تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› مەن مۇشۇنداق مۇسۇلمان(ئابدۇرەھىم دۆلەت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17347
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    مەن مۇشۇنداق مۇسۇلمان(ئابدۇرەھىم دۆلەت)

    مەن مۇشۇنداق مۇسۇلمان
    ئابدۇرەھىم دۆلەت


    مەن شۇنداق ئىنسان، ئەتىسى تۆگىمەيدىغان؛
    مەن شۇنداق ئىنسان، پەقەت كۆز ئالدىمدىكىنىلا ئويلىيالايدىغان؛
    مەن شۇنداق ئىنسان، ئەزەلدىن سۆرەلمە؛
    مەن شۇنداق ئىنسان، ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەكلا ھىس قىلىدىغان؛
    مەن شۇنداق ئىنسان، ھەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى مەڭگۈ مەڭگۈ خالىمايدىغان؛

    ئوقۇغۇچى جېنىدا ئوقۇغۇچىلىق سۈپىتى بىلەن دەرىسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ. ھۈنەرۋەنلەرمۇ شۇنداق، سودىگەرلەرمۇ شۇنداق، ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق، باشلىقلارمۇ ھەم. مەن ھەم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. لېكىن...

    بىر ئىشقا كەلگەندە، ئەگەر باشقىلار مەندىن بۇ ئىش توغۇرلۇق سوراپ قالسا، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئىېيتىدىغىنىم، ئەلۋەتتە { ئالھەمدۇللا } مەن مۇسۇلمان. لېكىن.................

    شۇنى بىلمەيمەن، ئوقۇغۇچى نىمىشقا ئوقۇغۇچى دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ؟ ئوغرى نىمىشقا ئوغرى دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ؟
    ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم «ئوقۇغۇچى » دەپ ئاتىلار؛ ئوغرى دەپ ئاتالغان كىشىمۇ بەلكىم بىر نەرسە ئوغۇرلىغاندۇ؟

    لېكىن مەن ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدانلىقىمنى بىلسەممۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق ئاتىدىغانلىقىمنى بىلىپ كەتمەيمەن.

    مۇسۇلماندارچىلىق قانداق بولىدۇ بۇنىمۇ بىلمەيمەن؛
    ھەم بىلىشقىمۇ ئانچە قىززىقىپ كەتمەيمەن، پەقەتلا بىلىدىغىنىم، مىھرىبان ئانام ئۆگۈتۈپ قويغان بىر ئىككى ئېغىز سۆز. لا ئىلاھە ئىللەللا، مۇھەممدۇن رۇسۇلۇللا؛ يەنە بىر قانچە قىسقا سۈرە، ئەلھەمدۇ، سۈرە ئەھەد، سۈرۈ ئەپتەر ۋە يەنە بىر نەچچە،
    مەن بۇ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەيمەن؛ ئانچە ئوقۇپمۇ كەتمەيمەن، بىرەر خاپىلىق يەتكەندە بىر ۋاخ ناماز ئوقۇغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا؛
    ئۆزۈمنىڭ بۇ ھالىتىنى بەزىدە تىلۋۇزۇرلاردا كۆپ كۆرگەن بۇددىسلارغا ئوخشىتىپ قالىمەن، ئارقىدىنلا، ئوخشاپ قالسا نىمە بوپتۇ، يەنىلا ئوخشىمايدۇ، مەن بولسام مۇسۇلمان، ئۇلار بولسا بۇددىس دەيمەن ئۆزۈمگە؛

    مەن مۇشۇنداق ئىنسان، ئۆزۈم ئىشەنگىنىمدىن دائىم گۇمانلىنىپلا يۈرىدىغان؛

    مەن شۇنداق ئىنسان، يىراقتىكى ئىشلارغا ئانچە قىززىقمايمەن، قىززىقىدىغىنم، بۈگۈنكى ئىش. ئۆتكەن ئىشلارغىمۇ ئانچە قىززىقىپ كەتمەيمەن، ھەتتا، يەر يۇقتانلارغىمۇ، دېڭىزدا ھالاك قىلىنغانلارغىمۇ، ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىنغانلاغىمۇ،
    مەن بۇلار ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيمەن.

    مەن شۇنداق ئىنسان، قۇلۇمدا تاماكام، ئىستاكىنىمدا ھاراق-شاراپ. مەن بىلىمەن، ئارزاق بولسىمۇ، ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى، لېكىن بىلىپ تۇرۇپ ئىچىمەن. بىلىپ تۇرۇپ چىكىمەن. يەنىلا مەن مۇسۇلمان دەپ مەيدەمگە مۇشلايمەن مەستلىكىمدە؛
    ھاھ...ھاھ...

    مەن مۇشۇنداق ئىنسان، ئاخرەت توغرىسا ئازراق بولسىمۇ خەۋەردارمەن، لېكىن، بىلمەيمەن، مۇشۇ يېشىمغىچە ئاخرەت، قىيامەت، جەننەت، دوزاق دېگەن ئاتالغۇلارنى قانچە قېتىم يادىمغا ئېلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئاخرەتلىكى توغۇرلۇق ئويلانغانلىقىمنى؛

    سودىگەر ھەر كۈنلىكى دوكىنىدا بولغان سودىسىنىڭ ھېسابىتىنى قىلىدۇ؛ قانداق قىلسا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىرىشەلەيدىغانلىق ئۈستىدە باش قاتتۇرىدۇ. ھەتتا، باش قاتتۇرۇپ تاقىرباش بولۇپ قالغانلارمۇ بار؛
    ............................
    مەن چېچېىمنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن بەكمۇ قورقىمەن، نىمشىقىكىن بىلمەيمەن. شۇڭا ئويلىمايمەن. .......ھەممىنى؛

    قۇلۇمدا جەننەتنىڭ بىلىتى تۇرسا يەنە نىمىنى ئويلايمەن. موللام : « لائىلاھە ئىللەللا، مۇھەمۇدۇن رۇسۇلۇللا» دېگەن كىشى جەنننەتكە كىرىدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇ گەپنى ئىسىمدە چىڭ ساقلايمەن، باشقىسى بىلەن كارىم يوق، شۇڭا دەيمەن، قۇلۇمدا جەننەتنىڭ بىلىتى بار دەپ، ھازىرغىچە ئاڭلىمىدىم، جەننەتنىڭ بىلىتى بار دەپ، بەلكىم بۇ گېپىم ئۆزۈمنى ئالداش ئۈچۈن تاپقان كوزۇردۇ؟

    توۋۋا نىمىلەرنى دەپ كەتتىم-ھە؟ تاس قاپتىمەن كۇپۇر سۆزلەپ قالغىلى، ئانام شۇنداق دېگەنتى مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلساڭ كۇپۇر بولۇپ قالىسەن دەپ؛
    كۇپۇرلۇق دېگەن سۆزنى چۈشەنمىسەممۇ، مەرھۇم ئانامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويمىسامم بولماس؛

    ئوھ، ھارىقىم تۆگەپ قاپتىغۇ؟
    ھوي خوجايىن، بىر بوتولكا قىزىل ھاراق ئەكىلىپ بېرىڭە، بىسمىللا دەپ ئىچەي...
    بۇ گەپنىمۇ شۇ مەرھۇم ئانامدىن ئاڭلىۋالغاتىم، ئۇ دائىم < ھەر ئىش قىلساڭ بىسمىللادىن باشلا > دەپ ئېيتاتتى.
    ھا...ھا...ھا...
    مەن مۇشۇنداق ئىسان، مەن مانا مۇشۇنداق مۇسۇلمان؟

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مەن مۇشۇنداق مۇسۇلمان , ئابدۇرەھىم دۆلەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-22 23:58:17
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 610
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证