ئۇنتۇپ كەت
ئەخمەتجان قىرمىش
ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، چەكمىگىن ئازاب
بىغۇبار كۆزۈڭدىن تامچىمىسۇن ياش.
ئۇنتۇپ كەت لېۋىگە سۆيگىن ئۈمىدنىڭ-
ۋاپاسىز شۇ يارنى سۆيگىنىڭ ئوخشاش.
قايغۇڭنى ئۆزگىگە بىلدۈرمە زىنھار،
يىغلىما ئۆزۈڭنى سۆيسەڭ ئەگەر سەن.
تەبەسسۇم ئەگىسۇن يۈزلىرىڭنى قىز،
بەختلىك بىر كۈنۈڭ بولىدۇ جەزمەن.