تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› مەڭگۈ تاش ھەققىدە
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
مەڭگۈ تاش ھەققىدە
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14049
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 430
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
مەڭگۈ تاش ھەققىدە


1. مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش دەۋرى ھەققىدە



مىلادى ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەسىرلەردە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىرقانچە ئون "يايلاق قەبىلىلىرى" نىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلدى . ئالدى بىلەن بۇ قەبىلىلەر شەرقتە ھىنگان تاغلىرى ، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا ، تىيانشان تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قاتارلىق كەڭ زېمىن ئىچىدە ، بىرقەدەر مۇكەممەل سىياسىي بىرلىك بولۇپ ئۇيۇشتى . شۇنداقلا بۇ قەبىلىلەرنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ چاغدا ئېلىپبەلىك يېزىققا ، يەنى قەدىمكى تۈرك يېزىقىغا ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولدى. "يايلاق قەبىلىلىرى" دىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ئالدى بىلەن ئەسلىدە ئالتاي تاغلىرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشايدىغان ئاشىنا تۈرك يەنى كۆك تۈرك قەبىلىسىدىن ئىدى.
مىلادى 546- يىلى قاڭقى قەبىلە ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولغان ئاشىنا تۈرك قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن ئالتاي تاغلىرى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشايدىغان بەش تۈمەن قاڭقىللار بىلەن بىرلىشىپ ، جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئاشىنا تۈرك ھۆكۈمىتىنى تىكلىدى . 552- يىلى ئۇ يەنە نۇرغۇن قوشۇن بىلەن جوجان ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۈيۈك تۈرك خانلىقىنى تىكلىدى ھەم ئۆزىنى "ئېل قاغان" دەپ ئاتىدى. "كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدا بۇمېن قاغان دېيىلگەن . تۈرك خانلىغى تۈمەن قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇقان قاغان دەۋرىدە ۋە تابار قاغان دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ناھايىتى كېڭىيىپ ، شەرقتە لياۋخەي دېڭىزى ، غەربتە كەسپىي دېڭىز ، جەنۇبتا گوبى چۆللۈكى ، شىمالدا بولسا بايقال كۆلىگىچە بولغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالدى . بۇ "جۇ سۇلالىسى . تۈركلەر تارىخى" دېگەن كىتابتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان . خانلىقنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىن ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدىكى ئورخۇن دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى جايلاشقان ئۆتۈكەن تېغىغا يۆتكەلدى . لېكىن تابار قاغاننىڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئېل كۈلۈگ شادباغا ئىشبارا قاغان دەۋرىدە خان جەمەتىنىڭ تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى تۈپەيلىدىن ، بۈيۈك تۈرك خانلىغى پارچىلىنىشقا يۈزلەندى . مىلادى 583 - يىلى بولسا ، تۈمەن قاغاننىڭ ئىنىسى ئىستەمى قاغان تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈكەن تاغلىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي تۈرك خانلىغى شەكىللەندى . ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈرك ۋە غەربىي تۈرك خانلىقلىرى تېخىمۇ بۆلۈنۈپ كەتتى . توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغان تاڭ سۇلالىسى بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپلا ~ مىلادى 630 - يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى يوق قىلىۋەتتى . 659 - يىلى غەربىي تۈرك خانلىقىنىمۇ يوق قىلدى . بۇلارنى يوقىتىۋېتىپ ئىككى تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋالدى ........
مىلادىي 679 - يىلى بۇرۇنقى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى قاغانى ئېل قاغاننىڭ ئەۋلادى قۇتلۇق قاغان ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىغا قاراشلىق ئوردۇس رايونىدىكى چىغاي قۇزى تاغلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، بۇۇرنقى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتىدىن قۇرىدۇ . تارىختا بۇ خانلىق " كېيىنكى تۈرك خانلىقى" ياكى " قۇتلۇق تۈرك خانلىقى" دەپ ئاتىلىپ ، قۇتلۇق قاغان ئۆزىگە " ئېلتەرىش قاغان" دەپ نام قويىۋالىدۇ.  كېيىنكى تۈرك خانلىغى قۇتلۇق قاغان ، قاپاغان قاغان ، بىلگە قاغان دەۋرىدە ناھايىتى كۈچەيگەن ھەم بۇ دەۋردىكى بۇ ئۈچ نەپەر قاغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق ھەم بىلگە قاغانننىڭ ئىنىسى كۆل تېكىن بۇ خانلىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىدۇ . بۇرۇن قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالىدۇ . ئىنتايىن ئەپسۇس ، مىلادى 734 - يىلىغا كەلگەندە بولسا تەڭرى قاغان تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ، تۈرك خانلىقى يەنە بىر قېتىم زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ .
ئۇزۇن ئۆتمەي خانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، ھاكىمىيەتنى قايتىدىن قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ . ئۇلارنىڭ باشلىقى قۇتلۇق بويلا ئۆزىنى "قۇتلۇق بىلگە قاغان" دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغان بىر قىسىم قەبىلە ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇۋالار ، بايقال كۆلىنىڭ غەربىدىكى قورىقاتلار ، يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدىكى قىرغىزلار ، ئالتاي تاغلىرىدىكى قارلۇقلارمۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ . بۇ چاغ دەل بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ ئاڭلىغان ھەم كىتابلاردىن كۆپ كۆرگەن 'توققۇز ئۇيغۇر" ، "توققۇز ئوغۇز" دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان دەۋر .
مىلادىي 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى كۈچەيدى. تەڭرى قاغان مەزگىلىدە زېمىنىمۇ كېڭەيگەن . لېكىن قوغۇ تېكىن تەختكە چىققان 832 - يىلىدىن باشلاپ ، خانلىقنىڭ ھوقۇقى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن باشقا قەبىلىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ . نەتىجىدە ئۇيغۇر خانلىقى يەنە زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ . قوغۇ تېكىن زامانىسىدىكى دەۋرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى قوزا تېكىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرنىڭ باشلىرىدا ، ئۇيغۇر خانلىقى دائىرىسىدە ھەر خىل كېسەل تارقىلىپ ، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن سىياسىي كىرزىس كۈچىيىپ ، ھۆكۈمران تەبىقىلەر ئىچىدە ئىچكى زىددىيەتلەر ئەۋجىگە چىقتى . مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى كۈل باغا ئىسيان كۆتۈرگەندە ، يېنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان قىرغىزلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى . قىرغىز قاغانى 100 مىڭ لەشكەر باشلاپ كېلىپ ، خانلىقنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىقنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ . قاغان قوزا تېكىننى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇيغۇر خانلىقىنى خانىۋەيران قىلىۋېتىدۇ ...... شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ - تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ!
گەپنى يىغىنچاقلىساق ، مىلادى 6 - ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن تاكى 9 - ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە بولغان ئارلىقتا ، تۈرك خانلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ئۇيغۇرلار ، بەزى قەبىلىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلدى . مەدەنىيەت جەھەتتە خېلى يېڭىلىقلارغا ئىگە بولدى . چۈنكى ، ئۇلار ئىگىلىگەن زېمىنىلارنىڭ كەڭ بولۇشى بىلەن بىللە ، ئۇلارغا قاراشلىق قەبىلىلەرمۇ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىن راۋاجلانغان.

مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل دالىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يۈرگەن يىللىرى قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە تاشلىرى بولۇپ، ئاساسەن تاش يۈزىگە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا مەلۇم پادىشاھنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۇيۇپ قالدۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەينى دەۋرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى، تارىخى ئىشلىرىنى تەھلىل-تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممىتى بار.
تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى - قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدەخېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان يادىكارلىقلاردىن بىرى . ئۇ مىلادىيە 712-716-يىللىرى ئارلىقىدا تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەرپىدىن مەرمەر تاشقا ئويۇپ تەييارلانغان . قەدىمكى تۈرۈك يېزىقى بىلەن ئىككى پارچە چوڭ مەرمەر تاشقا  62قۇر خەت قىلىپ ئويۇپ يېزىلغان ، بۇ مەڭگۈ تاش بىلگە تۇنيۇقۇق ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئورنىتىلغان . بۇ مەڭگۈ تاش 1897-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئولانباتور شەھىرىدىن 60 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان . شۇڭا ئۇ"بايىن چوكتۇ مەڭگۈ تېشى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىدا ساقلانماقتا .

2 . مۇھىم بولغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى قايسىلار ؟



(1) چۆرىن مەڭگۈ تېشى
مىلادى 686 - 687 - يىللىرى ئارىلىغىدا ئورنىتىلغان . 1971 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئولانباتۇر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چۆرىن دېگەن جايدىن تېپىلغان .
(2) تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
مىلادى 716 - يىلى ئورنىتىلغان ،1897 - يىلى موڭغىلىيىنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوقتۇ دېگەن يەردىن تېپىلغان .
(3) كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى
مىلادى 732 - يىلى ئورنىتىلغان ، 1889 - يىلى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى خوشۇ سايدام دېگەن جايدىن تېپىلغان .
(4) بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى
مىلادى 735 - يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ ، كۈل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تېپىلغان .
(5) مويۇنچۇر 1 مەڭگۈ تېشى
تەخمىنەن مىلادى 759 - يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ ، 1909 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى سېلىنگا دەرياسى بىلەن شىنە - ئوسۇ كۆلى ئارىلىقىدىكى جايدىن تېپىلغان . بۇ يەنە " گېلى مەڭگۈ تېشى" يا بولمىسا " ئالىپ بىلگە چوكە قاغان مەڭگۈ تېشى" دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.
(6) مويۇنچۇر II مەڭگۈ تېشى
1957 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تالياتتى دېگەن جايدىن تېپىلغان .
(7) توققۇز ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى
بۇ ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . 1890 - يىلى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمكى قارابالاساغۇندىن تېپىلغان . قارا بالاساغۇن -- ئوردۇبالىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ شەھەر مىلادى 744 - يىلى ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان "قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى" نىڭ پايتەختى بولغان .
(8) سۇجى مەڭگۈ تېشى .
1919 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىڭ شىمالىدىكى سۇجى داۋان يېنىدىن تېپىلغان.

3 . مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى نېمىلەردىن ئىبارەت؟



(1) تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي يىرىك يازما يادىكارلىقىدۇر . تارىخ تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يازما يادىكارلىق .
(2) بۇ مەڭگۈ تاشلارنى ئۆگىنىش بىلىش ، چۈشىنىش ئارقىلىق ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي شەكىللەرنى ، ئوبرازلىق تەپەككۈر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئېلىمېنتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ ، ئاشۇ مەزگىلدىكى يازما ئەدىبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسسىيەتلىرىنى چۈشىنەلەيمىز .
(3) مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى بىزگە كۆك تۈرك خانلىقى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى جۈملىدىن قانۇن - نىزامى ، ھەربىي يۈرۈشى ، تۈزۈلمىسى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيىتى ، دىنىي ئېتىقادى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ

[abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-16 4:27:18]

مۇھىم خەتكۈچلەر : مەڭگۈ تاش ھەققىدە
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-16 4:26:07 باھا : 0 كۆزىتىش : 15
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证