شام نۇرى
قۇربان ئابلىمىت
كۆيمەكتە شام، كۆيمەكتە يۈرەك،
بىر ئايالنىڭ گۈزەل تېنىدەك.
ئۆيۈمدىكى دەللال تېلېفون،
دەپ قويۇپتۇ ئايالىمغا ھەي.
يىراقتىكى بىر قىزنىڭ،
قەلبىمدىكى مەخپىيىتىنى.
يۈزى قېلىن...
تىللىماقتا ئايالىم مېنى.
سوغۇقچىلىق چۈشتى ئارىغا،
ئىككى بالا قالدى ماڭىلا.
ئېشىپ قالدى ئوخشىمىغان تاماق،
توختاپ قالغان يېزىقچىلىقتەك،
ئۆيدە خۇددى ھېچكىشى يوقتەك.
كەلدى يەنە ئايالىم،
چىدىماستىن ئىككى بالىغا.
بالىلىرىم ئالدى ئارىغا،
مەندىن ئەپۇ سورىدى يەنە،
ئۆي ئىچىگە، قاراپ ھالىمغا.
دەيتتىم ھەمىشە،
ئاياللارنىڭ خۇشاللىقى ئەر.
ئايال،
خۇشاللىقى ئىكەن ئۆيلەرنىڭ،
خۇشاللىقى ئىكەن ئەرلەرنىڭ.
كۆيۈپ تۇرار بىر تال شام،
چېچىپ تال - تال ئۈمىد نۇرىنى.