تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› ئامېرىكا قوشۇنلىرى كەتتى،ئەمدى ئىراقنىڭ «نىجاسىتى»نى كىم تازىلايدۇ؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    lezine
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 39
    271279926@qq.com
    271279926
    يازما سانى : 26
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئامېرىكا قوشۇنلىرى كەتتى،ئەمدى ئىراقنىڭ «نىجاسىتى»نى كىم تازىلايدۇ؟

    ئامېرىكا قوشۇنلىرى قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى، ئەمدى ئىراقنىڭ «نىجاسىتى»نى كىم تازىلايدۇ؟

     

        بۇنىڭدىن 9يىل بۇرۇن ئامېرىكا ئەنگلىيە بىلەن بىللە ئىراقتا تېرىپ قويغان ئاچچىق تاۋۇزنى ئاخىرى يەنىلا ئىراقلىقلار كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ئوبامانىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، يەتكىچە دەرد تارتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتىن قۇيرۇقىنى تىكىۋېتىشكە باشلىدى. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى 18-ئاۋغۇست ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئامېرىكا جەڭگىۋار قىسىملىرى ئىراق-كۇۋەيت چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئىراقتىن چېكىنىش باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بېكىتكەن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، ئامېرىكا 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بارلىق جەڭگىۋار قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدۇ، 50مىڭ ئادىمى ئىراقتا قېلىپ، ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن كېيىن، 2011-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي كېتىپ بولدى. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، ئامېرىكىلىقلار ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ قالتىس ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق چاغدا ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ پاتقاقتىن ئۆزىنى تارتىۋالماقچى، يەنى، ئوباما زۇڭتۇڭ سايلىمىغا چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدا بەرگەن «قوشۇن چېكىندۈرۈش» ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئۈچۈن 11-ئايدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت مەجلىسى سايلىمىغا دەسمايە توپلىماقچى.

        2003-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇش قوزغىغانىدىن بۇيانقى 9يىل مابەينىدە، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى مەيدانىدا 742مىليارد 300مىليون دوللار خەجلەپ بولدى، تەخمىنەن 4415نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، 32مىڭ ئەسكەر يارىلاندى. بۇ ئاغزى-بۇرنى قان بولۇپ كەتكەن ئوباما ۋە تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئامېرىكا ئۈچۈن كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى، ئىراق ئۇرۇشىدىن پەيدا بولغان «ئاسارەت» مۇقەررەر ھالدا «كېيىنكى كرىزىس دەۋرى» دىكى ئامېرىكا جەمئىيىتى داۋاملىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ-تېخى، يالغان گەپ توقۇپ ئۇرۇش قوزغاش، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ۋە مەھبۇسلارنى خارلاش ئاقىۋىتىدە، ئامېرىكىنىڭ «يۇمشاق كۈچى» مىسلىسىز دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچىرماقتا. ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئامېرىكا قارىماققا «تەشەببۇسكارلىق بىلەن» قوشۇن چېكىندۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئادەم ئىختىيارسىز ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردە ۋيېتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان چاغدىكى تەقدىرىنى ئەسلەپ قالىدىكەن. ئىراق ئۇرۇشىمۇ ۋيېتنام ئۇرۇشىغا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشماقتا. بۇ دېگەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. پەرق شۇكى، ئەينى يىلى ئاۋىئاماتكا ئۈستىدە نوتۇق بايان قىلىپ «ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى» دەپ دۇنياغا جاكارلىغان بوش ئابروي قازانغىنىچە تەخىتتىن چۈشۈۋالغان بىلەن، ئۇرۇشنىڭ يامان ئاتىقى نەس باسقان ئوباماغا چاپلىنىپ قالماقتا. دەردى يوق ئېشەك، ئىشىقى يوق كېسەك دېگەن مانا شۇ-دە. ئەمدى تېخى تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ: ئىراقتىن ئىبارەت بۇ خانىۋەيرانچىلىقنىڭ «نىجاسىتى»نى كىم تازىلايدۇ؟

        ئاللىبۇرۇن مۇستەقىل بولۇپ بولغان، بۈيۈك كۇردىستان قۇرۇش كويىدا بولۇۋاتقان، مەركىزى ھۆكۈمەتنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان، ھەر ۋاقىت تۈركىيە ۋە ئىراندىكى كۇردىستان مەسىلىسىگە پىلتە بولۇشى پەرەز قىلىنىۋاتقان كۇردىستان ئارمىيىسى، جىھاد ئىدىيىسىدە ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى گۇرۇھى، سانى ئاز بولسىمۇ تەسىر كۈچى زور بولۇۋاتقان ئاسۇرىيان خىرىستانلىرى، شەيخلىرىنى ھاكىمىيەت بېشىغا كۆتۈرمەكچى بولۇۋاتقان شىئە مەزھىبى كۈچلىرى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىراقنىڭ كەلگۈسىدە مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنى مۇستەھكەملىشىدە ئامېرىكا پايدىلىنىدىغان ، ئىراق ھاكىمىيىتىنى گەپ ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن چەكلەپ تەڭشەپ تۇرىدىغان تارازا تاشلىرىنىڭ بىرى.

       ئىراقنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابمۇ ئېنىق تۇرغان گەپ. ئامېرىكىلىقلار «ئاخىرەتلىك»نى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق دېسىمۇ، ھەممە ئىشنى ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋەتمىسىمۇ، بۇ «نىجاسەت»نى يەنىلا ئىراق خەلقى تازىلاشقا مەجبۇر، گەپ شۇ يەردىكى، بۇ «نىجاسەت»نى ئىراق ئاشۇ ھالى بىلەن تازىلاپ كېتەرلەرمۇ؟ ھازىر ئامېرىكىلىقلار پۈتۈن ئەس-يادى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىراق دېموكراتىك ھاكىمىيىتى تېخىچە قەغەز يۈزىدە تۇرۇۋېتىپتۇ، ئىككى مەزھەپ ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىپ جېدەل ئۈستىدە، يېڭى ھۆكۈمەت تېخىچە تەشكىللىنىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئىراق ئارمىيىسىدىمۇ ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراقتا داۋاملىق تۇرامدۇ-تۇرمامدۇ دېگەن مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئىراق قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتاب باشلىقى گېنېرال لېيتېنات زىبالى ئىراق ئارمىيىسى بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېخى تەييارلىنىپ بولمىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتا 2020-يىلغىچە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېمەك ئىراق سىياسيونلىرى ئامېرىكا قوشۇنلىرى چىقىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولغان «كۈچ بوشلۇقى»نى تولدۇرۇش چارىسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىشى شەرت، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كېتىشى بىلەن ئىراقتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتەك تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بېرىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە.

       ئىراقتا ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، باغدادنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرى نىشانلانغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 38ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى،  بەسرەدىكى بىر رەستىدە 3قېتىم پارتلاش دېلوسى يۈز بېرىپ جەمئى 45ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆتكەن 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، باغدادتىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 61ئادەم ئۆلدى. 130دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى «ئەلقائىدە»نىڭ ھۇجۇم ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار پۇقرالارنى نىشانلاپ پارتلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى. بىر مەھەل ھەممە ئىراق پۇقراسى قورقۇنچ ئىچىدە قالدى. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

       ئامېرىكىلىقلار كەتتى. ئەمما ئىراقتا پەقەت مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىنىلا كۈتىۋاتقان قۇدرەتلىك كۇردىستان ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىراق چېچىلاڭغۇ ھۆكۈمىتى ، كېيىنكى 50 يىللىق پايدا ۋە سىتراتىگىيىسى بەلگىلىنىپ بولغان  ئىراق نېفىت قۇدۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، ھەر بىرىنىڭ نەچچە يۈزمىڭ خىزمەتچىسى بار ئامېرىكا ئەنگىلىيە نېفىت شىركەتلىرى ئىراقنى مەڭگۈ باش كۆتىرەلمەيدىغان، تەگسىلا ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان كۇبىك بىناغا ئوخشىتىپ قويدى.

       ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىراقتىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى خەلقى ئالەمگە: ھە دېسىلا قورال كۈچى بىلەن كۆرەڭلەيدىغان، زومىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان ئامېرىكا بارغانلار جايدا «پېشكەللىك» ۋە «نىجاسەت» چىقىرىپ تۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىپ قالسىلا پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالىدىغان شۇ جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن ئەسلا كارى بولمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقتا. ئامېرىكىلىقلار ئىراقتا قالدۇرۇپ كەتكەن «نىجاسەت»نى زادى قانداق يىغشتۇرماقچى؟ بۇنى بەندە بىلمەيدۇ. سادام ھۈسەيىن دەۋرىدىكى 2-نومۇرلۇق ئەرباپ، ئىراقنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى تارىق ئەزىز يېقىندا تۈرمىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلىپ، ئىراقنىڭ «ئىستىقبالى»نى مۇنداق سۈرەتلەپ بەردى:«ئوباما دېگەن بۇ ساختىپەز زۇڭتۇڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئىراقنى بۆرىلەرگە تاشلاپ بەردى»، «ھەربىر ئىراقلىق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ جەبىرلەنگۈچىسى». «ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋەزىيىتى مۇقىملاشماي تۇرۇپ قوشۇن چېكىندۈرۈش ئەجەللىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئىراقنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتكەندەك ئىش».



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئامېرىكا , ئىراق , كۇردىستان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-30 19:58:39
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 15779
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证