«ئاي»دىن گۇمان
م. تۈركۈن
پەقەت چۈشلا مەۋجۇت بۇ كېچە،
سۆيۈشمۇ يوق، سۆيۈلۈشمۇ ھەم،
غۇۋا يانار ئۈستەل چىرىغى،
شامال چوقۇم ئاينىڭ تىنىقى.
كېچە تىمتاس، ئۇيقۇدا سايەم،
رومكىلاردا كۈتۈش شارابى.
ساقال بېسىپ ئېڭەكلىرىمنى،
چىرمىۋالدى تىلەكلىرىمنى.
ئاينى سۆيدى بۇلۇت داڭلىتىپ،
يۇلتۇزلارنى توسۇپ ئالدىراپ.
«ئاي يۈزىدە داغ بار!» دېگەن كىم؟
ئايمۇ گىرىم قىلغاندۇر بەلكىم...
پەقەت چۈشلا يوقتۇر بۇ كېچە،
سۆيۈشمۇ بار، سۆيۈلۈشمۇ ھەم.
ئۆچۈرۈلدى ئۈستەل چىرىغى،
ھار بىلىنگەچ ئاينىڭ قىلىقى.