يادىڭىدا تۇت
ئەي ئادەم كەلدىڭ ھاياتقا كەتمەكنى ھەم يادىڭدا تۇت،
نەچچە يىل كۆرسەڭ ئۆمۈر بىر كۈن ئۆلۈم يادىڭىدا تۇت.
بارچىمىز كەلدۇق ھاياتقا ئىمتىھان تاپشۇرغىلى،
تائەتىڭ بولسا ئۆتەرسەن سەن بۇنى يادىڭىدا تۇت.
ناكەسۇ- يامان بىلەن دوستۇ-ئۈلپەت بولمىغىن،
بىر ئۆمۈر ئەپسۇس چىكەرسەن سەن بۇنى يادىڭدا تۇت.
بول يىراق پىتنە-پاساتتىن ھەمدە غەيۋەت قىلمىغىن،
گۆردە بار قاتتىق ئازاپلار سەن بۇنى يادىڭىدا تۇت.
كىملەر كۆڭلۈڭ كوچاسىغا خار ئىتىپ تاشلار سېنى،
ئاخىرى بار بۇردا نانغا زار ئىتەر يادىڭىدا تۇت.
ھەر بالا ئىشلارغا باشلار تويمىغان نەپسىڭى سېنى،
مىڭ بالالار كەلتۈرەر باشىڭغا سەن يادىڭىدا تۇت.
ئىچكىلىك ئىچكەن كىشىدە قالمىغاي شەرمى-ھايا،
ئىچكىلۈكتىن مىڭ جاپا كەلگەي بۇنى يادىڭىدا تۇت.
كىم مۇكەممەل ئىنسان ئالدى،بولدى ئەل ئىچرە ئەزىز،
بىتەيىن مۇجىمەل ئادەم خاردۇر ئەبەد يادىڭىدا تۇت.
ئال قولۇڭغا سەن ئىرادەڭنى پەزىلجان دائىما،
ئەمدى ھەۋايى نەپەس ئۈچۈن نامەرت سەن يادىڭدا تۇت.