تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› براۋنىڭ(1812-1889)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
براۋنىڭ(1812-1889)
YusufAhmad
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13007
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 201
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

بىراۋنىڭ=Robert Browning
  روبېرت بىراۋنىڭ (1812-1889) ، ئەنگىلىيىنىڭ 19 ـ ئەسىردىكى مەشھۇر شائىرى، دىراماتورگ. كومىدىيە ساھەسىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بروۋنىڭنى ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىگە ئىگە قىلغان.

      بىراۋنىڭ 1812-يىلى 5-ئاينىڭ7-كۈنى لوندوننىڭ سىرتىدىكى كامبىرىۋېلدا ئوتتۇرا بۇرژۇئاز ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئاتىسى ئەنگىلىيە بانكىسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى، كىتاپ ساقلاشقا ئامراق كىشى. ئانىسى گېرمانىيە قان سېستىمىسىدىكى شوتلاندىيىلىك بولۇپ، ئۇستا مۇزىكانت ئىدى. بىراۋنىڭ ئالتە يىل ئوقۇغاندىن باشقا، كۆپرەك مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن، لېكىن ياش ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاتىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇ نۇرغۇن كىتاپ ئوقۇغان، كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بېرىلىپ ئوقۇغان ۋە شېئىر يېزىشقا ئىشتىياق باغلىغان. يىگىرمە ياشقا كىرگەن يىلى تۇنجى شېئىرى ئەسىرى «بورىن»(1833)نى ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بەزى تەنقىتچىلەر بىراۋنىڭنى ، «بورىن»دا ھىسسىياتنى ئارتۇقچە ئاشكارىلىۋېتىپتۇ، دەپ ئەيىپلىگەن. مۇشۇنداق ئەيىپلەشكە ئۇچرىغانلىقتىن بولسا كېرەك، كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە ئۇ ئوبېكتىپ تەسۋىر دىگەندە چىڭ تۇرغان.

    1835 ـ يىلى ئۇ يەنە «باراسەلسى»داستانىنى ئېلان قىلغان، داستاندا ئۆزىنى ئىلىم ـ پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان باراسەلىسنىڭ«سېھىر» ئىشلەتتتى دەپ ئەيىپلىنىپ، چەكسىز خىجالەتچىلىكتە قېلىپ، ئاخىرى دەرت بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىگى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتورنىڭ قەلىمىدە بۇ ئالىم ھەقىقەت ئىزلەش يولىدا جۈرئەتلىك، باتۇر بولغان. داستان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىراۋنىڭ ئاتاقلىق شائىر ۋوردىسۋورس بىلەن كارلىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ھەم تىراگىدىيە ئەرتىسى، تىياتىرخانا مۇدىرى مېكرىد بىلەن ياخشى دوستلۇق ئورناتقان. ئۇ كېيىن بۇ ياخشى دوستىنىڭ مەدەتكارلىغىدا دىراما ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ،  «سىتراپ»(1837)، «بىبانىڭ كەچۈرمىشى»(1841) ، «رولىيە» (1846)قاتارلىق سەككىز دىراما يازغان. تارىخىي تىراگىدىيە «سىتراپ»تا، 17 ـ ئەسىردىكى بۇرژۇئا ئىنقىلاۋى ئالدىدىكى ئەنگلىيە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، فېودال مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش جەريانىدىكى ئاسىلىق ھەركەتلەر ئەيىپلەنگەن. لېرىكىلىق دىراما «بىبانىڭ كەچۈرمىشى»نىڭ ماتىرىيالى ئىتالىيىدىن ئېلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، راست بولمىغان بىر ۋەقە ئىنكاس قىلىنغان؛ ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە، كەمبەغەل ياش ئايال ئىشچى بىبا ناخشا ئېيتىپ بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇ شۇ جايدىكى بىر باينىڭ ئىشىگىدىن ئۆتكەندە ناخشا ئېيتقاچ، مۇشۇنداق بايلىقنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالسام، نەقەدەر بەختلىك بولاتتىم ھە! دەپ ئويلىغان. ناخشا باينىڭ ئۆيىگە ئاڭلىغان ۋە بىر كىشىنىڭ جېنىغا زىيانكەشلىك قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان ئۇ ئەبلەخ تەسىرلەنگەن ھەم پۇشايمان قىلىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىدىن يانغان. بىبا ئەنە شۇنداق ناخشا ئارقىلىق كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ. توغرا يولغا ماڭغۇزغان، لېكىن ئۆزى شۇنچە كۆپ ياىشى ئىش قىلغانلىغىنى سەزمىگەن.ئۇ بۇ ئوپېرادا ئۆتكۈز ئىجتىمائى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سىنىپلارنىڭ ئەپلىشىشىنى تەشۋىق قىلغان، بۇنىڭدا ئاپتورن دۇنيا قارىشىنىڭ پاسسىپ تەرپى ئەكس ئەتكەن. بىراۋنىڭ بۇ سەھنە ئەسىرىدە ئېتىۋارى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، سەنىدە قويۇشقا مۇۋاپپىق بولمىغان، شۇڭلاشقا «سىتراپ»سىرتتا ئويلىنىپ باقمىغان.

      بىراۋنىڭ 1838 ـ يىلى ئىتالىيىنىڭ شىمالىنى ساياھەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى داستانى «سودېرو» (1840) نى يېزىشقا بىرىنچى قول ماتىريال توپلىغان؛ لېكىن «سودېرو» نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ياخشا باھاغا ئېگە بولالماي، شېئىر مىسرالىرى چۈشنىكىسىزلىكنىڭ تەپى دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋانىڭ چاچما شېئىر تۈزۈلۈشىدىكى «دىراما لېرىكىسى» (1842) ۋە «دىراما ھىكايىسى ۋە لېرىك شېئىر» (1845)نى يازغان. ئۇلار ئارىسىدىا بىر قەدەر ۋەكىللىك خاراكترىدىكىسى «مەرھۇم گېرېتسوگ خانىم» )«دىراما لېرىك شېىر»(. بۇ شېىردا باش قەھرىمان گېرېتسوگنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن خوتۇنىنىڭ رەسىمى ئالدىدا  تۇرۇپ، مېھمانلارغا رەسىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەنلىگى تەسۋىرلەنگەن: ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ كەچۈرمىشى تەكشى بولمىغان، كېيىن ئۇ ئۆزىگە رەسىم سىزىپ بېرىدىغان رەسسامغا كۆتۈپ قالغان؛ گېرتسوگنىڭ كۈندەشلىگى تۇتۇپ، ئاچچىغىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. براۋنىڭنىڭ«دىراما مونولوگى»دا ئوبېكتىپ لېرىك شېئىرنىڭ پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ، روھىي ھالەت تەسۋىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ باش قەھرىماننىڭ كەيپىنى تەھلىل قىلىشى ۋە يورۇتۇشى بەكمۇ تەپسىلى. ئۇ كىتاپتىكى پىرسۇناژلارنىڭ ھەركەتلىرىگە باھا بەرمەي، ئۇلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىنى كىتاپخانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەلگىلىشىگە قالدۇرىدۇ.

   1845 ـ يىلى ئوتتۇز ئۈچ ياشلىق براۋنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ئىلىزابىت بالېتىر بىلەن تونۇشۇپ، ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخىدا ئەڭ قىزىقارلىق مۇھەببەت تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار كېيىنكى يىلى جىمجىتلا نىكالىنىۋېلىپ،  ئىتالىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. بىرۋانىڭ ئۆيلىگەندىن كېيىن شېئىرنى ئازراق يازغان، لېكىن بۇ دەۋر ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئالتۇن دەۋرى بولغان. ئۇنىڭ ئۆز سۆزى  بىلەن ئېتيقاندا، ئىتالىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى داشۈې بولغان. ئۇ ئىتالىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ۋەتىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ برغان كۈرىشىگە ھىسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە دىنىي شېىر «روژدستوۋ كېچىسى ۋە پاسخا بايرىمى»(1850) ھەم شېئىرلار توپلىمى «ئەرلەر ـ ئاياللار» (1855) قاتارلىقلارنى يازغان. ئىككىم توملۇم «ئەرلەر ـ ئاياللار» ئۇنىڭ ئىتالىيىدىكى ئون يىللىق ھاياتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر سۆز، ھەر قۇردىن ئىتالىيە توپرىغىنىڭ خۇشپۇرىغى چىقىپ تۇرىدۇ. « ئاكا ـ ئۇكا لىبو لىبى» ئۇنىڭ شېىر تولىمىدىكى ئاڭ داڭلىق «دىراما مونولوگى» نىڭ بىرى.
  براۋنىڭ ئىلىزابىت بىلەن جەمى ئون بەش يىل بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئىلىزابىت بەختكە قارشى 1861 ـ يىلى ۋاپات بولغان. چەكسىز قايغۇرغان براۋنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ ئىتالىيىدىن لوندونغا قايتىپ كەتكەن. شېئىرلار توپلىمى «سەھنىگە چىققان پىرسۇناژلار» (1864)نىڭ نەشردىن چىقىشى، ئەللىك ياشلىق براۋنىڭ ئومۇمى ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە قىلغان. « سەھنىگە چىققان پىرسۇناژلار» ئاپتور ئاساسەن ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيىدە يازغان ئون سەككىز پارچە شېىر توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان تېمىسى ئىجادىيەتنىڭ مەزمۇنى قىلىنغان، «ئەرلەر ـ ئاياللار»غا قارىغاندا، جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى تېخىمۇ دادىل ئېچىپ تاشلانغان؛ ئەينى زاماندىكى چوڭ مەسلىلىلەرگە بولغان كۆز قاراش بايان قىلىنغان، بۇنىڭدا ئۇنىڭ «دىراما مونولوگى» يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان.

   «سەھنىگە چىققان پىرسۇناژلار»نىڭ نەشر قىلىنىشى براۋنىڭنى ئەنگلىيىنىڭ شېئىر مۇنبىرىدىكى چولپانلار قاتارىغا قوشتى دىسەك، «ھالقا ۋە كىتاپ» (1868 - 1869) داستانىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇنى سەلتەنەتلىك شاىر تېنبسون بىلەن تەڭمۇ ـ تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان قىلغان. «ھالقا ۋە كىتاپ»تا، 1698 ـ يىلى رىمدا يۈز بەرگەن بىر قەستىلەپ ئۆلتۈرۈش ئەنزىسى ماتىرىيال قىلىنىپ، بىر ئادەمنىڭ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. پۈتۈن داستان ئون ئىككى گۇرۇپپا دىراما مونولوگىدىن تەركىپ تاپقان، ھەربىر مونولوگدا ئەنزىنى سۆزلەپ بېرىدىغان ئاساسىي پىرسۇناژ بار. ھەربىر كىشىنىڭ بايان قىلىدىغىنى بىر بىرىگە زىت، لېكىن چىگىش، مۇرەككەپ ئەھۋال بولۇپ، ئاخىرى بۇ ئەنزىنىڭ ھەقىقى كۆرۈنۈشى ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ داستاندا ئىنچىكە تەسۋىر ئارقىلىق 17 ـ ئەسىردىكى رىمنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشى قايتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، رىمنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان، بۇ ، براۋنىڭنىڭ ئىدىيىۋى خاھىشى ۋە بەدى ماھارىتىنىڭ مەزكەزلىك گەۋدىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ؛ داستان بەك ئۇزۇن ۋە دىگەندەك تاۋلانمىغان، لېكىن «دىراما مونولوگى» جەھەتتە يۇقۇرى مۇۋەپپەقىيەتكە يېتىشكەن، ئۇنى براۋنىڭنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى دىيىشكە بولىدۇ. پۈتۈن  داستان چاشما شېىر بىلەن يېزىلغان، يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق مىسرا بولۇپ، ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدا ئاز ئۇچرايدىغان داستانلارنىڭ بىرى.
  
   براۋنىڭنىڭ بەزى شېئىرلىرى بەك مۇرەككەپ، مىسرالىرى يېپىق، چۈشىنىش تەس بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەر « براۋنىڭ ئىلمىي جەمىيىتى» تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يېپىق سۆز ـ ئىبارىلىرىنى ئىزاھلاش بىلەن شۇغۇللانغان.
   بىرۋانىڭ ئاخىرقى ئون يىلدا يەنىلا ئىنتايىن زور قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەت قىلغان. ھەر يىلى دىگىدەك ئۇنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىدەك بىرىمۇ يوق. ئاخىرقى بىر شېىرى «ئاسوراندو» (1889) نەشردىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەتمىش يەتتە ياشقا كىرگە بۇ شائىر ئىتالىيىنىڭ ۋېنېتسىيە شەھىرىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتىدىدۇ.
   براۋنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۈچ يۈز پارچە شېىر يازغان، ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپەقىيىتى «دىراما مونولوگى»نى يارىتىپ، باتۇر، غايىگە باي ۋە ئۈمىتۋارلىق  روھنى ئىپادىلىگەنلىگىدە. يۈز يىلدىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ براۋنىڭغا بەرەە باھالىرى دىگەندەك ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «دىراما مونولوگى»نى يارىتىش جەھەتتىكى تۆھپىسى ھەم شېىر ئىجادىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

     ئابدىرىھىم ئەخمىدى تەرجىمىسى


مۇھىم خەتكۈچلەر : روبېرت بىراۋنىڭ , ئابدىرىھىم ئەخمىدى
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-15 12:56:49 باھا : 0 كۆزىتىش : 6
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证