تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› «قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17298
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    «قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى)

    «قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇۋەششەھ)
    مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى



    تەپەككۇر قۇشلىرىڭ پەرۋاز ئېتىپتۇ زەپ ئېگىز، دوستۇم،
    كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى گۈزەل مەرمەر دېڭىزى، دوستۇم.

    ئۇرار دولقۇن سېلىپ شاۋقۇن شۇ خىلۋەت قىز قۇمى①بويلاپ،
    ھاياتبەخش كۈچ ئالار، بەلكى بۇنىڭدىن ئاشۇ قىز، دوستۇم.

    رىۋايەت، قىسسە سالغايمۇ يۈرەكنى لەرزىگە مۇنچە،
    تۈمەن ئاشىق غۇرۇر بىرلە شۇياققا ساپتۇ ئىز، دوستۇم.

    سەبىي قىز ئول سەبىخە ھەم شۇ يولدا، ئۇ بىلەر شەكسىز،
    نېمنەرسە بۇ جاھاندا ھەممىدىن شېرىن-لەزىز، دوستۇم.

    ئۇزاق باقتىم شۇ ئىزغا، ئاھ، ئەجەبدۇر كۆڭلى ئىنساننىڭ،
    ئاشۇنداق ئۆزگىچە ئاشىق سەنەملەر پەخرىمىز، دوستۇم.

    نەپىس تەسۋىر، گۈزەل ھېسلار، ھايالىق جۈملە-سۆھبەتلەر...
    ئۇزاتتىڭ ياز-تومۇز پەسلى گويا مۇزدەك قىمىز، دوستۇم.

    ئالار لەززەت ئۇنىڭدىن ساپ-سەمىمىي ھېسسىياتلىق زات،
    يېگەندەك دىلبىرى تۇتقان تىزىقتىن قوش مېغىز، دوستۇم.

    يۈرەكتىن ئاپىرىن دەيدۇ ھالال ئەجرىڭگە تەشنائى،
    كامال تاپ، ئەللىك ئۈچ يىللىق ساۋاقدىشىم، ئەزىز دوستۇم.

    («قىز قۇمى» — مەرمەر دېڭىزى تەۋەسىدىكى كىچىككىنە بىر ئارالنىڭ نامى، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ «قىز قۇمى» ناملىق پوۋېستىنىڭ ماۋزۇسى.)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى , «قىز قۇمى»غا بېغىشلىما , مۇۋەششەھ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-8-5 7:18:07
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 134
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证