سۆيگۈ تەلپۈنۈشى
قۇربان ئابلىمىت
كەچكۈز گۈلى ئىكەن مۇھەببەت،
توزۇش ئۈچۈن ئېچىلغان.
يۈرىكىم،
جەڭ مەيدانى قانغا بويالغان،
ئات تۇياقلىرى دۈپۈلدەپ تۇرغان.
گۈل ئېچىلمايدۇ،
ئېچىلغىنى تەلپۈنۈش.
سۆيەلمەسلىك ئازاب ئەمەس،
ئەڭ يامان،
سۆيۈپ بولۇپ ئازابلىنىش.
گۈللەرنى ئۈزىمەن تىكىنى بىلەن،
گۈل توزىسا سولىشار ياپراق.
ھايات قان بولۇپ ئاقار تومۇردا،
قان ئەمەس ئاققىنى سۆيگۈ ۋە پىراق.