گوگۇل شىركىتى بىر يىل ئىچىدە 11 شىركەتنى قوشۇۋالدى
دۆلەت سىرتى مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاكسىيە سودا ئىشلىرى ھەيئەت يىغىنىنىڭ پەسىللىك نازارەت قىلىش ھۆججىتىدە ئېلان قىلىنىشچە، گوگۇل شىركىتى ئىككىنچى پەسىلدە 148 مىليون ئامېركا دوللىرى قىممىتىدىكى 11شىركەتنى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزىۋالغان بولۇپ، بىرىنچى پەسىلدىكى 145 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا 9 شىركەتنى ئۆتكۈزىۋالغاندىكىدىن سەل ئاشقان.
بۇ كېلىشىمنامىلەر 5-ئايدا تاماملانغان 681 مىليون قىممىتىدىكى تېلىفون ئېلانچىلىقى تور شىركىتىنىڭ AdMob كېلىشىمنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، گوگۇل يەنە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا 123 مىليون قىممىتى بىلەن پىرىسلاش تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ On2 Technolog كېلىشىمنامىسىنى ئۆتكۈزىۋالدى، بۇ ئىككى كېلىشىمنامىنى بىرلەشتۈرگەندە گوگۇل شىركىتىڭ بۈگۈنگە قەدەر باشقا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلبىر مىليارد بىر يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئەگەر باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى گوگۇل شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئايرۇپىلان بېلەت ئۇچۇرى تەمىنلەش شىركىتى ITA Software نى سېتىۋېلىش ھەركىتىنى تەستىقلىسا، بۇ سان بىر مىليارد 8يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كېلىشىمنامىلەرنىڭ قىممىتى ئاز ئەمەس، ئەمما گوگۇل شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشتۇرمىسىغا ئاساسلانغاندا بۇ توغرىسدا سۆز ئېچىش قىيىن بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ ئاخىرغىچە گوگۇل شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 301 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى چەك 240مىليۇن 500 مىڭدىن دوللاردىن ئاشقان.
ماتىريالدا يەنە كۆرسىتىلىشچە، بۇ بىر يىلدا گوگۇل شىركىتىنىڭ مەزمۇن سېتىۋېلىش چىقىمىمۇ 32 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان بولۇپ بۇ چىقىم ئاساسلىقى YouTube غا مەزمۇن سېتىۋېلىش چىقىمى ئىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ گوگۇل شىركىتىنىڭ YouTube نى مول مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ئىكەن. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، گوگۇل شىركىتى دىسنى شىركىتى (迪士尼) بىلەن ۋارنېر (时代华纳达) شىركىتىنڭ مەزمۇن ئېلان قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغانلىقىنىۋە ئامېرىكا كەسپي چېلىشچىلار كوماندىسى (WWE) ۋە ئىسپان تىلى مىدىيا دۇكاسى Univision بىلەن تېخىمۇ مول مەزمونلۇق ۋىدىيو مەزمۇنىغا ئېرىشىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.