تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى)

    ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى(فىلىيەتۇن)
    مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى


       پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
    « قۇمۇل ئەدەبىياتى » نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىتنىڭ توختىباقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى « دىنى تۈس ئالغان دەپتەر » دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم . چوقۇمكى ، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ . چۈنكى ، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا ، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن ؟ خىزمەتچىلەرمۇ ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ؟ ياق ، ئۇلارمۇ ئەمەس . ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە « چەكلەش » كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، مىللى مەدەنىيەت ، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت ، مىللى ئەنئەنە ، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان ، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى .
    بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى .
    شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى . بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ ، « ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركىس ، ئىنگىلىسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ ؟ » دىگەندە ، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز « سىلەر بىلەمسىلەر ؟ ماركىس بىلەن ئىنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى ؟ » دېگەنىدى .
       نىمە دېگەن كاتتا ئاساس ؟ ئەجەبلىنەرلىككى ، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار ، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن . ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق . بىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق . مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك « گوناھ »ى بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق .
       ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركىس بىلەن ئېنگىلىس ، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى ، مەدىنىيەت ، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى ، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە ، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا ، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرىس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن . پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ . بىراق ، ماركىس ، ئېنگىلىسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا ، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا ، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى ؟
       لېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق . ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك . شۇڭا ، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن : بونىڭدىن كىيىن ماركىس ، ئېنگىلىسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار . ئەمما ، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار : ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن ؟



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇۋەلى , ماركىسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ سەللىسى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-21 6:57:36
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 757
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证