تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئوغلۇمنىڭ قانىتى(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئوغلۇمنىڭ قانىتى(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    ئوغلۇمنىڭ قانىتى
    چىمەنگۈل ئاۋۇت



    مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇ - زار،
    سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار.
    مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر،
    سەن تامغان كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار.

    مەن تۆككەن تەر بىلەن ياشنايدۇ ئازاب،
    سەن تۆككەن كۆز ياشتا ئۈمىد چايقىلار.
    قىسمىتىم ئاي بولۇپ پارلىسا مۇڭلۇق،
    خىيالىڭ يۇلتۇزدەك تۈنگە تارقىلار.

    ۋىسالنىڭ جەھلىدە بولساممۇ چۇلچۇل،
    ھەر سەھەر باغرىمغائاقىسەن تىم - تىم.
    دۇنيادا ھېچكىمسىز ياشىيالايمەن،
    سەن تۇرغاچ مېھرىمگە چىلىشىپ، جېنىم.

    ئازابىم خىلۋىتى ساڭا ناتونۇش،
    ئاينىيدۇ، ئاھ،ئۇندا مېنىڭ بارلىقىم.
    قۇمۇشلۇق لەيلەيدۇ غالىبلىقىمدا،
    ئانامنىڭ قولىغا چىقسا تارغىقىم.

    زەردابتەك ئىسسىقمەن، ياردەك گۈزەل،
    دادامنىڭ مۇڭلىرىنى يالمايدۇ ئورمان.
    جان بالام، چۇرۇلداپ كەتسەڭ بىتاقەت،
    تۇيۇلار قۇشلارغا كىرگەندەك زۇۋان.

    كۆزۈڭدىن يامرىغان مەڭگۈلۈك ئوتنى،
    پارچىلاپ ئالەمگە چاپساممەن تولۇق.
    تەخىڭگە ئەل بولۇپ كۆكلەر تەبىئەت،
    يار بولغاچ قىسسەدىن ياسالغان قوۋۇق.

    سۆيىسەن تۇپراقنى چاپچىشلىرىڭدا،
    كۆككىمۇۇ سوزىسەن قولۇڭنى ھازىر.
    ئاۋازىڭ چوڭقۇرىدا قۇملارنىڭ تەپتى،
    تاغلارنىڭ سۈلكىتىدىن پارلايسەن ئاخىر!

    بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي

    كەڭ يېيىپ ئولتۇرىمەن ئېتەكلىرىمنى،
    ۋاقتىمۇ شۇقەدەر كەتمەكتە يۇمشاپ.
    ئۇرۇلار دىمىقىمغا ئىسسىق تەر ھىدى،
    يۇلتۇزمۇ چاقنايدۇ مېھرىمدەك قاناپ.

    قىرىقبىر كېچە ھەم كۈندۈزمۇ ئۆتتى،
    سانايمەن بارمىقىمدا كۈنلەرنى تەكرار.
    ناۋادا چۆچەككە ئايلانسا دۇنيا،
    ئوغۇزخان تۇلپارىغا مىنەتتى دەرھال.

    بىر قاچقۇن كېلەتتى دارنىڭ ئالدىغا،
    ياڭى بىر يالغۇز قىز بولاتتى خانىش.
    بۈگۈنمۇ شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتتى ھەي،
    تىلىدىم ئۆزۈمگە چىدام ھەم قارغىش!

    ھېچكىمگە دېمىدىم
    شۇقەدەر تىنچ ھەم رەزىلدۇر ئەتراپ،
    ھىجراننىڭ رەڭگىدە مەي بولدى كۈنلەر.
    ئادەملەر ئۆزىگە تۈزگەن قانۇندەك،
    گۈللەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەكتە ئۈنلەر.

    كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ ھاياجان بىلەن،
    قۇرىغان لېۋىمنى قاناتتىم گۈلدەك،
    ساڭىلا ئايلاندى يەنىلا جېنىم،
    بېغىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالغۇز كېپىنەك.

    ھېچكىمگە دېمىدىم سېغىنغىنىمنى،
    قىياملار زەرداپقا قوشۇلدى بىربىر
    خۇدىنى بىلمەستىن كۆيىدۇ قۇياش،
    مەن يەنە ياشاشقا كۆنىمەن ئاخىر.

    چىداشقا مەجبۇرسەن تەرسالىقىمغا،
    قۇشلارمۇ پەرۋازىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
    كېچىنىڭ يارىسى قالار شۇ پېتى،
    بۇ ئۆمۈر سۇدەكلا ئېقىپ ئۆتىدۇ.

    بىمالال ئۇزايمەن ھەسرەتلىرىم،
    باغرىمدا پورەكلەپ ئېچىلار كەچ كۈز.
    كىچىككىنە بىلگىمبار ئۇل زامانلاردا،
    يارى ئۈچۈن تاياق يېگەن بىرمىڭ ئالتە يۈز.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : چىمەنگۈل ئاۋۇت , ئوغلۇمنىڭ قانىتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-10 4:55:33
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 160
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证