تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› روھ سەلكىنى چىققاندا گۈر-گۈر(قۇربان داۋۇت شاھىدى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    روھ سەلكىنى چىققاندا گۈر-گۈر(قۇربان داۋۇت شاھىدى)

    روھ سەلكىنى چىققاندا گۈر-گۈر
    قۇربان داۋۇت شاھىدى



    يۈرەك قۇش

    بىر مىسرا شېئىرنى چىشلىگەن پېتى،
    ئۇچۇپ كەت يۈرىكىم بۇ قاقشال تەندىن.
    چېقىلغان چىنىدەك قالسۇن سۆڭىكىم،
    بۆلۈپ بەر ھەم ئۇنى ئوغلۇمغا تەڭدىن.
    شاماللار ئارىلاپ يېرىلسا لېۋىڭ،
    شۇ مىسرا باغرىدا يېشىم بار ئىچكىن.
    بىر لېۋەن ئۈمچىيىپ يىقىلسا بىھوش،
    سەن ئۇنى تونۇۋال، تونۇۋال كىمكىن.
    بۇلاقلار بويىنى ئەگىمە زىنھار،
    ئاھ، بىلىپ بولمايدۇ كۈتەمدۇ قىلتاق!
    سەن ئەمەس ئوۋچى قۇش كۆزى تېڭىلغان،
    پەرۋازىڭ پەقەتلا ئۆزۈڭگە قونداق.
    يىراقلاپ كەت ھامان تونۇش گەۋدىدىن،
    ئۇ سېنىڭ دەردىڭگە بولالمىدى دال.
    شۇ ئۇزۇن سەپەردىن كەلسەڭ ناۋادا،
    بىر بالا ئالدىڭغا چىقار ئېھتىمال.
    سورىسا ئۇ سەندىن كەچمىش ھەققىدە،
    بەر ئاڭا بىر ئاق پەي ئىككىلەنمە ھېچ.
    سورىسا ئۇ سەندىن ئۆزى ھەققىدە،
    سۆيۈپ قوي مەڭزىگە ئۆتۈپ كەتكىن تېچ.
    ئېھ، مېنىڭ قۇش بولۇپ ئۇچقان يۈرىكىم!
    چىغىر يول كۈيىنى ئۆتەرسەن ئاڭلاپ.
    چوغلانسا تەلپۈنۈپ دالىدا يۇلغۇن
    بىر تامچە ئارماننى بېرەرسەن تاشلاپ.

    ئېھ، مۇئەللىم باغرىڭ گۈلىستان

    قېنىڭ بىلەن ياندۇرۇپ مەشئەل،
    ياشاپ كەلدىڭ بولۇپ سەمەندەر.
    ئەقىدەڭگە ئوقۇيدۇ غەزەل،
    ئىزلىرىڭدا ئۈنگەن نېلۇپەر.
    باھار قىلدىڭ قەھرىتان جۇتنى،
    قەلبلەردە پارلىتىپ قۇياش.
    سەن ئۆزگىچە ھېس قىلدىڭ قۇتنى،
    گۈزەللىككە بولۇپ چىن سىرداش.
    سىنىپلارغا كىرسەڭ ھەر نۆۋەت،
    قوللىرىڭدا كۆتۈرۈپ كىتاب.
    كىردى دەيمىز دىللارغا سۈلكەت،
    چىن ئىنسانلىق ھەققىدە خىتاب!
    دوسكىلارغا چاپتۇرساڭ تۇلپار،
    چوغ قالىدۇ دىلدا بىر قۇچاق.
    سۈكۈت باسقان تەنلەر لاۋۇلدار،
    ئوت چاقناتسا تاشلاردا تۇياق.
    ۋۇجۇدلاردا ئۈزگەن تۈتەكنى،
    دەپ بېرەلمەس ئەمدى گولۇبۇس.
    قەدىم ئىزنى، يۈتكەن چۆچەكنى،
    سۆزلەپ بېرەر دىيار ۋە ئۇلۇس.
    سەن مۇئەللىم ئىرپان جەڭچىسى،
    سەندىن قايتا يارالدى ئىنسان.
    سەن گۈزەللىك، ھەقنىڭ جارچىسى،
    ئېھ، مۇئەللىم باغرىڭ گۈلىستان!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قۇربان داۋۇت شاھىدى , روھ سەلكىنى چىققاندا گۈر-گۈر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-10 3:01:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 122
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证