تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› يەجۇجى-مەجۇجى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يەجۇجى-مەجۇجى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    يەجۇجى-مەجۇجى
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



    مەنجىڭ غۇلاپ ھەممە جۇش،
    بولدى پۇت ھەم قولى بوش.
    ئامبال بولۇپ زالىملار،
    قاقاقلاشتى تۇشمۇ-تۇش.
     
    ھەر سىڭىدا قىلدى دۇ-دۇ،
    ئۆز ئالدىغا ئىدارە،
    جۇڭشەننىڭ سۆزلىرى،
    سانىماي بولار قاتارە.
     
    سەنمىنجۇيى يېپىلدى،
    قىلماي ئەمەل ۋە كارە.
    ئاخىرى بولدى جۇڭگو،
    يىگىرمە ئىككى پارە.
     
    بۇ پارىلەرنىڭ بىرى،
    يۇرتىمىز ئىدى شىنجاڭ.
    ئۇيغۇر ئىدى ھالى،
    يوق ئىدى مۇندا بىر ئاڭ.
     
    ھېچ تۇيمىدۇق بۇ ئىشنى،
    ئۆتكۈزدۇق يازۇ-قىشنى.
    جىياڭجۇن بولۇپ ياڭ زېڭشىن،
    باشلىۋەتتى قىرىشنى.

    بار ئىدى قازى موللا،
    ئۈستىدە تونۇ سەللا.
    ئەمرىنى تۇتماق ۋاجىب،
    دەپ چىقاردى پەتىۋا.

    ياڭنىڭ خىيالى باشقا،
    ئۇستا ئىدى تالاشقا.
    ئۇستا ئىدى ئارىدا،
    تۈرلۈك نىزا باشلاشقا.

    ياڭغا بۇ ئىش ئەپ كەلدى،
    كەلگەندىمۇ زەپ كەلدى.
    بۆرە پاخلان تاپقاندەك،
    يۇڭدىمايلا يەپ كەلدى.
     
    يەتتە باشلىق يالماۋۇز،
    مەھكەم ئورنىشىپ ئالدى.
    تىللا ھەم يامبۇ بۇلاپ،
    تىيەنجىندە جاي سالدى.

    كەتتى بۇ يۇرتنىڭ داڭقى.
    ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كانى.
    يالماۋۇزلار كۆپەيدى،
    كۈنسېرى ئېشىپ سانى.

    چېرىك قويدى قۇمۇلغا،
    شىڭ شىڭشانى توسۇشقا.
    قورقار چېرىك چىقار دەپ،
    تەييار، ئوڭاي بۇ ئىشقا.
     
    قۇمۇلدا ياتتى چېرىك،
    بىكارغا لەڭنى جىق يەپ.
    تويغۇزدى بۇ قۇمۇلنىڭ،
    خەلقىنى دېدۈرۈپ "خەپ"
     
    ئۆزى، چېرىك ئوغرى،
    ئۆتتى قۇمۇلغا زورى.
    ئاخىرى بېشىغا چىقتى،
    پەن ياۋنەننىڭ زوھۆرى.
     
    ئۇيغۇر يازدى قوشاقنى،
    ئىچ قارنىنى بوشاتتى.
    كۆرەڭلىگەن جىياڭجيۈننى،
    يالماۋۇزغا ئوخشاتتى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر , يەجۇجى-مەجۇجى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-11 3:07:46
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 272
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证