تور خاككېرلىرى كېنىيە بانكا ساھەسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا
(شىنخۇا تورى2010-يىلى 20-ئاۋغۇسىت تېلگىراممىسى)
كېنىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ دوكلات بېرىشىچە: تور خاككېرلىرىنىڭ كېنىيە بانكىسىنىڭ توردىكى مۇلازىمىتىگە سالىدىغان بۇزغۇنچىلىقى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشقان بولۇپ، بانكا كەسىپلىرىگە ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن يۈز مىليون كېنىيە شىللىڭى (بىر ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 80 كېنىيە شىللىڭىگە تەڭ )زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
كېنىيە«سودا گېزىتى»نىڭ 19- چىسلا كېنىيە مەركىزى بانكىسىىدىن نەقىل كەلتۈرگەن بۇ دوكلاتىدا دىيىلىشىچە، ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان، كېنىيە بانكا ساھەسى ئىككى يۈز مىليارد كېنىيە شىنلىڭىنى تور بىخەتەرلك سىستىمىسىگە مەبلەغ سېلىپ، خاككېرلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلانماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئانچە كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن، ئەكسىچە خاككېرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقان. دوكلاتتا دېيلىشچە، ئېلىكتىرونلۇق بانكا ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەش مۇلازىمىتى، تور خاككېرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەسكىلىك قىلىشغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، كېنىيە بانكا ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئۇنچىلا يۇقىرى بولماسلىقى يۇقىرى سەۋىيىلىك خاككىرلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ بانكىلىرىنى نىشان قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. كېنىيەدە خاككېرلار كېنىيە بانكىسىنىڭ ئابونتلىرىنىڭ ئائىلە كومپىيوتېرلىرىغا يامان نىيەتلىك ۋىرۇسلارنى يوشۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ بانكا ھېسابات نۇمۇرى، مەخپىي نۇمۇر قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرشىپ، ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئوغرىلاش دىلوسى ئۇدا يۈز بېرىۋېتىپتۇ.
بانكا تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەۋەرلىشىش ھەققىنىڭ چۈشۈشى ۋە كەڭ بەلباغلىق ئومۇملىشىشى يان تېلفۇن بانكىسى ۋە تور بانكىسىنىڭ ئابونىتلىرىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن بولسمۇ ئەمما بۇ خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى تور خاككېرلىرىنىڭ ئوۋلاش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
يېقىندا، كېنىيە ھەرقايسى بانكىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بارماق ئىزى، ئاۋاز قاتارلىق جانلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ خېرىدارلارنىڭ سالاھىتىنى جەزم قىلىدىغان تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەركىتىنى ئېلىپ باردى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگىلىيە چادا بانكىسى يېقىندا تورغا تىزىملىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، يان تېلفۇن بانكىسى ئابونتلىرى مەشغۇلات قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھېسابات ئىسمى ۋە بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان تىزىملىتىش بۇيرىقىنى ئابونىتلارغا ئۇچۇر يوللاپ بەرمەكتە. بۇ بانكا بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە بۇ خىل يېڭى مۇلازىمەتنى ئافرىقا قىتئەسىگە كىرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ.
كېنىيە بانكا ساھەسى نۆۋەتتە خېرىدارلار ئۈچۈن تور ئالدامچىلىق قىلمىشىدىن ساقلىنىش تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىپ، خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىك تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.