بۈگۈن مەھشەر، ئۆلۈم ئەينەك
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
بۈگۈن مەھشەر، ئۆلۈم ئەينەك
يار دوزاختا، مەنزىل جەننەت.
سۆزلەرنى يىشىندۈرەر بەش ۋاخ ئايال
شېئىر يوق بولغۇچە ئىبادەت...
ئىزھار بولماس چىقمىغۇچە جان
باھار كەلمەس قىزارمىسا قان.
تاشنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا جاھالەت
سۇنىڭ لەۋلىرىگە سۆيسە باياۋان.
ماڭا ئوخشاتما بۇلبۇلگويانى
گۈلگە ئېچىلىشنى ئۈگەتكۈچى مەن،
ماڭا باشلىما كەربالانى
ياشاپ دۇنيانى تۈگەتكۈچى مەن...
ئاخىر، قالىدۇ يەر بىلەن ئاسمان
ئاندىن جامالىنى ئاچىدۇ سۇبھان
ئاڭغىچە ھارۋامنى تاراقلىتايمەن!...