ئۆي كۆچۈش
مۇختار داۋۇت
مۇھتاجلىق سېرىقتال كۈنلەر ئىچىدىن،
يۈرەك بېغىشىغا تەگدى بىردەمدە.
ئاتا - ئانىلارنىڭ ھامىيلىقىسىز،
ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى سەزدى بىر بەندە.
ئىلگىرىكى نامراتلىق نامراتلىق ئەمەس،
ئۆي ئىگىلىرى ئالدىدا
چىناردەك قامەتلەر پۈكۈلۈپ يادەك،
گۈلدەك يۈزلەر تاتاردى تامدەك.
غېرىپ كۆڭۈل يانچۇقۇڭنى يوقلايدۇ،
كۆزنەكلەردىن مارىدى كۈز ئالدىرا.
ئەتىۋامۇ يۈرەك داغلار باھالار
تۆت جان مۇھىم، بوپتۇ، بوپتۇ، بوپتۇلا...
داۋاملىشار ئەنە شۇنداق ئۆي كۆچۈش،
بىرنى ئالساڭ يەنە بىرسى قالىدۇ.
ئالماي بولماس ھەممىسىنى بىرمۇبىر،
بىرسى قالسا يەنە ئەشۇ نامراتلىق
رەھىم قىلماي ياقاڭدىنلا ئالىدۇ.
تۇرمۇش سىرلىق ئەركىلەيدۇ ناز بىلەن،
سىغىپ كېتەر تار ئۆيگە كەڭ قامىتىڭ.
تەرلىرىڭدىن كۆكلەتمىسەڭ بىر زېمىن،
ئۆي كۆچەرسەن يەنە كەلسە ئامىتىڭ.