ئىزدېمىگىن مېنى ئۇ يەردىن
قەمبەرنىسا ئەبەيدۇللا ئۇچقۇن
ئىزدىمىگىن مېنى ئۇ يەردىن،
گۈل بەرگىگە قونىۋالغانمەن.
سورىمىغىنمەيىن شامالدىن،
جىمجىتلىققا كېتىۋالغانمەن.
ئىزدىمىگىن چۈشلىرىڭدىن ھەم،
رېئاللىققا مۈكۈۋالغانمەن.
دەپ بەرمەيدۇ قۇياشمۇ بەلكىم،
نۇرلىرىنى سۆيۈۋالغانمەن.
پاك سۆيگۈمنى شېئىرغا ئوراپ،
كۆمۈۋەتتىم قەلبىم قېتىغا.
سېنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ئۈمىد،
قويۇپ قويدۇم تاڭنىڭ يېنىغا.
ئىزدىمىگىن تاشلىنىپ قالغان،
خەتلىرىمنىڭ مىسكىن بىتىدىن.
گەر خالىساڭ ئىزلەپ كۆر مېنى،
يۈرىكىڭنىڭ تىۋىشلىرىدىن.