يېرىملىق
نۇرشات مەمتىلى
يېرىمىڭ ئادەمسەن، يېرىمىڭ ھايۋان،
يېرىمىڭ ئارمانسەن، يېرىمىڭ دەرمان.
يېرىمىڭ شامالسەن، يېرىمىڭ بوران،
يېرىمىڭ ئىمانسەن، يېرىمىڭ گۇمان.
يېرىمىڭ ئۇخلىسا، يېرىمىڭ ئويغاق،
يېرىمىڭ ئوت بولسا، يېرىمىڭ توڭغاق.
يېرىمىڭ مۇھەببەت، يېرىمىڭ نەپرەت،
يېرىمىڭ مەغرۇردۇر، يېرىمىڭ دوڭغاق.
يېرىمىڭ راستچىللىق، يېرىمىڭ ساختا،
يېرىمىڭ ئەركەكسەن، يېرىمىڭ ئاختا.
يېرىمىڭ دېمەككى ئۆزۈڭگە دۈشمەن،
يېرىملىق سەن ئۈچۈن ئۆچمەس بىر قاشقا.
يېرىمىڭ قوغلاپلا ئۆتەر ئۆتەر ئۆزىنى،
يېرىمىڭ سۆرەيدۇ ئۆز جەسىتىنى.
يېرىمىڭ قەھرىمان، يېرىمىڭ خائىن،
يېرىملا يازارسەن شۇڭا ئىسمىڭنى.
يېرىمىڭ ئېچىلسا يەردە گۈل بولۇپ،
يېرىمىڭ تۆكۈلەر يەرگە كۈل بولۇپ.
يېرىمىڭ كولايدۇ يېرىمغا ئورا،
يېرىمىڭ ئورىنى بارار تولدۇرۇپ.
يېرىمىڭ ئۆتىدۇ كۈلۈپلا يايراپ،
يېرىمىڭ ئۆتىدۇ ماتەملىك سايراپ.
يېرىمىڭ ئادىلدۇر، يېرىمىڭ ناھەق،
شۇ سەۋەب ئۆتىسەن ئۆزۈڭنى تىڭشاپ.