تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قايسى يولدا مېڭىش جەھەتتە تالاش-تارتىش پەيدا بولماقتا
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قايسى يولدا مېڭىش جەھەتتە تالاش-تارتىش پەيدا بولماقتا
lezine
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 0
جۇغلانما نۇمۇر : 0
271279926@qq.com

يازما سانى : 6
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىدا قايسى يولدا مېڭىش جەھەتتە تالاش-تارتىش پەيدا بولماقتا.

   31- ئاۋغۇست ئوباما ئاقسارايدا نۇتۇق بايان قىلىپ،ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى ھۆكۈمەتنىڭ «مەركىزى ۋەزىپىسى»قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى.ئۇنىڭ سۆزى شۇئان مۇتەسىپلەرنىڭ تەنقىدىنى قوزغىدى.ئۇلار «ئامېرىكا باياشات تۇرمۇش»نى دەپ «توپ-زەمبىرەك»تىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ،دەپ قارىدى 7-يېرىم يىل داۋام قىلغان ئىراق ئۇرۇشىنى ئامېرىكىنى ھاسىرتىۋەتتى.لېكىن ئىراق ئۇرۇشىنى ئامېرىكىنىڭ زاۋاللىققا قاراپ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان -بولمىغانلىقى ھېچكىم يەكۈن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.ئامېرىكىنىڭ ئاز كەم 300يىللىق تارىخىدا، ئۇرۇش خۇددى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدىكى بىر ئۆتەڭگە ئايلانغان.مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن تارتىپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر ئاشۇنداق بولۇپ كەلدى.ھەر قېتىم ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ تۇردى.مەسىلەن،ۋېيتنام ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىدى.بىر قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرىققە قاراپ كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.بۇلار خەلقئارادىكى كۈچ سېلىشتۇرمىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى،ھازىر ئامېرىكا ئىراقتىن ئۆزىنى تارتىۋالدى،پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئەمدى قاياققا قاراپ قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.
     «بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپە بولدى،بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق. ئەمدى بۇ بەتنى ئۆرۈيدىغان ۋاقىت كەلدى.» ئوبامانىڭ 31-ئاۋغۇستتا قىلغان بۇ سۆزى بىر خىل ئىلاجىسىزلىق كەيپىياتى بىلەن تولغان. ئادەتتە تولىمۇ قايناق ھېسسىيات بىلەن نۇتۇق بايان قىلاتتى.لېكىن ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئۇڭۇشسىز بولىشى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتىقى مەنىسىز  بولۇپ قالدى.ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوبامانىڭ «غەلىبە» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشتى.
   ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى ئوبامانىڭ نۇتۇقنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمى  ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ،«بۇ ئوباما تارقاتقان ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر» يەنى «توپ زەمبىرەك»تىن « باياشات تۇرمۇش»قا قاراپ بۇرۇلۇشى جامائەتچىلىكىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان نارازىلىقىنى بېسىقتۇرىشىنى مەقسەت قىلغان دەپ كۆرسەتتى.
  فىرانىسيىنىڭ «ئازادلىق» گېزىتى: ئوبامانىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقى ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن باشقا  ئۇرۇش مەيدانىدا پۇخادىن چىققىچە  ئۇرۇشىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى مەلۇم بىرەر چەت ئەل قوراللىق گۇرۇھى ئەمەس،بەلكى مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىدىن ئىبارەت.دەپ كۆرسەتتى.
    ئوبامانىڭ نۇتىقى مۇتەسسىپلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.ئۇلار توردا«زۇڭتۇڭ ئەپەندى ، بۇ توپ زەمبىرەكنى باياشات تۇرمۇشقا تېگىشىۋىتىدىغان ئىش ئەمەس.ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئەلۋەتتە تەخىرسىز ۋەزىپە.لېكىن ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىڭىزگە ،يەنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا سىزگە بېرىلگەن «دۆلەت مۇداپىئىسى» ۋەزىپىسىگە  سەل قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ.دېگەنلىك بولماس.ئىقتىسادنى گۈللەندۈرىمەن دەپ دۆلەت  مۇداپىئە خىراجىتىنى قىسىۋېتىپ ،ئامېرىكىنىڭ مەسئولىيىتىدىن باش تارتىشىڭىز خاتا ئىش.كۆز ئالدىمىزدىكى خىرىسلارغا نەزەر  تاشلايلى: ئاففانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدىن  جۇڭگو ،چاۋشيەن، ئىران مەسىلىسى ۋە تېررورلۇققا  قارشى تۇرۇش ئۇرۇشقىچە بولغان خىرىسلار بىردىن دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى قىسىپ،دۆلەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.» دەپ  ئاگاھلاندۇردى.
ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسچىسى ھېسابلانغان ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇمسفېلىد شۇ چاغدا «ئىراق ئۇرىشى 50مىليارد دوللار بىلەنلا پۈتىدۇ» دېگەن ئىدى ، لېكىن تاھازىرغىچە 747مىليارد 300مىليون دوللار خەجلەپ بولدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس 31-ئاۋغۇست ئارمىيىنى قىسقارتماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، تارىختىن بۇيان ئامېرىكا بىر خاتالىقنى تەكرار سادىر قىلىپ كەلدى.يەنى ھەر قېتىملىق توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ۋە دۇنيا ئەمدى ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگەردى دەپ قاراپ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئارمىيىنى قىسقارتتى، ئامېرىكىنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش كەلگەندە يەنە قايتىدىن  ئارمىيىنى كۆپەيتتى،بۇنىڭ ئۈچۈن بەك كۆپ پۇل ۋە قانلىق بەدەل تۆلىدى،ئەمدى بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك.» دېدى.
  فۇدەن  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بۇيىچە ئالىمى ۋۇشىنبو «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ :«ھازىرقى زامان تارىخىدا ئامېرىكا ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىپ دۇنياغا زومىگەر بولۇپ كەلگەن بىردىنبىر دۆلەت‪  .‬
‬2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئۆز ئۇرۇشنى قىلىپ كەلدى.ئۇرۇشنىڭ خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسنى ئەڭ بىۋاستە ئۆزگەرتىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق، دېدى، مەملىكەت ئىچىدىكى پارچىلىنىش نەتىجىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تىركىشىشتە ئامېرىكا پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا ۋېيتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ئىستىراتېگىيىلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ «بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت» بولۇشتەك ئورنى تىكلەندى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، سۇغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن 20يىلغىچە ھالى ئوبدان ئۆتتى، دەل مۇشۇ چاغدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنى شەرققە قارىتا كېڭەيتىپ، روسىيىنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا قىستاپ ئاپىرىۋەتتى. پوتىن تەختكە چىققاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى تاللىدى. ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكىنى ھالسىرىتىۋەتتى، ئەمدىلىكتە دېمىنى ئېلىۋېلىش يولىنى تاللىدى، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مىسلىسىز دەرىجىدە 13تىرىليون دوللار قەرزگە بوغۇلدى، بۇ ھال 5يىلدىن 8يىلغىچە داۋاملىشىش، بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا چوڭ-چوڭ خەلقئارا تالاش-تارتىشقا دۈچ كەلسە، قورال كۈچى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇشى مۇمكىن.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ:«ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ئاقىۋىتىدە، پۈتۈن بىر دۆلەت بەربات بۇلۇپ، جەمئىيەت پارچىلاندى، شۇنىڭ بىلەن تالىبانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاففانىستاندىكدىنمۇ ئەشەددىي ئىسلام غازاتچىلىرى يېتىلىپ چىقتى. سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كەسكىنلىشىپ كەتتى، دېدى. ئىراق ئۇرۇشىنى قوللىغان ئىستىراتېگىيەشۇناس كوردېسمان پۇشايمان قىلغان ھالدا:« بىز ئەمەلىيەتتە چىنە-تەخسە دۇكىنىنى بىر بۇقا بىلەن ئازاد قىلغان بوپتۇق»، دېدى.
بىر مۇنچە خەلقئارا تەھلىلىچىلەر: ئامېرىكا ئىراقتا ئۆزىگە پايدىلىق زور ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرەلمىدى، ئەمدىلىكتە ئىراق بىر پارچە «لوق گۆش»كە ئايلىنىپ قالدى. ئىراقنىڭ ھەر بىر قوشنىسى ئۆز ئىستىراتېگىيىسىنى مەخپى پىلانلاۋاتىدۇ، ئىران ئۆزىنىڭ ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئىراندىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، تۈركىيىمۇ ئىران ئىشلىرىغا قول تىقىش ئېھتىماللىقنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بۇ رايوندىن كەتكەندىن كېيىنكى بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەرەب دۇنياسى ئىراقتا پۈت دەسسەپ تۇرۇش ۋە سىياسىي زېمىن خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە ئۆز چوتىنى سوقىۋاتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ: تۈركىيە، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى يىغىن ئېچىپ، «ئىران ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن   ھالدا ئىراق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى.


مۇھىم خەتكۈچلەر : ئىراق , ئامېرىكا
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-7 13:21:50 باھا : 0 كۆزىتىش : 27
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证