تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تەشۋىشلىك ئويلار(ھەسەنجان ئوبۇل)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17533
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تەشۋىشلىك ئويلار(ھەسەنجان ئوبۇل)

    تەشۋىشلىك ئويلار
    ھەسەنجان ئوبۇل



    ئاي ماڭا باغقاندائانامدەك كۈلۈپ،
    كېتىمەن سائەتلەپ خىيالغا چۆكۈپ.
    ئاھ! ۋاقتىم كەتتىغۇ، بەختىممۇ كەتتى،
    سەبىيلىك چاغلارمۇ كەتتىغۇ ئۆتۈپ.

    قانمايتۇق خاماندا موللاق ئېتىشىپ،
    ئوينايتتۇق غازاڭدىن كاۋاپ ئېتىشىپ.
    چاپاتتۇق «ھۇررا!» دەپ جەڭگاھقا قاراپ،
    سۇندۇرۇپ چىۋىقنى «ئات» قىلىپ مىنىشىپ.

    تۇيدۇرماي كەتتىغۇ گۆدەكلىكىممۇ،
    (يتقانغا ئايلاندى يۆگەكلىكىممۇ).
    تېز كەتتى ئالتۇن چاغ، كەتتى ئۆزگىرىپ،
    ئۆزۈممۇ، سۆزۈممۇ، تەنتەكلىكىممۇ.

    تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان تۈنۈگۈن،
    نەلەردە يۈرۈيمىز ئەمدى بىز بۈگۈن.
    ئۆتكۈزۈپ بۇنىمۇ كۈلۈپ - قىيدىشىپ،
    ھەسرەتتە ئاھ ئۇرۇپ قالىمىز ئۆگۈن!

    بولدىلا، تۇرغىچە كۆپ خىيال سۈرۈپ،
    ئورنىدا ئۆتمەيمۇ بىلىم ئۆگىنىپ؟
    تاڭ ئېتىپ ھېلىلا بۇ خىيال بىرلە،
    قالماي مەن، تېخىمۇ دەردكە كۆمۈلۈپ!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھەسەنجان ئوبۇل , تەشۋىشلىك ئويلار ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-10 3:40:41
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 183
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证