تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› توۋا دەيمەن، توۋا(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17328
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    توۋا دەيمەن، توۋا(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

    توۋا دەيمەن، توۋا
    ئابدۇرېھىم  ئۆتكۈر

     
    ھەددىدىن ئېشىپ،
    بۇلدۇقلاپ تېشىپ،
    قازاننى قويۇپ ئېغىزدا-
    قاينايدىغان بوپتۇ شوۋا!
     
    «سەھەت تىلىسەڭ ئاز يە،
    ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە»-
    دەيىتتى ئاتا-بوۋىمىز،
    لېكىن، بىزنىڭ بەزىمىز-
    پۇتتا ئەمەس، ئېغىزدا،
    قۇرۇق مېڭىپ ئېڭىزدا،
    شەھەر ئالىدىغان بولدۇق،
    توۋا دەيمەن، توۋا.....
     
    كۆز ئىككى، قۇلاق ئىككى،
    قول ئىككى، ئاياق ئىككى،
    ئېغىز، بۇرۇن بىر پەقەت،
    شۇنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت...
    شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى،
    ئېغىزغا يۈكلەپ يۈكنى،
    ئوڭ-تەتۈر كىيىپ بۆكنى،
    گەپ-سۆزدىن «سۇخەن» توقۇپ،
    سېۋەت-سېۋەتتە ساتماقنىڭ-
    نېمە لازىمى توۋا!

     

    ھەي چوكا، ھەي سەن چوكا،
    (توۋا دەيمەن، توۋا ! )
    ئاش  يەيدىغان ئەسۋابنى
    نېمە قىلىۋالدۇق ئەمدى؟
    بۇنى ئېيتىشقا دوسىتلار،
    تلىم بارمايدۇ  زادى.
    ئاتىدىن قالغان ئۇدۇممۇ،
    ياكى مىراس تۇلۇممۇ،
    يا پەيلىمىزگە لايىق
    بىر لەنىتى كۆرۈممۇ؟
    نىمە بولسا بولسۇن،
    توۋا دەيمەن توۋا !
     
    مۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن،
    ھېلىقى ساراڭ قۇيۇن-
    ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ
    بەزى كونا گۆرلەرنى.
    تامدىن تارىشا چۈشكەندەك ،
    ئەرۋاھ  تىرىلىپ چىققاندەك ،
    بازارغا كىرىپ قاپتۇ
    لەنەت تەككۈر «لىق» ۋە «لىك» ،
    «سەن سەھرالىق، مەن شەھەرلىك،
    ئاۋۇ  ئاداش قەيەرلىك؟»-
    دەيدىغان ئۆتمەس ماتا .
    (بەزىلەر  زورلاپ ساتا،)
    توۋا دەيمەن، توۋا !
    بۇ گەپلەر تېخى ئازدەك،
    ئۇچىغا چىققان مازدەك،
    سۈرۈشتۈرۈپ ئۇستىخان ،
    «مەن پالانى، سەن پالان،
    مېنىڭ ئەسلىم ئېسىلزات،
    ئېسىلىقتا تاپقان ئات.
    پالانچى ئۆزى كىمكەن،
    ئۇ مېنىڭ تېڭىممىكەن؟ »
    دەيدىغان  لاۋزىلىقلار
    ئەدەپ قاپتۇ  خېلىلا ،
    توۋا دەيمەن، توۋا !
    يەنە قاراپ نەسەبكە،
    مەرتىۋە ھەم مەنسەپكە ،
    تۆرمۇ تالىشىدىغان بولدۇق
    سۆزەڭگۈر خېنىملاردەك،
    ئولتۇرىشىمىزمۇ  قالتىس ،
    غادايغاق بېگىملەردەك .
    قايسىبىرسىنى ئېيتاي،
    توۋا دەيمەن، توۋا !      



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : توۋا دەيمەن , توۋا , ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-11 3:15:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 232
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证