تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› شىركەتلەر ›› قۇياش مىكرو سېستىم شىركىتى= Sun Micro systems,Inc
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ahatalim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ahatalim@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    قۇياش مىكرو سېستىم شىركىتى= Sun Micro systems,Inc

    قۇياش مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتى

     

    ITساھەسىدىكى SUN(قۇياش مىكرو سېستىما )شىركىتى(Sun Microsystems,Inc) دۇنيادىكى يۇمشاق دېتال كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ 2010-يلى 9-ئايدا 26مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان سان شىركىتىنىڭ  بازار قىممىتى 11مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
    ئامرىكا SUNشىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزىدىكى ئەنگە ئالدۇرغان تولۇق نامى太阳计算机系统(中国)有限公
    (تورئادرىسىhttp://cn.sun.com)،تەيۋەندىكى ئەنگە ئالدۇرغان ناى«升阳电脑公司».
    ئامرىكاSun Microsystemsشىركىتى1982-يىلى ئامرىكا سىتانفورت ئونۋىرسىتىدا ۋىنوت خوسلا، ئاندى بېچتولشېيم، بىل جوي، سىكوت مىك نالىيقاتارلىق تۆت كىشى تەرىپىدىن قورۇلغان. 1986 -يىلى پايچېكى بازارغا سېلىنغان. NASDAQدىكى نامى«SUNW»بولۇپ،2007-يىلى«JAVA»غا ئۆزگەرتكەن.
    شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئېچىۋېتىلگەن سېستىما مودىلى، ئوخشىمان قورۇلما دىتاللارنىڭ ئۆزئارامەشخۇلاتچانلىقى قاتارلىق ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئېچىۋېتىلگەن سېستىما شارائىتىدا دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئابونىتلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ئىلغار ئىدىيە بولۇپ، كوپ يىل تىرىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقى دونيانڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مول مىۋە بەردى.
    ئۇلار ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن «THE NETWORK IS THE COMPUTER»(تور دىمەك كومپىيوتىر دىمەك)دىگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. بۇئىدىيىنىڭ تورۇتكىسىدە   SUNشىركىتى دونيادىكى ئەڭ كۇچلۇك تەسىر دائىرىگە ئىگە قاتتىق، يۇمشاق دىتال بىلەن تەمىنلىگۇچى شىركەتكە ئايلاندى ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۆزى قىزىرىدىغان مۇنبەت ئېتىز سۈپىتىدە تالاشتا قېلىپ ئاخىرى ئوركول شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى..                                                                  
    SUNشىركىتى بولسا ئېچىۋىتىلگەن سېستىما قورۇلمىسىدىكى توربىرتەرەپ قىلىشنىڭ باشلامچىسى. ئەڭ چوڭUNIXسېستىما تەمىنلىگۇچى شىركەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىنUltra SPARC ۋەAMD Opteronبىرتەرەپ قىلغۇچ قوللىنىلغان مولازىمىتىر ۋە خىزمەت پونكىتى،Sun Ray ئۇستەل يۇزى سېستىمىسى، Storage Tek ساقلاش سېستىمىسى قاتارلىق قاتتىق دىتال مەھسۇلاتلىرى ۋەSolarisمەشخۇلات سېستىمىسى، JavaۋەSun Gridقاتارلىق مولازىمەت پىروگراممىلىرى بار.

     كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، تور يۇمشاق دېتالى، تېلفۇن يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى يۇمشاق دېتاللاردا ساھەسىدە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەۋاتقان سان شىركىتى ئوركول شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن كۈچكە تولۇپ ئۆز ساھەسىدە زومىگەر بولۇپ قالدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : شىركەت , قۇياش مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتى , Sun , Micro systems
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-8 1:51:35
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 403
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证