تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى«جۇڭگۇ بىر پور دىۋە» دېدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى«جۇڭگۇ بىر پور دىۋە» دېدى

     ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى:جۇڭگۇ بىر پور دىۋە دېدى


        2-سېنتەبىر چىققان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»گە «ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى : جۇڭگو بىر پور دىۋە» دېگەن ماقالە بېسىلدى . قىسقارتىلمىسى تۆۋەندىكىچە :
    ياۋروپا خەۋەر تورى 31-ئاۋغۇست ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى :جۇڭگونىڭ دۇنيا بۇيىچە ئىقتىسادتا 2-چوڭ دۆلەت بۇلۇپ قېلىشىدىن قورقماسلىق كېرەك ،جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق باشقا نوچىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ .لېكىن ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا شىركەتلىرىگە پايدىلىق.يەنە كېلىپ ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-،80-يىللىرىدىكى ياپونىيىگە ئوخشايدۇ . جۇڭگۇ نۇرغۇن كىشلەر قورققاندەك ئۇنداق تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ . جۇڭگۇ تېخى يېقىنقى 2-چوڭ ئىقتسادىي گەۋدىگە ئايلاندى .
        ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ياپونىينىڭكىدىن ياخشى بولىۋاتىدۇ ، بىراق ۋاشىنگىتونمۇ ئۆزىگە بەك تەمەننا قۇيۇپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيسى 1978-يىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ ئاز كەم 100ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.بۇ رەقەم ئادەمنى چۆچۈتىدۇ ۋە ۋەھىمىگە سالىدۇ.
        بەزىلەر چاقچاق قىلىپ:"خۇدا ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتتى،"قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن چىقىدۇ" دېيىشمەكتە. بۇ سۆزدىن باشقىلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئاشۇنداق تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. جۇڭگۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ  ئاپتوموبىل بازىرى، شۇنداقلا مەھسۇلاتنى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېكسپورت دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا گىرمانىيىمۇ بۇنىڭغا قايىل.
    لېكىن مۇشۇنداق ئەندىشە قىلىشىمىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇقمۇ؟ بۇرۇن بىز مۇشۇنداق ئەندىشىدە بولۇپ باققانمۇ؟

        ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ياپونلار ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئۇتۇق قازاندى،ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا قەدەممۇ-قەدەم چېكىندى.فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ ، لايىھىلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى كۈچەيتىپ ، سۈپەتنى ۋە ئىش ئۈنۈمدارلىقنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا قاتمۇ-قات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقتى .
       شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش جۇڭگودىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ . قىسقا مۇددەتتىن ئالغاندا ، بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپىپەقىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلانساق بولىدۇ . جۇڭگو بولمىغان بولسا ، دۇنيا ئىقتسادىي يەنە بىر قېتىم خالتا كوچىغا كىرىپ قالاتتى .
    ئىقتسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 3تىن 1 قىسمى جۇڭگونىڭ تۆھپىسى بىلەن ئېشىۋېتىپتۇ . ھازىر جۇڭگۇ بىلەن غەرب ئەللىرى ئىشلەپچىقىرىش بىر-بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە . ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئاددىي مەھسۇلاتلارنى جۇڭگۇ ياساۋاتىدۇ ، ئۆلچىمى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپ  مەھسۇلاتلارنى غەرب دۆلەتلىرى ئشلەپچىقىرىۋاتىدۇ . لېكىن بۇنداق جەريان زادى قانچىلىك داۋاملىشار ؟ شۇنى بىلىش كېرەككى ، جۇڭگودا ئەمگەك كۈچى لاگېرىغا كىرىۋاتقان تېخنىك خادىملار ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ .
    ھازىر جۇڭگو بىلەن ئەينى يىللاردىكى ياپونىيە ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى ، جۇڭگونىڭ نوپۇسى ياپونىيىنىڭ نۇپۇسىدىن 10ھەسسە كۆپ ، بۇ جۇڭگونىڭ يۇشۇرۇن كۈچ جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ ، دېگەن گەپ . شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىشتىن غەم قىلىپ يۈرىشىمىز ھاجەتسىز ، خۇددى گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ ئىقسادشۇناسى كارتىسىن بۇرژېسكى ئېيتقاندەك : 《 ئۇنداق بولمىغان بولسا ، بىلگىسىيەدەك كىچىك دۆلەتلەر گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەدەك كۈچلۈك قوشنىلىرىنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قېلىپ ھايات قالمىغان بولاتتى .
        جۇڭگۇنىڭ ھازىر تېخى بىر پور دىۋە دېيىشكە بولىدۇ . ئۇنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئىقتساد 2-بولۇشتەك ئورۇنغا ئۆتكىنى تېخى يېقىندىكى ئىش . دۇنيا بانكىسىنىڭ رەت تىزىمىسىدا جۇڭگو كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPجەھەتتە 127-ئورۇندا تۇرىدۇ ، ھەتتا ئانگولا بىلەن ئەزەربەيجانغىمۇ يېتەلمەيدۇ . شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى ، جۇڭگۇ يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئىقتسادشۇناسلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى بۇنداق تېز سۈرئىتىنى يەنە قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا .ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىش تاشلاش نەتىجىسىدە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى زور دەرىجىدە ئۆستى ، بۇ ئاخىردا جۇڭگونىڭ رىقابەت ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ - دە ، ئىقتىسادنىڭ قىممەتلىك ئېشىش سۈرئىتىنى ھامان بىر كۈنى ئاستىلىتىپ قۇيىدۇ . 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ياۋروپا , جۇڭگۇ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-2 19:47:32
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 20179
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证