تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ›› كوچىدا ئاڭلىغان ئۈچ دەرىس(زۇنۇن ھۇشۇر)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
كوچىدا ئاڭلىغان ئۈچ دەرىس(زۇنۇن ھۇشۇر)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14049
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 430
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
كوچىدا ئاڭلىغان ئۈچ دەرىس
زۇنۇن ھۇشۇر


 دوستۇم بىلەن كوچىدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتۇق، ئۇ پاراڭ قىلغاچ ئىختىيارسىز ھالدا:<<مەن خېلى ئۇزۇن يىل مائارىپ ساھەسىدە رەھبەر بولۇپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەنمەن-دەپ ئۆزەمنى خېلى مۇكەممەل ئادەم چاغلايتتىم.
   ئىلگىرى-ئاخىر كوچىدا ئۈچ ئادەمنىڭ <<دەرسىنى>> ئاڭلاپ ئۆزۈمگە بىلىنمىگەن بەزى ئەيىپلىرىمدىن نۇمۇس قىلىپ قالدىم.كوچىدا ئاڭلىغان بۇ دەرسلەر ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھەر قېتىم كوچىغا چىققاندا مېڭىش-تۇرۇش، كىيىنىش، كىشىلەر بىلەن سالام-سەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.>>دەپقالدى ۋە ئىبرەت تەرىقىسىدە ماڭا سۆزلەپ بەردى:

    بىر كۈنى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كوچىدا چاپىنىمنىڭ يېڭىنى ساپماي مەغرۇر مېڭىپتىمەن.بىر چاغدا مەن ئانچە تۇنۇپ كەتمەيدىغان، ئەمما مېنى تۇنۇيدىغان بىر ياش بالا ئالدىمغا كېلىپ:<< شوجاڭ! سىلىنىڭ جەمىيەتتە نام-ئابرۇيلىرى بار ئادەم، بىز سىلىنى ھۆرمەت قىلىمىز،لېكىن كىيىنىشلىرى نامۇ- ئەمەللىرىگە تازا ماسلاشماپتۇ. خاپا بولماي، چاپانلىرىنىڭ يېڭىنى سېپىۋالغان بولسىلا ياكى چاپاننى سېلىپ قوللىرىغا ئېلىۋالغان بولسىلا بوپتىكەن>> دەپ كۈلۈمسىرىدى. مەن ئۇ ياشنىڭ سەمىمىي تەۋسىيىسىگە يۈزۈم پوكاندەك قىزارغان ھالدا رەھمەت ئىيتىپلا دەرھال چاپىنىمنىڭ يېڭىنى سېپىپ مېڭىشقا تەمشەلدىميۇ،لېكىن تولىمۇ خىجىللىقتا پۇت-قۇللىرىم ماغرۇرسىزلىنىپ توختاپ قالدىم.
 ھېلىقى ياش گىپىمنى ئىلىك ئالدى دەپ قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ مەندىن ئۇزاپ كەتتى.

  يەنە بىر كۈنى كوچا ئايلىنىپ كېتىۋاتسام بىر تۇنۇشۇم ئۇچراپ، يانچۇقىدىن بىر سىقىم گازىر ئېلىپ قۇلۇمغا سېلىپ قويدى.مەن << رەھمەت>> دەپ ئېلىپ ئىختىيارسىز چېقىپ مېڭىپتىمەن،دەل شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت خۇشچىراي بىر مويسىپىت دېھقان كىشى ئالدىمغا كېلىپ توختاپ كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن:<< ئۆزلىرىگە بىر گېپىم بارئېدى، دىسەم بولارمۇ؟>>دەپ ماڭا بىر خىل ئىلتىجالىق تەلمۈرۈپ قارىدى.<<ئەلۋەتتە بولىدۇ>> دېدىم مەن خوشاللىق بىلەن، دېھقان تەمكىن ھالدا:<< بىز سىلىنى چوڭ بىلىمىز، لېكىنزە..>> دەپ توختاپ قالدى. مەن ھودۇققان ھالدا:<< ھە، دەۋەرسىلە>> دەپ ئالدىراتتىم. ئۇ، قورۇنۇپقىنە:<< بىزنىڭ ئادىتىمىزدە كوچىدا بىر نەرسە يەپ مېڭىش ياخشى ئىش ئەمەس، كۆڭلىمنى يېقىن تۇتقىنىمدىن ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سىلىگە دەپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم، كۆڭۈللىرىگە ئالمىغايلا>> دېدى. مەن دەرھاللا:<< ۋاي ئۇنداق بولامدىغان، ياخشى كۆڭۈللىرىگە رەھمەت>> دېدىميۇ، يۈزۈم قىزىرىپ ئوت ئېلىپ كەتتى. ھېلىقى مويسىپىت دېھقان كىشى شۇ گەپنى دەپ بولۇپ قېشىمدىن قانداق كەتكەنلىكىنى سەزمەي قاپتىمەن.شۇندىن باشلاپ كوچىدا بىر نەرسە يەپ مېڭىشتىن قاتتىق نۇمۇس قىلىدىغان بولدۇم.
  كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە بىر خىيالىمدا يوق قۇلۇمنى كەينىمگە تۇتۇپ مەغرۇر مېڭىپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا ئۈستىۋېشى رەتسىز-ئاۋارە بىر ئايال ئالدىمدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قاتتىق ھەم قوپال تەلەپپۇزدا:<< شوجاڭ! سىلى بىزنى تەربىيلىگەن، كوچىدا قوللىرىنى كەينىلىرىگە تۇتۇپ، غادىيىپ ماڭسىلا بولمايدۇ-جۇمۇ؟ بەك سەت تۇرىدىكەن>. دەپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. مەن خۇددى ئۈستۈمگە چاقماق چۈشكەندەك چۈچۈپ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئورنۇمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. بەدىنىمنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى، سەل ئېسىمنى يىغىپ ئەتراپىمغا قارىسام، ھېلىقى ئايال مەن مۇدىر بولغان مەكتەپتە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىپ پۈتتۈرۈپ، بىر نەچچە يىل ناھىيىمىزدە ئىشلەپ، كېيىن نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قېلىپ، كوچىدا ئالاڭزادە سۆزلەپ يۈرۈيدىغان بوپقالغان ئوقوغۇچۇم ئىكەن.ئۇنىڭ شۇ ھالەتتە تۇرۇپ ماڭا تەنبىھ بەرگەنلىكى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. مەندە ئاشۇ نېرۋىسى ئاجىز ئايالچىلىكمۇ يۈرۈش-تۇرۇش ئەخلاقىي چۈشەنچىسىنىڭ بولمىقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. شۇندىن باشلاپ كوچىدا مېڭىش -تۇرۇشىمغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. - دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردى.
دوستۇم كوچىدىن ئاڭلىغان بۇ <<ئۈچ دەرس>>تىن مەنمۇ چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم. بىر قېتىم دوست- بۇرادەرلەر يىغىلغاندا سورۇندا ئۇنىڭغا ھېلىقى<< دەرس>.لەرنى يەنە بىر سۆزلەتكۈزدۈم. سورۇندىكىلەر ئاڭلاپ:<<ھەممىمىز ئەستە ساقلاپ،ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم دەرس ئىكەن.>> دېيىشتى قايىللىق بىلەن.


مۇھىم خەتكۈچلەر : زۇنۇن ھۇشۇر , كوچىدا ئاڭلىغان ئۈچ دەرىس
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-19 8:55:54 باھا : 0 كۆزىتىش : 13
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证