سانلار تەھلىلى
ھەمدۇللا ھۆردىللا سۇغۇز
نۆل
گۇمرانلىقنىڭ مەڭگۈلۈك قەسىدىسى
ئاي كۆزىدە قۇياش مەرسىيىسى
بىر
ئىنسان روھىنىڭ يۈكسەك مەنزىلى
ياراتمىشنىڭ چەكسىز بىر سىرى
ئىككى
يوقىلىشنىڭ روشەن رىسالىسى
شەيتان بىلەن ئادەمنىڭ يېڭى ئەپسانىسى
ئۈچ
مەن ، سەن ، ئۇ
قەدىم ، ھازىر ، كەلگۈسى
بابىل ، ئەرەب ، شەرق
مەڭگۈ ئۇچراشماس سىزىقلار ئارا
روھ تۇرۇشى بولماقتا ئاستا
دۇنيادىكى قاغىلار قارا
تۆت
مەغرىب ، مەشرىق ، شىمال ۋە جەنۇب
ئاق ، كۆك ، قارا ، قىزىل
تەرەپلەر دوقمۇشىدا رەڭلەر توقۇنۇشى
بىر-بىرلەپ يېمەكتە ئۆز گۆشىنى ئۆزى .
بەش
بارماق بىلەپ چۆرگىلەپ دۇنيا
رەڭ تۈزمەكتە قەدىمىي ئىرا .
ئالتە
ئالتە كۈنلۈك ئالەمكەن دەيمىز
قاچان ئۆلۈشنى ئەسلا بىلمەيمىز
ئۆز روھىمىزنى قۇياشتىن ئىزدەيمىز
كىچىكىپ تونۇشقا كۆنۈپ كەتكەنمىز .
يەتتە
بۇ كائىنات ياقتۇرار تاقنى
ئىزدەپ يۈرەرمىش قەلبى ساپساقنى
ياقتۇرمايمىز كۈلرەڭ پاتقاقنى
يولۇقتۇرمايلى روھىي ئاقساقنى .
سەككىز
باي بولۇشنى ئىزدىگەن بۇرھان
چەكسىز چوقۇنارمىش يوقلۇققا پىنھان
ھەقىقەتكە قايتمىغان ئىنسان
روھىيەت چۆلىدە بولماقتا سەرسان .
توققۇز
ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېپيېڭى ئىرا
تولغاق بىلەن تۆكۈلدى نۇرلار
بارلىق ئانىلارغا سالام ئېيت دۇنيا!