھەم سىتانفورد تېخنولوگىيە ئۇنۋىرسىتىدىكى تىزلەتكۈچ مەركەزلىرى ئورتاق ھالدا،كۋاكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىق ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلسە كۋاكلار ئوتتورىسىدىكى تەسىر كۈچنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ ئىسپات مەلۇم تىمپىراتورا ئاستىدا يەنى نەچچە يۈز مىليارد سېلىتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا،گادرونلار ھەم ئۇنىڭ بىرىكمىللىرى كۋاكلارغا بۈلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى  چۈشەندۈرۈپ بەردى.ئوخشاشلا ئاتوم نەچچە مىڭ سىلىتسىيە گىرادوس ئاستىدا ئىلىكتىرون  ھەم يادروغا،يادرو  بولسا  يۇقۇرى تىمپىراتورا شارائىتىدا پىروتون ھەم نىيترونغا پارچىلىنىپ كېتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا ئاساسەن شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى،ئەڭ دەسلەپكى ئالەم بولسا فوتون، لىپتون، ئانتى(ئەكسى) لىپتون، كۋارك، ئانتى (ئەكسى) كۋارك بىرىكمىللىرىدىن تۈزۈلگەن.1973-يىلى بۇ نەزەرىيەنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى دۇنياغا كەلدى. ئۈچ نەپەر ياش فىزىكا ئالىمى-ــ خارۋارد ئۇنۋىرسىتىدىكى شىۋىي.لىس休维。利策 ھەم پۇلىستۇن ئۇنۋىرسىتىدىكى دەيۋى كارلوس戴维。格罗斯،فىرانىك费兰克لار بۇ خىزمەتنى ئۇرۇندىدى.ئۇلار ئالاھىدە بىر كۋانىت مەيدان نەزەرىيە سىستىمىدا(بۇ نەزەرىيە «غەيرى ئابىل قېلىپلاشقان نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالدى) كۋاكلار ئوتتورىسىدىكى تەسىر كۈچنىڭ ئارلىق يېقىنلاشسا ئاجىزلايدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقتى،بۇ نەزەرىيەنىڭ دەرىجىسى تەدرىجى يېقىنلىشىش،ئەركىنلىك دەپ كۆرسىتىلدى.تەدرىجى يېقىنلىشىپ ئارلىق قىسقارسا ھەم يۇقۇرى ئىنىرگىيە شارائىتى تەڭ مەۋجۇد بولسا،كۋاكلارنىڭ ھەركەت شەكلى ئەركىن زەرىچىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
    J.C كېلىس  ، J.M پىلى  قاتارلىق كېمبىرىجدىكى داڭلىق ئالىملار يىتەرلىك ئېنىرگىيە،يىتەرلىك زىچلىق شارائىتىدىكى زەرىچىلەرنىڭ بىرىكىش ئەھۋالىنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى   سىكونىتىدىكى شارائىتىنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تۇلۇق چۈشەندۈرگىلى بولدى.غەيرى ئابىل قېلىپلاشقان نەزەرىىيىسى ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەركىن زەرىچىلەردىن تەشكىل قىلىنغان كۈرۈنىشىنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن يىشىپ بەردى.نۆۋەتتە كىۋاركلار توغرىسىدىكى ماقالە-كىتاپچىلار كۈندە دىگۈدەك ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.لېكىن ئۇ يەنىلا غەيرى ئۈنۈملۈك.تەبىئەتتە ھېلىھەم ئەركىن كىۋاركلار تېپىلمىدى.يۇقۇرى تىزلەتكۈچلەرمۇ كىۋارك  ھاسىل قىلالمىدى.ئۇنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىدىمۇ غەيرىلىك مەۋجۇد. مەسىلەن:پىروتون ھەم نىيترون بولسا ھەركەتتىكى ئۈچ كۋاركتىن تەشكىل تاپىدۇ ρ  مىزون بولسا ھەركەتتىكى بىر كۋارك ھەم بىر ئانتى كۋاركتىن تۈزۈلىدۇ.ئەگەر ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى گادرونلار ھەقىقەتەن كۋاركتىن تەشكىل قىلىنغان بولسا ئۇنداقتا پات يېقىندا ئەركىن كۋاركلار تېپىلغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالە- خەۋەرلەر گىزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىنغۇسى.         

    3- ئالەمىنىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسى
    ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ تەكشى زىچلىقىغا قاراپ  ئالەمنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە  ھۈكۈم قىلىغىلى بولىدۇ. پۇلىستۇن يۇقۇرى پەن-تېخنىكا  تەتقىقات يۇرتىدىكى فىيمان دەيسۇن,Freeman Dysonلوندۇن ئۇنۋىرسىتىدىكى جامال ئىسلام  Jamal Islamكىڭىيىۋاتقان ئالەمنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلدى.(ئىسلامنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «ئالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى» كېمبىرىج ئۇنۋىرسىتىتى تەرپىدىن 1983-يىلى نەشىر قىلىندى.)ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئالەم پەيدا بولغىلى 15 مىليارد يىل بولغان.(ھازىرچە ئالەمنىڭ ئۆمرىگە ئائىت ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد:بىرى20 مىليارد يىل؛ئىككىنچى بىرى 15 مىليارد يىل)ئۇلار بىز ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنى ئوموميۈزلۈك ھالدا كەلگۈسىگە يۈزلەندى،بۇنىڭدىن كىيىنكى    10 ^ 27 يىل ئىچىدە،ۋەيران بولغان يۇلتۇز تۈكۈملىرىنىڭ ھەننىۋاسى يۇلتۇز سىستىمىسىنىڭ مەركىزىگە توپلىنىدۇ.ھەم  10 ^ 11 قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بولۇپ شەكىللىنىدۇ،يۇلتۇزلار ئۆمىكىدىكى  يۇلتۇز سىستىمىللىرى ئوربىتا ھەركەت ئىنىرگىيىسىمۇ تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق تۈگەيدۇ،دەپ قارىدى.تەخمىنەن    10 ^ 31 يىل ئىچىدە يۇلتۇز سىستىمىللىرىنىڭ ھەممىسى يۇلتۇزلار ئۆمىكىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىدۇ.يىغىلىپ  10 ^ 15  دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانىت تىپتىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بولۇپ شەكىللىنىدۇ.نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتكەندە ئەكسى جەريان يۈز بىرىپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ئىنىرگىيە پارلىنىش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز دەرىجىلىك قاراڭغۇ ئۆڭكۈر   10 ^ 67  يىل ئىچىدە پارلىنىپ تۈگەيدۇ. يۇلتۇز سىستىمىسى دەرىجىلىك  گىگانىت تىپتىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر  10 ^ 97 يىل؛ دەرىجىدىن تاشقىرى  گىگانىت تىپتىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر   10 ^ 106 يىل ۋاقىت ئىچىدە پارلىنىپ تۈگەيدۇ. ئىنىرگىيە ۋە ئىنتروسپىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى توپلىنىشى نەتىجىسىدە قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئاق ئۆڭكۈر تىپىگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.(ئاق ئۆڭكۈر باشقا بىر ئالەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ).ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن،چەكلىك ئالەمدە كىڭىيىش- تارىيىش ئالەمنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى. بۇ، ئالەمدىكى بىر تۇتاش سىستىما.چەكلىك ئەمما بىپايان،كېڭىيىش يەنە تارىيىش... روسىيەلىك ئۇلۇغ فىزىك فۇلدىمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئالەملىك چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىنى تىكلىگەندىن كىيىن،خاۋكىڭ قاتارلىق بىر بۈلۈك ئالىملار ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش ئاساسىدىكى كىڭىيىش تارىخنى مول بولغان فىزىماتىكىلىق تەپەككۈر يولىدا تەسۋىرلىدى.نىسپىيلىك نەزىريىسىدە ئەكىس ئەتكەن چەكلىك ئەمما بىپايان ئالەمگە نىسپەتەن كىڭىيىش ئالەمنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولسا،تارىيىشمۇ(قورولۇش)ئالەمنىڭ مۇقەررەر يۈزلىىنىشى بولوپ قالىدۇ. خاۋكىڭ بىلەن جىم خارتىلJim Hartle 1983-يىلى ئىشلىگەن مودىلىغا ئاساسلانغاندا،بىزنىڭ بۇ ئالەم چىگرىسىز،ئۆز-ئۆزىنى زامان-ماكان كۆپىكى ئىچىگە قاماپ تۇرىدىغان ئالەمدۇر ( Completey self-contained   bubble of space time). خاۋكىڭنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا،ئالەمىنىڭ چىگرا شارائىتى بولسا ئۇنىڭ چىگراسىزلىقىدۇر. چوڭ گۆمۈرلۈشbig crunch  مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئومۇملاشتۇرغۇچى يازغۇچىسى جون گىربىن  John cribbin  تەرپىدىن ئومىگا Ω نوختىسى دەپ ئاتالغان Omega ئىدى. 1988- يىلى گىربىننىڭ  Theom Ega ponint   دىگەن مەشھۇر ئەسىرى دۇنياغا كەلدى. يازغۇچى مۇنداق يازىدۇ:«چوڭ گۆمۈرلۈش »بولسا قۇلاققا ئانچە خوشياقمايدىغان ئىسىم، ئۇ ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بىرىش ئىنتايىن قىيىن. شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك Ω دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تېخنىكا تىلى سۈپىتىدە كەڭ قوللاندى. ئالەم  Ω نوختىسىغا تارىيىش جەريانىدا  كۆپلىگەن يۇلتۇز سىستىمىسىدا چوڭ قورۇلۇشتىن ئىلگىركى بىر يىل ئەتراپىدا ۋاقىت قاتلىنىدۇ.بۇ ۋاقىتتا مىكرو دولقۇن ئارقا كۈرۈنۈش رادىئاتسىيىسىنىڭ تىمپىراتۇرىسى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تىمپىراتۇرىسىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.كۆپلىگەن يۇلتۇزلار يىمىرلىپ ساناقسىز ئاساسى زەرىچچىلەردىن تەشكىل قىلىنغان قۇيۇق تۇمانلىقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. Ω  نوختىسىغا بىر سائەت قالغاندا يۇلتۇز سىستىمىللىرىنىڭ مەركىزىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىدىكى  قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىر-بىرىنى يۈتۈۋېلىشى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما كانادا ئىباتا ئۇنۋىرسىتىدىكى ۋىيمىر ئىسرائىلWemer Israil ھەم ئۇنىڭ كەسىپدىشى بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويغان مودىلدا،نۇرغۇنلىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى غەيرى نوختىدا كۈچلۈك تارتىش كۈچى  مەيدانى مەۋجۇد بولغانلىقتىن ،ئەڭ ئاخىرقى گۆمۈرلۈش پىلانىك ۋاقتى   10 ^ -43 سىكونىت ئىچىدە تاماملىنىپ بولىدۇ. بىر سائەت ۋاقىت كەتمەيدۇ. بۇ بويىچە بولغاندا جىددي كىڭىيىشكە قارىغاندا جىددي گۆمۈرلۈش كومىدىيە  خارەكتىرلىك تىز بولىدۇ.بۇ ئاخىرقى گۆمۈرلۈش تاماملىنىپ تامامى ماسسا بىر كىچىك نوختىغا جەم بولۇپ،زىچلىق ئاخىرقى چەككە يەتسە،ئالەم قاتتىق پارتلايدۇ.يىڭى بىر كىڭىيىش باشلىنىدۇ...ئومىگا Ω نوختىسى بىر new Big bang ( يىڭى پارتلاش) نىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالەمنىڭ كىۋانىتلىشىشى ئەمەلگە ئېشىپ،سىلكىنىش ئىچىدىكى مەۋجۇدلىقنى ساقلايدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئالەم , تۇنجى , دەقىقىسى , ئاخىرلىششى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-8 4:35:28
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 832
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证