ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي
مەندىن نامراتقا...
مەنچىلىك ياشىساڭ بولاتتى سەنمۇ،
يەپ باقساڭ بولاتتى مەن يېگەن ئاشنى.
گۇناھسىز ئادەمدەك، كەزگەندە كوچا
ماڭغىنىڭ ياخشىدى تىك تۇتۇپ باشنى.
بەزىدە ھەۋەستە قارىساڭ ماڭا،
توساتتىن كېتىدۇ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.
ھەم سەندىن ياخشىراق ياشىغىنىمغا
كېتىمەن ئۆزۈمچە بەك خىجىل بولۇپ.
بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن:
تىللامدىغاندۇ مېنى، خەپ گۇي... دەپ.
خەپ دەيمەن، دېيەلمەي قەلبىمدىكىنى
ئىچىمدە ئۈن-تىنسىز ساڭا قۇت تىلەپ...