تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› تاجىكىستان دۆلەت تىلىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
تاجىكىستان دۆلەت تىلىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا
YusufAhmad
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13010
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 224
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

تاجىكىستان دۆلەت تىلىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا

 

    تاجىكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت تىلىنى بارلىق پۇقرالارنىڭ جۈملىدىن بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان رۇسلارنىڭمۇ قەتئىي ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلماقتا. تاجىكىستاننىڭ تەخمىنەن بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قېلىشى بىلەن رۇس تىلىنى ئاساس قىلغان رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقى بىر پاكىت.  بولۇپمۇ، 70 يىللىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە رۇس تىلى ۋە رۇس مەدەنىيىتى يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ھاياتىغا ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ تىل ھەققىدە تېخىمۇ كەسكىن قارار چىقىرىشى ئىرا ۋە ئافغانىستان قاتارلىق پارىس تىلى قوللىنىدىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى تۈپەيلى پەيدا بولغان بولۇپ تاجىكىستان مۇستەقىل بولغىلى 20 يىل بولغان بولسىمۇ ئەكسىنچە تاجىكىستانلىقلارنىڭ رۇس تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىمەستىن بەلكى تېخىمۇ ئاشقان.

تاجىكىستاندا ھازىر تاجىكلار 78%، ئۆزبېكلەر 15%، قىرغىزلار 1%،رۇسلار ئاران 1% بولۇپ نۇرغۇن رۇس ۋە ئۆزبېكلەر كۈنسېرى نامراتلىشىۋاتقان تاجىكىستاندىن كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن بۇ دۆلەتتتە تاجىكلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا ئىكەن.

    ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان «تاجىكىستاندا تىل تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەردە يېزىلىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تاجىك تىلىنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، قانۇن ماقۇللاپ، تاجىك تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى قوغداشقا باشلىغان. بەلگىلىمە بويىچە ھازىر پۈتۈن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەتلا تاجىك تىلى ئىشلىتىشكە كۆچكەن بولۇپ، ھەتتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ ئىسىملىرى، ۋىۋىسكىلىرىنى تاجىك تىلىدا يېزىشى بەلگىلەنگەن. دۆلەت تىلى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ئادەملەر جازاغا تارتىلغان بولۇپ، مۇنداق جىنايى دېلودىن ئون نەچچىسى تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللانغان.

ھۆكۈمەت تاجىك تىلىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تىل قائىدىسى ۋە ئىملا قائىدىسىگە بويسۇنۇشنىمۇ تەشەببۇس قىلغان. تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئوكتەبىرنى دۆلەت تىلى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ بۇندىن كېيىن ھەر يىلى بۇ كۇن دۆلەتلىك بايرام خاتىرىلىنىدىكەن.

    ئالدىنقى يىلى تاجىكىستان ھەتتا كىشى فامىلىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى رۇسچە «يېف، ئوف» قوشۇمچىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، پرېزىدېنت ئېمام ئالى راخمانوف ئۆزىنى ئېمام ئەلى راخمان دەپ ئاتاشنى جاكارلىغان ئىدى.


مۇھىم خەتكۈچلەر : ئۆڭكۈرلۈك , يۇنۇسبەگ
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-3 18:48:54 باھا : 0 كۆزىتىش : 3577
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证