تۇرمۇشقا سوئال
بۇزۆھرەگۈل ئەخەت
ئۆزۈمگە پىچىرلاپ
ياق ، كەينىڭگە قارىما زىنھار
قارىساڭلا يېڭىلگىنىڭ شۇ
بەزلىمىسۇن ھېچكىم-ھېچنېمە
ئۆز يولىغا راۋان بولدى ئۇ...
باق ، ئالدىڭغا ئارمانلىرىڭغا
ئىزلىرىڭدىن چىقار گۈل ئۈنۈپ
ياشلىقىڭنى قۇياشىم دەپ بىل
بار ئازابقا قوي جىمجىت كۈلۈپ.
قالسۇن مەيلى ھەممە يىراقتا
چىدام بىلەن ماڭغىن ئالدىڭغا
بويۇن قىسىش-ئۆلۈمدۇر ئۆلۈم
باق ئاسمانغا ، ئايغا ، يۇلتۇزغا.
ئۆلۈپ كەتسۇن نەپرەت ، پۇشايمان
قىزغىن سۆيگىن چەكسىز ئالەمنى
ئۆز-ئۆزۈمگە بولغىن پاسىبان
پەرىشتىلەر ئىزلەيدۇ سېنى!