ئايالنىڭ كۆزلىرى
مۇتەللىپ ماڭسۇر (ئوۋچى)
كۆزلەر... سۆيگۈجەزىرىسى كەتكەن ئۇ مۇزلاپ
ئەينەكلەردە يەر تەكتىدىن باقار ئۇ قىيا.
مىڭ نازاكەت... مىڭ لاتاپەت... ئۆلەي! مەن ئۆلەي،
كۆكرىكىمنى تۇيدۇرماستىن يارار ئۇ گويا.
ھەيھات! سېنىڭ سۆيگۈ ئۈچۈن توۋلىغان كۈيۈڭ،
ئۆلگەن روھىم ئاخشىمىدا ياندۇردى يالقۇن.
ئەگەر راستتىن دېڭىز بولساڭ شاۋقۇنلا، ئۆرلە!
مەن باغرىڭدا پارە-پارە ئەيلەنگەن دولقۇن!
كۈيدەك گۈزەل گۈلشەنلەردە ئەيلەيدۇ ناۋا،
ۋۇجۇدلارنى يېرىپ چىققان سەرگەردان لاۋا.
ئەتىرگۈللەر لەۋلىرىنى سوزغاندا ئاستا،
جان بېرىدۇ كۆكرىكىمدە مەست بولغان ھاۋا.
تەنلەر ئويناق، روھلار قۇۋناق، ناخشىنىڭ مەۋجى
غالجىر كېچە ئەينىكىگە چۈشمەكتە لەيلەپ.
لاۋۇلدىغان جەزىرىدەك كۆزلەرنىڭ سېھرى
ئۇخلاتماقتا كۆڭۈللەرنى خارامۇش ئەيلەپ...