تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تۇماندىكى باھار(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Chimengul
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12001
    qimangul106@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-5-25 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۇماندىكى باھار(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

     

    تۇماندىكى باھار

    چىمەنگۈل ئاۋۇت

    بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا ،
    بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم .
    قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان ،
    ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم .

    مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم ،
    لىۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك .
    سەن بەلكىم ئولتۇرىسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ ،
    ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىترەك .

    كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا ،
    ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ .
    ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن ،
    چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ .

    ئىسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى ،
    قار دۆۋىلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا .
    كۆمۈلۈپ بەختىمگە،قەدرىڭگە تولۇق ،
    قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا .

    يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى ،
    يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ، قۇرۇپ ،
    تىرەكلەرنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى ،
    قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ .

    ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم ،
    ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ .
    بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى ،
    كۆرۈندى كۆزۇمگە بولۇپ قارلىغاچ .

    سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى ،
    چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن .
    لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە ،
    بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن .

    قەھرىڭدىن قومۇشلار قۇشقا ئايلاندى ،
    تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا .
    كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمنى بەرسەم ،
    يامغۇر دەپ زىمىنغا قايتۇردى خۇدا .

    باھارنىڭ ھېدىغا كۆمۈلدى جاھان ،
    چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز .
    جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم ،
    مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز !



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : چىمەنگۈل , چىمەنقۇش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-1 12:39:15
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 225
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证