تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش
DELL
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14006
dell.bilik@gmail.com

يازما سانى : 1
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

  

 

  

 ئۇ توققۇز يېىشدا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى جەنۇبىي داگوتا شىتاتىدىكى ئاتىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، ئۆزىنىڭ تۇنجى «خىزمىتى» __ تېزەك تېرىشنى باشلىدى. بۇ ھەممە ئادەم دېگۈدەك قىلىشنى خالىمايدىغان ئىش ئىدى. ئەمما، ئۇ ناھايىتى ياخشى قىلدى، ئەزەلدىن ئۇنى "جاپالىق" دەپ ۋايسىمىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، مومىسى ئۇنىڭ "خىزمىتى"نى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى پادابېقىشقا قويدى. مومىسىنىڭ دېيشىچە، ئۇنىڭ تېزەك تېرىشتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئۇنى پادا باققۇزۇش ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇكاپات ئىكەن. خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولغاچقا، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ تۇغۇلدى.

كېيىن، ئۇ جەنۇبىي داگوتا شىتاتىدا ھەپتىسىگە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئىشلەيدىغان قاسساپ ياردەمچىسى بولدى. گەرچە بۇ "خىزمەت" مەينەت جاپالىق، كىشنى ئاسان چارچىتدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئاۋال ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش ئاندىن ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەندە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. كېيىن دەرۋەقە ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ھەپتىسىگە 50 ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققى ئالدى...

بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 1 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ دەل ئامېرىكىدىكى تىراژى ئەڭ كۆپ گېزىت "بۈگۈنكى ئامېرىكا" نىڭ خوجايىنى ئاللىن نېخاستۇر.

ئاللېىننىڭ دېيىشىچە، قىلىۋاتقىنىڭىز، كۆڭۈلنى ئېلەشتۈردىغان خىزمەت بولسىمۇ، ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئامالنىڭ بارىچە ياخشى قىلىشىڭىز كېرەككەن. چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىز شۇ "خىزمەت" تە نەتىجىگە ئېرىشىپ، كېيىن ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان تېخىمۇ ياخشى "خىزمەت"كە مۇيەسسەر بولدىكەنسىز. دېمەك، ئىختىساسلىقلار ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلدىغانلاردۇر.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى 2010-يىل 6-سان، تەرجىمان: ئابلەت مۇھەممەت

 

[dell تەستىقلىدى . 2010-8-16 18:26:20]

مۇھىم خەتكۈچلەر : خىزمەت , ئاللىن نىخاس , بۈگۈنكى ئامېرىكا , USA TODAY , Allen Neuharth
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-16 17:59:39 باھا : 0 كۆزىتىش : 40
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证