تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...(ئابدۇرېشىت ئېلى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 17542
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 7
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...(ئابدۇرېشىت ئېلى)

    ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم...
    ئابدۇرېشىت ئېلى



    ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم ، مېنى
    ئىزدەپ كەپسەن بىر كۈنى ئوماق،
    ئىزدەپ كەپسەن... ئۆيۈم ئىچىگە
    كىرەلمەستىن كېتىپسەن بىراق،
    شۇنىڭدىن بېرى ئىشىكىمنى مەن
    ئوچۇق قويماس بولدۇم پەقەتلا،
    ئولتۇرىمەن دىققىتىم يىغىپ،
    ئىشىكىمنىڭ چېكىلىشلىرى
    ئاڭلىنار دەپ قۇلاقلىرىمغا..،


    كېلىمەن دەپ خەت يازما

    كېلىمەن دەپ خەت يازساڭ ماڭا
    ئۈزەلمەيسەن كۆزۈمنى يولدىن،
    تۇيدۇرماستىن ماڭا يورۇق كۈن
    ۋە ياشلىقىم كېتىدۇ قولدىن،
    كېلىمەن دەپ خەت يازما ماڭا ،
    ئۆز ئىشىمغا چۆكەي مەن تېرەن.
    پۇرسەت يېتىپ كەلسەڭ بىر كۈنلەر
    خۇشاللىقتا ئۆلسەم رازىمەن،

    تومۇرۇمغا ئۇرۇلار قىيان

    ئىشىكنى چەكمەكچى بولۇپ
    خىياللارغا پاتتىم تۇيۇقسىز،
    سانىماقتا سىرلىرىمنى
    باغرىمدىكى ئۆلۈۋاتقان قىز،
    يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ كوچىدا
    قارىدىم تاملارغا چوڭقۇر ، پەرىشان
    ئابدۇرېشىت ئەسلى بىر زەردار ئىدى دەپ
    تومۇرۇمغا ئۇرۇلار قىيان،

    تۈگىمىدى بۇ شېئىر،
    لېكىن مەن ئۆيدە،..
    ئەي قەدىرلىك ئەخمىقىم
    چىكىت دېگەن تۇرار قەغەزدە،



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇرېشىت ئېلى , ئوچۇق ئىدى ئىشىكىم... ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-10 9:23:01
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 253
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证